تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 2

چۈشەنمىسەڭ سۆكمە ھەرگىز بىرىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

311

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3233

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
465
مۇنبەر پۇلى
1841
ئىشەنىچ
465
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 12:45:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىسەڭ سۆكمە ھەرگىز بىرىنى
ئازادجان ئىبراھىم

بۇلغانمىسۇن ۋىژدانىڭ ھەم غورۇرۇڭ،
بىرلىرىگە  خوشامەت قىپ ئۆتمىگىن.
ئادىمىلىك ،ساخاۋەتلەر باشقا گەپ،
تاپتىن چىقىپ ئىناۋەتنى تۆكمىگىن.


بەزىلەر بار قەدىرلەيدۇ دوستلۇقنى،
ئايىمايدۇ دوستتىن ھەتتا جېنىنى.
بەزىلەر بار خوشامەت قىپ ياشايدۇ،
تېپىپ بېرىپ  بىرلىرنىڭ  نېنىنى.


بەزىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن كەتمەيدۇ،
ئۆگىتىدۇ ئۆزگىگىمۇ ياماننى.
خوشامەتتىن ئۆزلىرىگە  نەپ ئالسا،
ئويلمايدۇ زىنھار ئۇلار ئاۋامنى.


قوغلىشىدۇ خوشامەتچى بىر ئۆمۈر،
كۆزلەپ پەقەت بىرلىرىنىڭ پۇلىنى .
بەزىلەربار پەزىلەتلىك ،ئاق كۆڭۈل،
ئۆگىتىدۇ ساڭا  ئىشنىڭ يولىنى .


قىلغىن پەقەت ئەل يۇرتۇڭنىڭ غېمىنى،
پەزىلەتسىز ،خوشامەتچى بولمىغىن.
شەخسىيەتچى نا ئىنساپقا ئەگەشمەي،
ساخاۋەتچى ،ئېسىللەرنى قوللىغىن.


يۈكسەلدۈرەر ئادەملەرنى پەقەتلا،
تىرىشچانلىق،ئۈمۈتۋارلىق ،ئىزدىنىش.
نابۇت قىلار سېنى ھامان ۋاقىتسىز،
كۆرەلمەسلىك، ئىچىتارلىق قىزغىنىش.


دىلكەشلىرىڭ ياخشى بولسا ناۋادا،
سېنى ئۇلار دائىم ئالغا باشلايدۇ.
ئەگەشسەڭ گەر ناباپلارنىڭ كەينىدىن،
كېرەكسىز قىپ سېنى بىركۈن تاشلايدۇ.


ئالدىراپلا باھابەرمە بىرىگە،
بىلمەيتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچكى سىرىنى.
ئېھتىيات قىل گەپ قىلغاندا ھەرقاچان،
چۈشەنمىسەڭ سۆكمە ھەرگىز بىرىنى.
2015-يىلى 15-فېۋرال كۈنەس

10

تېما

24

ئەگەشكۈچى

5252

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2814
مۇنبەر پۇلى
2610
ئىشەنىچ
2814
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەخمەت سىزگە !
شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم .

311

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3233

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
465
مۇنبەر پۇلى
1841
ئىشەنىچ
465
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ياۋا غاز!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:22, Processed in 0.098482 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش