تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 0

ئانىلىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

1

ئەگەشكۈچى

644

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
168
مۇنبەر پۇلى
356
ئىشەنىچ
168
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 14:40:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن

مەن ئالدىنقى بىر ھەپتە شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانىسىسنىڭ «تۈن تېۋىشلىرى پروگىراممىسىدا»بىر غېرىپ ئانىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن تامغان توققۇز پەرزەنىت ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىغىدەك ساداسىنى ئاڭلاپ، يۈرۈگۈم «ۋىژژىدە»ئېچىشتى. بۇ ئانا مۇشۇ ھەقتە، رىياسەتچىلەردىن مەسلىھەت سوراپ،ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،يىغلاپ تۇرۇپ سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۈردى. ئەسلىدە بۇ ئانىنىڭ توققۇز پەرزەنتى بولۇپ، بىر ئوغول،سەككىز قىز ئېكەن، ھەممىسى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئوغلى يېنىدا قىزلىرى ھەممىسى باشقا يۇرتلاردا ئېكەن. ئوغول ئانىسىنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىكەن. شۇڭا بۇ ئانا70ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ ئۆز جېنىنى ئۆزى قامدايدىكەن. ئوغلىغا نەچچە قېتىملاپ ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ،ئايالى بىلەن بىرلىشىپ،بۇ ئانىنىڭ ھېچقانداق ئىشلىرىغا ياردەملەشمەيدىكەن.
يۇقارقى بايانلارنى ئاڭلاۋېتىپ، كۆزۇمدىن ياشلارمۇ ئاقتى. توۋا دېمەكتىن باشقىنى دىيەلمىدىم.ھېلىقى ئوغولغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئۆچلىگىم كەلدىكى، ئادەم بالىسىنىڭ بۇنچە يارىلىپ قېلىشىغا ئېشەنمىدىم. رادىئودا ئانىنىڭ قانچىلىك يىغلاپ تۇرۇپ ئېيىتقان ھەر بىر سۆزىدىن شۇنچىلىك تەسىرلەندىم.يەنە شۇ ئانىنىڭ ئەشۇ مېھىرسىز باللىرىغا شۇنچە چىدىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى نەچچە قېتىملاپ،ئۆيىگە تەكلىپ قىلسىمۇ كەلمىگەنلىگىنى،قېرىغاندا ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ تۇرمىسا باغرىنىڭ چىدىمايدىغانلىغىنى،بىر كۈنلىرى ھېچقايسىسىغا،ھېچنىمە دىيەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيىتقىنىدا نېمىلەرنىدۇر ئويلىدىم.
ئانا،نېمە دىگەن ئۆلمەس تېما ھە؟ ئانا مېھرى قۇرىماس بۇلاق. شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى-جاھاندا سۇغا تەشنا بولمايدىغان بىرمۇ ھاياتلىق بولمىغىنىدەك،ئانا مېھرىدىن ئوزۇقلانمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.ئەمىلىيەتتىمۇ،ئانا-دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز،ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.ئۇ ئۆزىنىڭ تومۇرىدىكى قان ۋە ئوغۇز سۇتى بىلەن پەرزەنتلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلغان. ئانا-بارلىق مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى.ھازىر قارايدىغان بولساق،مەيلى قەيەردىلا بولمايلى،ئانىلارنى قەدىرلەش،ئولۇغلاش ھەققىدىكى تەۋسىيىلەر قۇلاق تۇۋىمىزدە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.سەھنە ئېكرانلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ناخشىلار ئەڭ يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ.