- تىزىملاتقان
- 2012-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 365
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
 
- تۆھپە
- 27
- مۇنبەر پۇلى
- 325
- ئىشەنىچ
- 27
| ئۇيغۇرلاردىكى چايخانا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمدىن تاھازىرغىچە نۇرغۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، زامانىمىزگە كەلگەندە تەرەققىيات ۋە شەھەرلىشىش، شۇنداقلا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم جايلاردا ئاللىقاچان يوقولوپ، ئۇنىڭ ئورنىنى زامانىۋىلاشقان چايخانىلار، قەھۋەخانىلار ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئەشۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولغان، ھەممە بىرگە ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ ئۆز پاراڭلىرىنى سىلىشىپ، بىرگە ھال مۇڭ بولىدىغان، دەردىگە دەرمان بولوشوپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇپ، خۇشاللىقىغا ئورتاق جور بولىدىغان ئەشۇ ئىسىل خىسلىتىمىز ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىپ بولدى. ھەممە ئۆزئىشى بىلەن ئالدىراش مۇشۇنداق بىردەۋىردە رايۇنىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنىلا قەدىمكى ئۇيغۇر چايخانىلىرنىڭ ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان بولوپ، بۇ جايدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولوپ، ھال-مۇڭ بولوشقاچ ئەڭ ئىللىق مۇلازىمەت، ئەڭ ئەرزان ناشتىلىقتىن بەھرىمان بولوپ كەلمەكتە. قەدىمقى چايخانىلارھازىر يوقولوش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولوپ، ئاز بىر قىسىم ئورونلاردىلا ئۆز خاسلىقى بىلەن ساقلىنىپ قالماقتا، تۆۋەندە مەن ھۆزۇرۇڭلارغا يەكەن ناھىيە كونا شەھەر رايۇنىدا ئۆز خاسلىقى بىلەن ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر قەدىمى چايخانىسى تېما قىلىنغان بىر قانچە پارچە سۇرەتنى سۇنماقچىمەن.
چايخانا ئالدىدىلا ناۋايخانا بار بولۇپ، كىشىلەر بۇيەردىن بىر يۈەنگە بىردانە قىزىرىپ پىشقان گىردىنى ئىلىپ چايخانىغاكىرىپ ئۆز ئارا ھال-مۇڭ بولوشقاچ، ئەڭ قىزغىن مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولغاچ. ئەڭ ئەرزان بولغان ئەتتىگەنلىك ناشتىسىنى قىلىپ، ئۆز تىرىكچىلىگىنى باشلايدۇ. بۇ ئاددى چايخانىدا مەيلى قانچىلىك ئابرۇيلۇق كىشى بولسۇن، ياكى ئاددى بىر ئىشلەمچى بولوڭ. ھەممە ئادەم باراۋەرقىزغىن مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ.
ئاددى ئوچاق بىشىدا، ئاددى چەينەكلەردە دەملىنىۋاتقان چايلار،بۇ بىرچەينەك چاينىڭ باھاسى پەقەت بىر يۇەن. نىمە دىگەن ئەرزان ھە.
چايچى ئۇستام چايلارنى دەملەپ قويۇپ، خىرىدار كۈتۇپ ئولتۇرماقتا.
چايجى ئۇستام مىھمانلار ئۇچۇن چاي دەملىمەكتە.
ئۆزپاراڭلىرىنى سىلىشقاچ ھۆزۇرلىنىپ چاي ئىچىشىۋاتقان كىشىلەر.
|
|