ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ ئازادجان ئىبراھىم
دائىم ھوزۇر ھالاۋەتلەر كۆرەلەيسەن، ئەلدىن ئېلىپ ،ئەلگە يەنە بېرەلەيسەن، ھەممە يەردە خوشال-خۇرام يۈرەلەيسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
ھەرقەدەمدە سۈرۈنمەيسەن يىقىلمايسەن ، يۈز تاپىسەن ھەرگىز چەتكە قېقىلمايسەن، ناچارلارنىڭ سېپىگىمۇ قېتىلمايسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
پەرۋازقىلىپ ئېگىزلەردە ئۇچالايسەن، يولدىن ئازماي ئۆزۈڭنى ھەم تۇتالايسەن،
روناق تېپىپ شان-شەرەپلەر قۇچالايسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
ئۆز-ئۆزۈڭنى باشقۇرۇپمۇ كىتەلەيسەن، ئېغىر سىناق بايقاشلاردىن ئۆتەلەيسەن، گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلارغا يىتەلەيسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
روناق تېپىپ ئۆزگىلەردىن ئاشالايسەن، ئىلگىرلەيسەن ئۆز بەختىڭنى تاپالايسەن، بىر جېنىڭنى يەنە گۈلدەك باقالايسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
تەڭتۇشلەرنىڭ باشلامچىسى بولالايسەن، چوڭ-چوڭ ئىشنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيسەن، ئۆزگىنىمۇ شاد-بەختىيار قىلالايسەن، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
پۈتمەيدىغان ئىشلارنىمۇ پۈتكىزىسەن، كۈنلىرىڭنى خىجالەتسىز ئۆتكىزىسەن، باشقىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىسەن ، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ.
ھېچ كىم سەندىن يىراقلىشىپ چەتنىمەيدۇ، قەدىرلەيدۇ ،كەمسىتمەيدۇ ،يەكلىمەيدۇ، ئۆز ئورنىڭدىن باشقا يەرگە يۆتكىمەيدۇ، ئۆز ئىشىڭنى ئۆزۈڭ تېپىپ قىلالىساڭ. 2015-يىلى 21-فېۋرال كۈنەس |