
بىزدە << ئەر دېگەن تالانىڭ ئادىمى ، خوتۇن ئۆينىڭ >> دەيدىغان گەپ بار . شۇ كۆز قاراشىتا بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئاياللىرىمىز تۈگمەس ئائىلە ئىشلىرى ۋە پەرزەنت بىلەنلا بولۇپ كىتىپ ئوڭايلا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ . بولۇپمۇ توي قىلغاندىن كېينىلا كۆپ قىىسم ئاياللار ئەسلىدىكى دوستلىرىدىن ، ھەتتا بىر -بىرىگە قىيمايدىغان يېقىن سىرداشلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ ، يەنە كېلىپ مۇتلەق ساندىكى ئەر زاتى خوتۇنىنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا . جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ ، << خوتۇننى دوسىت بۇزىدۇ ، ئايال كىشىگە بولار - بولماس ئەقىل ئۆگىتىپ تاپتىن چىقىرىدۇ ،>> دەپ قارايدۇ ، ھەقىقەتەنمۇ بولار - بولماس ، تايىنى ، مەۋقەسى يوق ئاياللار تىنچ - خاتىرجەم ئائىلىنى بۇزىدىغان كۈشەندە. ئىككى ئايال كىشى بىللە بولسا تاسقىمىغان جاھان قالمايدۇ دەيدىغان گەپ بار ، ئايال كىشىنىڭ غەيۋەتكە ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ، خۇپىيانە ئىشلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئادىتى بار . بۇ نۇقىتىدىن ئاياللارنىڭ چاكىنا ، تەربىيەسىز ئاياللار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى ئامالىنىڭ بارىچە توسقان تۈزۇك ، ئەمما ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ناچار - تەربىيەسىز بولۇشى ناتايىن . تەربىيىلىك ، ئەخلاقلىق ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس ، ئايال كىشى ئۆيىدىنلا چىقماي ياكى ھېچكىم بىلەن ئارلاشماي ئولتۇرسا ، كۆزى كىچىك ، جۈرئەتىسىز ، قۇل مىجەز ، پىكىرىدە ، كۆز قارشىدا يىڭلىق ، جانلىقلىق يوق ياغاچ بۇتقا ئايلىنىپ قالىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىزغا پەزىلەتلىك ، پاراسەتلىك دوسىتتىن بىرەر - ئىككىنى تېپىپ بىرىڭ ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ئەقىللىق ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قىزغىن قوللاڭ ، شۇنداق ئاياللارنى ئاياللارنى تېپىشقا ياردەملىشىڭ ، تىنىق دەريا سۈيىمۇ ھەركۈنى بىر خىلىدا ئاقمايدۇ ، ئەر -خوتۇن ئارىسىدا ئاز - تولا ئازارلىشىش ، گەپ تالشىپ قىلىشىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ ، ھېچقانداق دوسىتى - بۇرادىرى ، سىردىشى يوق ئايال ئېرى بىلەن بولغان كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئىچىگە تىنىپ ئۆزى يالغۇز تەگەپ ، تولا ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىۋەرسە ، ئۇنىڭ دىلى يارىسى بارغانچە ئېغىرلاپ ، ئۇنى ئۇزاققىچە ئازابلىشى مۇمكىن .
ئايالىڭىزنىڭ يېقىن دوسىتلىرى بولسا ، ئۇ ئائىلىدە بولغان ماجرانى ، ئۆزىنىڭ دەرت - ھەسرىتىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىق مەسلىھەت - كۆرسەتمە ئالالايدۇ ، ئەقىللىق ، پەزىلەتلىك دوسىت دوستىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن كۆيۈنىدۇ . زۆرۈر تېپىلىسا ، دوسىتىنىڭ ئېرى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇناسۋىتىنى ياخشىليالايدۇ ....
ئايالىڭىزنىڭ پەزىلەتلىك دوسىتلىرى بولسا ، ئۇ دوسىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ، نورمال بېرىپ - كېلىشىنى ساقلاپ بەرسە ، ئىشىنىڭكى ، بۇ ئايالىڭىزغا ، سىزگە . ئائىلىڭىزگە پايدىلىق . ئايالىڭىز روھلۇق ، تېتىك بولۇپ قالىدۇ . ئەمما قاتتىق دىققەت قىلىڭكى ، ئايالىڭىزنىڭ دوسىتى غەيۋەتخۇر . پىتنىخۇر ، گەپ توشۇغۇچى دەللال ئاياللاردىن بولۇپ قالمىسۇن . تەربىيەسىز ئاياللاردىن قاچماق لازىم .
مەنبە. كۆزۇڭنى ئاچ ، ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر دىگەن كىتاب
|