ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىستىداتلىق شائىر، پەيلاسوپ، جامائەت ئەربابى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر- يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن، 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3:30 دە، «چىرائىنساب كىتابخانىسى» نىڭ مەسئۇلى مەمەت ئابدۇللا مەمتۇرايىمنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، كېرىيەدىن قايتىش سەپىرىدە چىرا ناھىيەسىگە يىتىپ كەلدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن «چىرا ئىنساب كىتابخانىسى» دا ئۆزىگە ساقلاپ تۇرغان چىرىدىكى ئەدىبلەردىن مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن، مەخمۇت سىدىق، دولقۇن جاپپار، ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش) ھەمدە ئىلىم سۆيەر ياشلار، ئەدەبىيات ئاشىنالىرى قاتارلىقلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ 30 مىنۇتتىن ئارتۇق قىزغىن سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتكە قاتناشقان 20 گە يېقىن كىشى زور ئىلھام ۋە ھاياجانغا تولدى. بۇ قىممەتلىك دەقىقىلەردە ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بىرگە بولغان ئەدىبلەر ۋە ياشلار بەس- بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كىتابلىرىغا ئىمزا قويغۇزىۋالدى. قىممەتلىك 30 مىنۇتتىن ئارتۇق جۇشقۇن، قايناق كەيپىيات ئاتا قىلغان بۇ جامائەت ئەربابى چىرا ئەدىپلىرى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ خوتەن شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى. سۈرەتتە: ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن بىرگە بولغان ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردىن كۆرۈنۈشلەر.
|