ئىزنار مۇختەرجان مۇھەممەت
مارلاۋاتىدۇ،
ئىككى دانە مارجان.
ئىككى چىكەمدىن،
ئېتلىپ چىققۇدەك.
سىقىۋاتىدۇ،
نەپسەمنى بوغۇپ.
ئۆلتۈرمەكچى بولماي،
قىيناۋاتىدۇ.
بېرەتتىم جاننى،
قوينىغا ئېتىپ ئۆزۈمنى.
قوش قوللاپ تۇتۇپ،
ئەزرائىل قولىنى.
ئەپسۇس،
ئۆلتۈرمەيتتى.
قىينايتتى يەنىلا،
يۈرۈگۈمنى مۇجۇپ.
گىلىمنى بوغۇپ،
سۆيەتتى يۈزۈمنى.
مەڭزىمدىن بويلاپ،
قېنىمنى شوراپ.
پۈتكۈل جىسمىمنى تىتىرتەتتى،
ياكى ئالمايتتى جېنىمنى.
قۇتلۇشۇمدىن،
ئەسەر يوق ئەسلا.
چۈش كۆرمىدىم،
ئەنسىز سوققاندا يۈرەك.
تىلەيتتىم ئۆزۈم،
ماڭا ئۆلۈم كىرەك.
كۆز ياشلىرىمنى،
سۆيمە مىنى دەپ.
ئۇراتتىم يۈرەكنى،
سوقما بولدى دەپ.
سۇئال سورىسا،
ئەزرائىل مەندىن.
بىرەتتىم جاۋاپ،
ماڭا قەبرە كېرەك.
2015- يىلى 3- ئاينىڭ 6 - كۈنى.
لەنجۇ.
|