مەن بۇ ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇن كەينىگە كىرىپ،ئانىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ سىرىنى بىلمىدىم.بۇ بەلكى ھېلىقى پەرزەنتتىكى ساداقەت بولسا كېرەك.خوتۈن-بالىغا ئىگە بولغان بۇ پەرزەنتنىڭ، ئانىسىغا بولغان مېھرىنىڭ سۇسلىشىشى،بەلكىم كەلگۈسىدىكى ئانا بولماقچى بولغان ھېلىقى ئىقتىدارسىز خوتۇننىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.بىراق بىر ئەر بولغۇچىنىڭ ئايال تەرپىندىن ئانىسىدىن كېچىشى بۇ تولىمۇ ئەقىلسىزلىكنىڭ ئېپادىسى.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ۋىژدانىغا ئېت دەسسىگەنلىك، خوتۈنغا قۇل بولغانلىق، ئېشەك سۇيدىگىنى ئېچكەنلىك، توخۇ پوقىغا بۇلانغانلىق،مەرەز چاپلاشقانلىق،ئېمانىنى يوقاتقانلىق،ئەسلىنى ئۇنۇتقانلىق ئەلۋەتتە.
ئەپسۇس،ئانا قەدرىنى پەقەت ئانىلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرلا چۈشەنسە كېرەك.ھايات تولىمۇ رەڭدار،ھاياتلىقتا ھەر خىل ئادەملەر مەۋجۇت.ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلىدىغان بولساق،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانىلىرىنى بارلىقىنى ئاتا قىلىپ،ھەجگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،بەزىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ بارلىق ئاماللار بىلەن ئانىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى،ساياھەت قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى،دۈنيا يېڭىقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق ۋە كۆرسەك،يەنە بەزىلەرنىڭ ئانىلىرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى،كارى بولمايۋاتقانلىقىنى،ئاللانېمىلەرنى ئانىلىرىدىن تالىشىپ،ئولارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىۋاتقانلىقىنى،بىر قىسىم خوشنىلىرىنىڭ،خوتۇن-باللىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا ئالدىنىپ، يۈرىگىنى يېرىپ چىققان ئەشۇ سۆيۈملۈك ئانىلىرىدىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ۋە كۆرىمىز.
-ھەي،كۆزى كور ئەركەكلەر،دىلى قاراڭغۇ بەندىلەر،ئازغۇن ئىنسانلار،ئۆزىنىڭ كىملىگىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن كەلگۇسىدىكى ئانا بولمىش  قىز-چوكانلار. كۆز ئالدىمىزدىكى بىزگە يېقىنلا يەردە تۇرغان قورقۇنۇشلۇق ئەجەلنىڭ كۈنسىرى پايلاپ يۈرگەنلىگىنى ئۇنۇتمايلى .«ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ،كىم مۇرادىغا يەتتى»...دىگەندەك،مۇرادىمىز ھاسىل بولغىچە ئانىلىرىمىز بىزدىن يىراقلىشىدۇ.ئەنە شۇ ئانىلارنىڭ ئاپئاق سۈتلىرى،مېھىر-مۇھەببەتلىرى بولغاچقىلا بىز ئۇلۇغ،ئەشۇ ئانىلارنىڭ تالاي جاپا-مۇشەققەتلىرى بىزگە سىڭگەچكىلا بىز بەختىيار.ئەشۇ ئانىلارنىڭ پاك سۆيگۈلىرى بولغاچقىلا بىز شۇنچىلىك ئۇز.بىز ئەنە شۇئېغىزلىرىمىزغا نان چايناپ يىگۈزۈپ،بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئانىلىرىمىزدىن تانمايلى. ھەر قانداق ئېنساننىڭ قەدرى ئۆلگەندىن كېيىن بىلىنىدۇ،بىز يەنە بىر تىرىلىشنى كۈتمەيلى. قاپاقلىرىمىزدىن مۇز ياغدۇرماي،بوران ئۇچۇرماي،ئانىلىرىمىزنىڭ بەللىرىنى،پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويايلى.قۇرۇق نانغا چىشى ئۆتمەي تۇرغان ئەنە شۇ ئانىلاردىن پەخىرلىنىپ،«پاقلان سويۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق»دەپ ناخشا ئوقۇپ يۇرمەستىن،خېيالنى رېئاللىققا ئايلاندۈرۈپ،دەرھال پاقلان سويۇپ بېرەيلى.