ئىزنار مۇختەر جان مۇھەممەت
تامچە ياشلار سىڭەر يۈرەگكە،
پەرياد - زارلار يەتتى پەلەككە.
ئېسلىپ يىغلاپ يۈردۈم تىرەككە،
كىملەر قويدى مىنى بۇ دەرتكە.
كۆزلىرىمگە كەلمەيدۇ ئۇيقۇ،
قاقشاش مەن ئۈچۈن بىر يات خۇيغۇ.
بارچە دىللار ئوخشاش بىر گۈلغۇ،
سىزەر يۈرەك ئۆزگىچە تۇيغۇ.
كۈلكە ياكى مەندىنلا زارمۇ؟
دۇنيا ياكى مەن ئۈچۈن تارمۇ؟
ئىنسان دىگەن تۇرمۇشتا خارمۇ؟
تىنىچ تۇرمۇش بىر كەپە بارمۇ؟
كۆپ كەچۈردۈم بوپتىلا دەپ خەر،
يىلىناي تۇرمۇش ماڭا كۈلكە بەر.
ھاردىم - تالدىم چىقمىدى يا تەر.
ئۆز قوينىڭغا ئالغىن مىنى يەر.
تاپالمىدىم تۇرمۇشتىن ئۈنچە،
تىرشىپ يۈرۈپ بولدۇم زەرىچە.
ئىچىلمايلا توزىدى غۇنچە،
قىرىپ كەتتىم ياشتۇرۇپ شۇنچە.
غايىپ بولدى خىيال سۈرۈشلەر،
ئارزۇ - ئارمان بولدىغۇ چۈشلەر.
توختاپ قالدى ئەمدى يۈرۈشلەر،
كۆمۈلدى ، قەبرىگە - سۆيۈلۈشلەر.
2014-يىلى 2- ئاي .
قەشقەر
|