تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1023|ئىنكاس: 6

ۋەكىل ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

0

ئەگەشكۈچى

329

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
تەڭرىتاغ ئوغلانى
تۆھپە
41
مۇنبەر پۇلى
211
ئىشەنىچ
41
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:53:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەكىل ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى


    مىلاقىز بەكرى
    جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 6 – مارت مەن زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىمىندە، ئۇ تەكلىپ لايىھەسىنى تۈزىتىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.
    ئۇ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇنجى ھەم بىردىنبىر ئۇيغۇر ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى ‹‹يول ئاچقۇچى››. 2013 – يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ۋەكىل بولۇپ قالدى.
    كونىلاردا ‹‹تۇلپار قېرىسىمۇ تۇيىقى سوۋۇماپتۇ›› دېگەن گەپ بار، بۇرچۇم ئۆزۈمگە بەك ئايان، شۇڭا باشتىن – ئاخىر ئۇنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن، دېدى ھوشۇر ئىسلام.
    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى 2014 – يىلى ئەڭ قىزىق تېمىغا ئايلاندى، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ مۇشۇ پۇرسەتتە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا شىنجاڭنى باشلامچى، يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا پائال تەپەككۇر يۈرگۈزدى.
    مەن يەنىلا ئىشنى ئۆزۈمگە پىششىق بولغان ساھەدىن باشلاشنى ئويلاشتىم، دېدى ئۇ.
    دەرۋەقە، ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام يىل بېشىدا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، يىپەك يولى ئۇچۇر كارىدورى بەرپا قىلىش نۇقتىسىدىن جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى.
    مەن ئاپتونوم رايونىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردە تۈرلۈك مۇنبەر، تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىرلىشىپ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، پىكىر – قاراشلىرىمنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتىم، دېدى ئۇ.
    ھوشۇر ئىسلامنىڭ ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئىگە بولغان يېڭىچە تەپەككۇرى ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ياخشى تەكلىپلەرنىڭ ئاساسى بولدى.
    بۇلتۇر 4 – ئاينىڭ ئاخىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، ھوشۇر ئىسلام تەتقىقات، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات بەردى.
    مەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سودا ئوبوروت مەركىزى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم، باش شۇجىغا يەنە ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى ئەھۋالىنى، شۇنداقلا شىنجاڭدا تور ھېسابات مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش جەھەتلەردىكى تەسەۋۋۇر، تەدبىرلىرىمنى دوكلات قىلدىم. باش شۇجى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم نۇرغۇن تەكلىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن كۈچلۈك ئىلھاملاندىم، دېدى ئۇ.
    ھوشۇر ئىسلام بۇلتۇر 7 – ئايدا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا كۆپ قېتىم ھەمراھ بولۇپ بىر تۈركۈم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا يوللىدى. ھازىر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى››نى تەييارلاپ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ نۇرغۇن قان – تەرى سىڭگەن.
    ھوشۇر ئىسلام يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، مول بىلىمى ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ: ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆز ئەتراپىدىكى ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن چەكلەنمەي، ئومۇمىي ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان نەزەر دائىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك›› دەپ قارايدۇ. 2013 – يىلى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ يەرگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرى توپلانغانلىقى، ئەمما سودا ياخشى بولمىغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال قەشقەر ۋىلايىتى رەھبەرلىرىگە دۆلەت ھالقىغان تور سودىسى ۋە ئەشيا ئوبوروت رايونى قۇرۇپ، سودا ئوبوروتىنىڭ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››ىنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. قەشقەردە بۇ جەھەتتىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىللىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شېنجېن ‹‹جۇڭشىن›› خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، مەزكۇر شىركەت تېزلا مەخسۇس تەكشۈرۈش خادىمى ئەۋەتتى ھەم يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقتى. ھوشۇر ئىسلام غەربىي رايون ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولۇشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جياڭسۇ شۈجۇ شەھىرى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئومۇمىي ساھە بويىچە تەرەققىيات سۇپىسى تەسىس قىلدى، ئىككى جاي ئۇچۇر تېخنىكىسى، قېزىلما بايلىقتىن پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەھەتتە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلاشتى.
    ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى. ئۇ 2013 – يىلى خەلق قۇرۇلتىيىدا شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبىي رايوندىن ئىبارەت ئۈچ ئۇچۇر تونېلىنى ئېچىپ، شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەۋەرلىشىش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى جۇڭگو خەۋەرلىشىش شىركىتى قازاقىستاندا دۆلەت ھالقىغان خەۋەرلىشىش سىستېمىسى قۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.
    2014 – يىلى ھوشۇر ئىسلام خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا شىنجاڭدا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىنى ئەركىن ئايرىۋاشلاش مەركىزى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل ھوشۇر ئىسلام تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ‹‹كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش›› قاتارلىق بىر قانچە تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى.
    ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سالغاندىلا ئاممىنىڭ ياخشى ۋەكىلى بولغىلى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دېدى ئۇ. ھوشۇر ئىسلام يەنە خەلقنىڭ ساداسىنى داۋاملىق مەركەزگە يەتكۈزۈپ، داۋاملىق پىكىر – تەكلىپ بېرىشنى يېڭى بىر يىلدا بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ‹‹يېڭى نورمال ھالىتى›› قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1919

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
278
مۇنبەر پۇلى
1639
ئىشەنىچ
278
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 15:26:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇشۇر ئىسلام  ئاكا بىزنىڭ پەخرىمىز، ئۇنىڭغا سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1340

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
517
مۇنبەر پۇلى
826
ئىشەنىچ
517
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 21:05:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يولداش ھۇشۇر ئىسلامنىڭ تۆھپىسى ئارقىلق ئىنتىرنىتتا چىرايلىق خەتلىرمىز ئارقىلق ئۇچۇر ئالاقە قىلىۋاتىمىز  بۇنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھەرقانداق بىر ئەقىل  ئىگىسىس بۈلىش كىرەك چۈنكى سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دەيدۇ
ئاخىردا تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئۆمرىڭىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ھۇشۇر ئاكا

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

911

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمتىمىن
تۆھپە
267
مۇنبەر پۇلى
625
ئىشەنىچ
267
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 21:28:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن

13

تېما

0

ئەگەشكۈچى

870

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
189
مۇنبەر پۇلى
590
ئىشەنىچ
189
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:32:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توعرا ئۇنىڭعا ھەممىمىز «ئۇنىڭغا سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش»شىمىز كىرەك...

باھا سۆز

غۇرۇر ھوشۇر ئىسلامغا سالامەتلىك ،ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،ئامان بولۇڭ خەلىق كۈيىچىسى .  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 17:40

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

312

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
72
مۇنبەر پۇلى
240
ئىشەنىچ
72
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 13:50:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوشۇر ئىسلامنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھبىسىنى مەھمۇت قەشقەرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلانىڭ تۆھبىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن .يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى بەرپا قىلشتا خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن موھىم ،بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن موشۇنداق ئالىملىرىمىزغا يېقىندىن ماسلىشىپ ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتمىزنى ئادا قىلىشىمز كىرەك .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 19:40, Processed in 0.113539 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش