ئانام ئازادجان ئىبراھىم
ئوماق قوزام يۈرەك پارەم جان بالام دەپ، پەرۋىش قىلىپ ئەتىۋارلاپ ئاھ ئانام دەپ، چىن دىلىدىن ئەركىلىتىپ جان دادام دەپ، ماڭا مىھىر ،ئىخلاسىنى بەرگەن ئانام.
تېچلىق سوراپ كۈندە سالام بەرگىنىمدە، ئاغرىغاندا ئۆيگە يوقلاپ كىرگىنىمدە، ھەر قېتىم سەپەرلەردىن كەلگىنىمدە ، قارشى ئېلىپ پىشانەمگە سۆيگەن ئانام .
ئائىلىدە كىر قات يۇيۇپ تاماق ئېتىپ، ئېتىزقىردا ئىشلەپ يەنە كەتمەن چېپىپ، پەرۋىش قىلىپ بالىلارنى گۈلدەك پېقىپ، جاپاسىغا تۇرمۇشنىڭ كۆنگەن ئانام.
ئاجىزلارنىڭ خىزمىتىنى قىلايلى دەپ، يوقسۇللارغا ئىلھام مەدەت بىرەيلى دەپ، ياشانغاندىن ئەھۋال سوراپ تۇرايلى دەپ، پەزىلەتنى جاندىن ئەزىز بىلگەن ئانام.
كېلىۋەرسە كېلىۋەردىڭ كەت دېمەستىن، يېقىن تارتىپ باش پاناھ بوپ ،يەكلىمەستىن، ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى چەكلىمەستىن، ئاجىزلارغا دائىم كۆڭۈل بۆلگەن ئانام.
ئىشلىرىمدىن ،سەپىرىمدىن قالدىم دېمەي، قىينالدىم، جاپا چەكتىم ،ھاردىم دېمەي، سەن كەلمىدىڭ لېكىن مەن كۆپ باردىم دېمەي، مىھمانلارنىڭ خىزمىتدە بولغان ئانام.
بالىلارنى بىر-بىرىگە ئېناق قىلىپ، يامان ھەركەت ،يامان ئىشتىن يىراق قىلىپ، ئەدەپ -ئەخلاق رېستىپىنى سىناق قىلىپ، ھەممىمىزنى بەخىتلىك قىلغان ئانام.
تىلغا ئېلىپ ھەرقېتىملىق سۆزلىرىدە، لىغىرلاپ ھەم ئەسلەش يېشى كۆزلىرىدە، ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈنىنىڭ ھەربىرىدە، ئەجداتلارنى ياد ئېتىپ تۇرغان ئانام. 2015-يىلى 6-مارت كۈنەس |