ئۆزىمىز قەن چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا،ئەشۇ ئانىلىرىمىزنىڭ چايسىز يۈرگەن كۈنلىرىنى ئويلاپ قويايلى. باللىرىمىزغا بازاردىن سومكىلىرىمىزغا،قويۇنلىرىمىزغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىمىزدىن،ئەل قاتارى بىرىپ ئۆتەيلى. كېچە-كۈندۈز قاتار چايلاردا،بەزمىخانىلاردا يۈرگەن چاغلىرىمىزدا،جەينىمىزىدا ئولتۇرۇپ،بەختىمىز ئۈچۈن تەسۋىي سىېرىپ ئولتۇرغان،قان-ياشلىق ئانىلىرىمىز سىماسىنى ئويلاپ قويايلى. تاغدەك يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ،سىزگە تەلمۇرگەن،تەقدىر-قېسمەتلەرگە بوي ئېگىپ،سىزدەك پەرزەنتىنىڭ بولغانلىقىدىن ئالەمچە شاتلىنىپ يۇرگەن ئانىلىرىمىزنىڭ ھالى ھېلىقىدەك بولۇپ قالمىسۇن.ياشانغاندىكى ئەشۇ كۇنسىرى ۋىجىكلىشىپ كېتىپ بارغان ئانىلىرىمىزنىڭ سىز ئۈچۈن ئارتۈقچە چىقىم سېلىۋىتىپ،چېنە-قاچىلاپ تاماق يەۋىتىشىمۇ ناتايىن، سىز بىر چىنە تاماق يىگەندە،ئۇلارنىڭ يىيىشى يېرىم پىيالە ياكى بىر پىيالە(شۇنى زورلىسىڭىز تېخى). ئۇنداقتاسىز نېمىگە ئۇنچە بىزار بولىسىز؟يېنىڭىزغا تەلمۇرۇپ كەلگەن ئانىلىرىڭىزدىن يىراقلىشىسىز؟-ئەي بالىلار،ئەشۇ ئانىلىرىمىزنى دەپ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا قالمايلى.بىز سىرىتتا يۈرگەن ئەشۇ كۈنلىرىمىزدىكى ئانىلىرىمىزنىڭ كېلىنلەر ئالدىدىكى دېدەكلىك ھالەتلىرىنى،غېرىپسىنىپ،بويۇن قىسقان چاغلىرىنى كۆزىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن!-ئەي پەرزەنىتلەر، ئانىلار گۈناھكار ئەمەس ياكى قەرىزدار ئەمەس.ئۇلار بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق مېھمان.ئۇلارنى ھاياتلىغىدا قولىڭىزدىن كېلىشىچە مېھمان قىلىۋېلىڭ.بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتىرۋېلىڭ.ھەجگە-ھەرەمگە ئېلىپ بېرۋېلىڭ.ئانا سىزنى قۇچاقلىغان بوۋاقلىق دەقىقىللىدىكىدەك ھالەتلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلىۋېلىڭ.ئۇلار شۇندىلا مۇرادىغا يېتىدۇ.ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى-دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىن كېيىنكى سېغىنىشلىق مۇڭلىرىنى ئاڭلاشقا ئەمەس،بەلكى،ھايات چېغىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مۇناسىپ مۇھەببىتىنى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن لەززەتلىنىشكە مۇھتاج.ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى ئەمەلىيەت.شۇڭا سىز ئانىڭىزدىن يەتتە پۇكلىنىپ تۇرۇپ گۇناھلىرىڭىزنى تىلىۋېلىڭ.ئانىنىڭ دۇاسى يەنە ئەرنى كۆكلىتىدۇ،ۋەيرانمۇ قىلىۋىتىدۇ.ھەر قانداق ئانىنىڭ ئۆز بالىسىدىن رەنجىگىنى بولمايدۇ،پەقەت سىز، بىزدەك رەنجىتىدىغىنى بولىدۇ.ئۇلار بىزنىڭ بەختىمىز،تەختىمىز،قوياشىمىز،ئايىمىز.بىزدە يەنە«ئاتىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا يەر تىترەر،ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا ئۆي»دىگەن تەمسىلمۇ بار.ئانىللىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئاغرىپ قالمىسۇن،ئۆي تىترىسە قانداق بولىدىغانلىقى سىزگە ئېنىق. قىسقىسى ئانىلارنى خارلىمايلى؟!ئولار بويۇن قىسىپ قالمىسۇن...بەندىلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:10, Processed in 0.099548 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش