تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1214|ئىنكاس: 5

‹‹مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

0

ئەگەشكۈچى

329

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
تەڭرىتاغ ئوغلانى
تۆھپە
41
مۇنبەر پۇلى
211
ئىشەنىچ
41
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:27:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بەكرى مامۇت بەرگەن ئىككى تەكلىپ رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى، بۇنىڭدىن ئۇ تولۇپ – تاشقان ئىشەنچكە تولدى.
    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 4 – مارت چۈشتىن بۇرۇن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى، ئەزا بەكرى مامۇت شىنجاڭدا تەپسىر خىزمىتىنى كۈچەيتىش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توسۇش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
    بەكرى مامۇت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلارنىڭ تەپسىر خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ، مەملىكەتلىك قىرائەت ۋە ۋەز – تەبلىغ مۇسابىقىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىلا ئۆتكۈزۈلۈپ قالماي، شىنجاڭدىمۇ ئۆتكۈزۈلسىكەن، دەپ ئويلىدىم. بۇ مۇسابىقىلەر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. ھازىر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، شۇڭا ياش دىنىي زاتلارنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلىمىسەك، مۇسۇلمان ئاممىنى يېتەكلەش تەس بولۇپ قالىدۇ. دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ياشلار تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنىڭ يان تېلېفون تور نۇسخىسى ئېچىلسا دېگەن تەكلىپنى سۇندۇم، رەئىس يۈجېڭشېڭ بۇ تەكلىپنى ئالاھىدە قوللىدى ھەم مېنىڭدىن ‹‹بۇنى كىشىلەر كۆرەمدۇ›› دەپ سورىدى، مەن ‹‹چوقۇم كۆرىدۇ، چۈنكى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئىسلام دىنى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەپ، خاتا قاراشتىكى بىر قىسىم ئاممىنى توغرا ئېتىقادقا يېتەكلەشتە بۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ›› دەپ جاۋاب بەردىم. رەئىس يۈ جېڭشېڭ ‹‹ياخشى تەكلىپ ئېلىپ كەپسىز›› دەپ مېنى ماختىدى. بۇ تەكلىپىمنىڭ پات ئارىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىغا ئىسلام دىنى توغرىسىدا يېڭىچە بىلىم ئىگىلەش يولى ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
    بەكرى مامۇت ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا مەركەزنىڭ شىنجاڭغا، شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىغا بولغان غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى يەتكۈزىمەن، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

426

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
215
مۇنبەر پۇلى
214
ئىشەنىچ
215
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 00:00:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تېمىكەن ، تېمىڭىزغا رەھمەت.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

362

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
141
مۇنبەر پۇلى
208
ئىشەنىچ
141
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:47:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز ھارمىغايسىز

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1340

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
517
مۇنبەر پۇلى
826
ئىشەنىچ
517
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 21:26:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار تىمىغا يات ئىنكاس يېزىۋاتىمەن ئەپۇ قىلغايسىزلەر  بوز قىر مۇنبىرىنىڭ ئادىرسى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپ قويساڭلا

15

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1163

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەخمەتجان مەتقۇربان
تۆھپە
156
مۇنبەر پۇلى
940
ئىشەنىچ
156
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 23:57:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۇم.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1340

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
517
مۇنبەر پۇلى
826
ئىشەنىچ
517
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 19:47:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەم خورلىقى ئۈزۈلىپ قالمىغاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 07:12, Processed in 0.107404 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش