سەنئەتكار ئازادجان ئىبراھىم
يېڭىلىققا ئىنتىلىپ راۋاجلىنىپ كۈنسىرى، ئېشىپ يەنە ئاجايىپ ماھارىتى ھۈنىرى، ئىستىتىك زوھ بېغىشلاپ چولپان بولۇپ ھەربىرى، ئەل كۆڭلىنى شاد-خۇرام قىلىدىكەن سەنئەتكار.
يىتىشتۈرگەچ ئۆزىدە ماھارەت ھەم ئىقتىدار، شۇنداق چېچەن ئىجادكار،ھەركەتلىرى جەزبىدار، ياراتقىنى يېقىشلىق ،بولغاچ گۈزەل جەلىپكار، كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سالىدىكەن سەنئەتكار.
ئىلھام ئېلىپ ھەيۋەتلىك ئېگىز-ئېگىزتاغلاردىن، ھوزۇر ئېلىپ ئاجايىپ مىۋىزارلىق باغلاردىن، ئۆرنەك ئېلىپ،زوھ ئېلىپ بۇ بەختىيار چاغلاردىن، ئىجات قىلىپ ئېسىل كۈي چالىدىكەن سەنئەتكار.
چىقىدىكەن سەھنىگە قاينىغاچقا ئىچىدىن، چىقىدىكەن شوخ ناخشا يەنە يۈرەك قېتىدىن، چىقىدىكەن كۆپ چولپان شۇڭا سەنئەت سېپىدىن، شۇنداق چېچەن ئوت يۈرەك بولىدىكەن سەنئەتكار.
ھەر دەقىقە ھەر مىنۇت توختىماستىن ئىزدىنىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈندىن. كۈنگە يىتىلىپ، نوتىلىرى چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ سەپكە قېتىلىپ، يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرىدىكەن سەنئەتكار.
ئۆتۈپ گۈزەل ياشلىقى قېرىلىقلار يەتسىمۇ، رىسقى تۈگەپ دۇنيادىن كەلمەس يەرگە كەتسىمۇ، ئارىمىزدىن كەتكىلى ئۇزۇن يىللار ئۆتسىمۇ، ئەل قەلبىدە ساقلىنىپ قالىدىكەن سەنئەتكار.
جاپاسىغا سەنئەتنىڭ چىداپ دائىم تىرىشىپ، ئۆلمەس ئەسەر ئىجاد قىپ بوشاشماستىن كىرىشىپ، بىر-بىرىگە ئۆگىتىپ ئىلھام مەدەت بېرىشپ، ئەلدە يۈكسەك شان-شەرەپ ئالىدىكەن سەنئەتكار.
روھى جۇشقۇن ھەردائىم خوشال-خۇرام يۈرگەچكە، تەبىئەتتىن زوھ ئېلىپ ھايات پەيزىن سۈرگەچكە، گۈزەللىكنى چىنلىقنى ئەلدىن بۇرۇن كۆرگەچكە، قىممىتىنى ھاياتنىڭ بىلىدىكەن سەنئەتكار. 2015-يىلى 11-فېۋرال كۈنەس |