تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 2

كوناماشىنا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

173

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
48
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
48
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 23:58:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوناماشىنا
      (ھېكايە)                     
ئابلىزئوبۇل فونتان   
                                         
تۇلۇقسىزنىڭ1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىزىم ئادىلە شەھەردىكى مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بولغاچ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كەچ مىنى ئاپىرىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. شۇنچەپاكىز تۇتۇپ كىلۋاتقان ماشىنامنى قايتا تازلاشقا كىرىشتىم.شۇنداق ئالدىراش بولساممۇ ماڭا نىمە ئامال.ئاڭغىچە قىزىم ئادىلە ئۆيدىن چىقىپ كىلىپ، دىدى-دادابولدى كۇچا ئاپتۇۋۇستا ماڭاي؟    نىمىشقا.؟ بۇ ماشىناڭ بەك كونا؟    ھە!    نىمە دەيدىغانسەن؟ بۇگەپ ماڭاخۇددى بىر چىلەك دوغاپ سۈيىنى بېشىمغا قۇيغاندەك قېقىلىپ كەتتىم.ئۇنىڭ گىپىچەماشىنامدىن ساۋاقداشلىرى ئالدىدا نۇمۇس قىلار مىش،بۇنداق دىسەڭ        باشقىلار نىمە دەيدۇ؟   بىزنىڭ ئەركىن مۇئەللىم بوما ھەيدەيدۇ؟ قىزىم مۇئەللىمىڭ 5مىڭ سوم مائاش ئالىدۇ. مەن دىگەن ئادەتتىكى تىجارەتچى،  شۇنداقتىمۇ سانتانانى كىم ھەيدەيدۇ. ؟ قىزىم ئادىلەنىڭ بۇگىپى ئاچچىغىمنى كەلتۈرگەن بولسىمۇسومكا ۋە ئىككى قولدىكى كىتاپ دەپتەرسالغان سولياۋ خالتىلارنى كەينى ئورۇندا قۇيۇپ ئاستا ھەيدەپ ھويلىدىن چىقتىم، ۋە رولنى چىڭ تۇتۇپ ماي كىلاپاننى دەسسىگەچ سورىدىم. قىزىم ئادىلە مۇئەلىمىڭنىڭ ماشىنىسى   شۇنداق ئىسىلما؟ (بوما)30نەچچە تۈمەنلىك دىدى ھىجاراپ، يىزا شەھەر ئارلىقىدىكى ماي يولدا كېتىۋاتىمەن. لىكىن قىزىمنىڭ كوناماشىنا دىگەن گىپى كاللامدىن چىقمايۋاتاتتى. كوناماشىنا بۇلۇپ، سېتىۋالغىلى3يىل بولدى، سانتانا2مىڭ ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىدە ئىشلەنگەن. ئادىلە سەنچە مەن  بەك پىششقما-چىرايىمغا قاراپ رەنجىگەنلىگىمنى بىلگەن بولسا كىرەك گەپ قىلمىدى. يىزا ئۆيلىرى ئارقىدا قېلىپ شەھەر بايلىرىنىڭ تۆت بەش قەۋەتلىك ئۆيلىرى كۈرۈنگىلى تۇردى. مەكتەپكە ئەگىلىدىغان كۇچا دوقمۇشقا كەلگەندە ماشىننى توختاتتىم. چۈنكى بۇ يەردە داڭلىق بىر ئاشخانا بارئىدى. چۈشتە تاماق يىمىگەن بولغاچ بۇ ئاشخاندىن تاماقنى يەپ سىرتقا چىقتۇق، مەكتەپكە مېڭىش ئۈچۈن ماشىنا يېنىغا كەلسەك. بۇچاغدا ئادىلە قىزىمنىڭ مۇئەللىمى ئەركىن چىراقلىرى سۇنۇق ئەسكى بىر موتسىكلىتنى ھەيدەپ بىزتەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى ج خ ئورگىنى كۈرۈپ قالساچۇقۇم بىراك قىلۋەتكىدەك ئىدى. مەن ئەركىن مۇئەللىمنى تۇنۇيتتىم. بىراق ماشىنىسى باريوقلىغىنى بىلمەيتتىم.ماشىنىسى بارلىغىنى قىزىم ئادىلەدىن ئاڭلىغان.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن مۇئەللىم-بىزئۇزۇن ۋاقىت كۈرۈشمىگەن ئاكا ئۇكىدەك قىزغىن كۈرۈشتۇق ۋە- ئەركىن مۇئەللىم بۇ داڭلىق ئاشخانا ئالدىدا ياخشى ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق جۈرۈڭ بىز تاماق يەپ بولغان بولساقمۇ قايتا ئاشخانىغا كىرەيلى.؟ پاراڭلاشقاچ. ..ئەركىن مۇئەللىم موتسىكلىتقا قاراپ سەل خىجىل بولغاندەك بىز بىلەن ئاشخانىغا كىرىشنى رەت قىلدى. مەن خېلى زورلىغان بولساممۇ يەنىلا رەت قىلغان بولغاچ قىزىم ئادىلەنى يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇپ،چىرايىدىكى خىجىلىقتىن قىززارغان يۈزىگە قارىماستىن ماشىننى ھەيدەپ ماڭدىم. 3يىلدىن بىرى پاكىز ئۇرماي سوقتۇرماي ماڭغان بۇماشىنا ماي يولداچەت ئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسىدەك مەغرۇر كىتىپ بارماقتا پاكىز يۇيۇلغان بۇماشىنا نۇرچېچىپ يېقىملىق(دىل كۈيى) مۇزىكىسى بىلەن ماشىنا ئىچى جانلىنىپ ئوقۇتقۇچىنى تۈۋەن كۆرگىنىم بولمىسىمۇ مەندىكى ئۈزۈمنى كەمسىتىش تۈگۈگەندەك قىلاتتى.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

173

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
48
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
48
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 17:15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جە ھەتتە مۇھەرىر كۈچ چىقىرىپتۇ يوللاپ بۇلۇپ خام يەرلىرى بارلىغىنى كىچكىپرەك ھىس قىلماقتا مەن...

12

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1334

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
532
مۇنبەر پۇلى
798
ئىشەنىچ
532
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 10:35:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ماشىنا ناملىق ھىكايە  ياخشى چىقىپتۇ لېكىن بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرى باردەك ئاياقلاشمىغاندەك ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 03:12, Processed in 0.102245 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش