قېقىلىش ئىنساننىڭ تاللىغان يولى قەدىردىن باۋۇدۇن
كۈتۈپ شېخىڭدا پىشىپمۇ كەتتىڭ، چىچەن بىر بالىنى خىيالمۇ ئەتتىڭ. قەدرى ئۇتۇلۇپ باستى غېرىپلىق، بېغىشىڭ چىڭ چاغدا چىققان شامالنىڭ.
كۈتەتتىڭ پىشقاندا قېقىلىشىڭنى، كۈتەتتىڭ تەلمۇرۇپ كوڭلۇڭدىكىنى. قوغلاشساڭ ھەر دائىم تولغان ھالەتنى، بۇ دۇنيا يەتكۇزگەن ۋىسالغا كىمنى؟
كىم بىلەر مېھرى بار كوڭۇل ياراڭنىڭ، لەززەتلىك مىۋىسى باردۇر باراڭنىڭ. يوللارغا تەلمۇرۇپ ئويكەن كۇنلەردە، بەختىمۇ ئېچىلىپ قالار قاراڭنىڭ.
ھېچكىمدىن كۆرمەيمەن قىسمەتلىرىڭنى، قېقىلىش ئىنساننىڭ يۇلى تاللىغان. قالمىدى ئېھتىمال كوزلەرنىڭ يېغى، قېقىشنىڭ ئوزى بىر ئازاپلىق جەريان.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۇنى |