تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 484|ئىنكاس: 6

«ئوغرى» قىلما ئېرىڭنى (ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

0

ئەگەشكۈچى

402

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
مۇنبەر پۇلى
276
ئىشەنىچ
45
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 10:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئوغرى» قىلما ئېرىڭنى
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن بىردەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.ئۇ ئۆي ئىچىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ: « سەن ساتىرانى خېلى ئەپلەشتۈرۈپ يېزىپ قويىسەن،مىنىڭ ئۆي ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە تارتقان خاپىلىقلىرىمنىلا ساتىرا قىلىپ يازساڭ ئەسىرىڭ چۇقۇم جەلب قىلارلىق چىقىدۇ،مىنىڭ مۆلچەرىمچە مۇنداق خاپىلىق يالغۇز مەندىلا بولماستىن يەنە ماڭا ئۆخشاش  ياۋاش،غەلۋە-غۇدۇردىن نومۇس قىلىدىغان،نۇرغۇن ئەرلەردە بار دەپ قارايمەن»دەپ بىر قاتار ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.ئۇنىڭ دىيىشىچە،ئايالى بەك ئاچكۆز،كۈنلەمچى،
ھازازۇل ئايالكەن. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ھىساۋاتىنى ئۆزۈم تۇتىمەن دەپ باشقۇرۇشتا چىكىدىن ئاشۇرىۋېتىپ ئۇنى بەك بىزار قىپتۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە ئەرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قىسىپ يانچۇقىدا پۇل قالدۇرمىسا ناشايان ئىشلارنى قىلىشتىن، ئورۇنسىز پۇل خەشلەشتىن، بولمىغۇر ئادەملەر  بىلەن باردى-كەلدى قىلىشتىن توساپ قالغىلى
بولارمىش. شوڭا ھەمىشە؛« ئاش-تامىقىڭ،يېتىش-قوپۇشۇڭ ئۆيدە بولغاندىكىن ساڭا يەنە نىمە پۇل كەتمەكچىتتى؟ يانچۇقۇڭدا پۇل تۇرسا ئەرزىمەس ئىشلارغا خەشلىنىپ كېتىدۇ، شوڭا مىنىڭ ساقلىغىنىم ياخشى» دەپ ئېرىنىڭ يانچۇقىدا پەقەت پۇل قويماي دوست-يارەنلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى سۈرۈن قىپ قويۇپتۇ. ئەمما ئۆزى نوركا پەلتودەك قىممەت كىيىم-كىچەك،زىبۇ-زىننەت،يۇقىرى باھالىق گىرىم بويۇملىرىغا ئىنتىلىدىكەن. شۇنچە چىرىستانلىق قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ يىغقان ئائىلە ئىقتىسادىمۇ تايىنلىق ئىكەن. بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئاجىرىشىپ كېتەي دىسە ئارىدا ئىككى بالا بار ،خەلقى ئالەمدىن نومۇس قىلىدىكەن. مەن بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەجەپلەندىم.ھەممىلا ئايال مۇنداق بولمىسىمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى قىسمەن ئاياللاردا دەرۋەقە ئەنە شۇنداق قىلمىشلار بار .بىز يازغان ماقالە،ئىتوتلىرىمىزدا ئايالىدىن ئوغۇرلۇقچە پۇل ساقلىغان ئەرلەرنى ھەجۋىي قىلىپ تەنقىتلەپ كەلدۇق.ئەمما بەزى ئاياللار چىكىدىن ئېشىپ ئەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئامالسىز قويسا،ئەرلىرى بىرنىمە دەپ بولغىچە «كىمگە خەجلەيتتىڭ؟»دەپ كۆكۈرۈپ قوپسا نىمە دىگۈلۈك؟ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدا پۇل تۇرمىسۇن دەپ كىم دەپتۇ؟مىنىڭچە ئەر بولغۇچىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئۈزۈلمەسلىكى، پۇل لازىم بولغان جىددى پەيتتە ئەتراپىغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.بۇ ئىش ئىلھامىمنى قوزغاپ قويغاچقا "ئوغرى قىلما ئېرىڭنى" ناملىق تۆۋەندىكى ساتىرانى يازدىم.)
«ئوغرى» قىلما ئېرىڭنى
پۇل،مەنپەئەت بۇزۇپتۇ،سىنىڭ ئەقلۇ-زېھنىڭنى،
مۇئاشىغا ئېرىڭنىڭ قاداپ بىر جۇپ كۆزۈڭنى،
سەن بېرەمسەن ئەرگىمۇ،ياكى پۇلغا مىھرىڭنى؟
نىچۈن ئەردە پۇل تۇرسا،ئالالمايسەن دىمىڭنى،
خىراجەتكە پۇل قويماي «ئوغرى» قىلما ئېرىڭنى.
**
كېچە-كۈندۈز ئويلايسەن،زىبۇ-زىننەت،جابدۇقنى،
ئەردە قويماي تۆت تەڭگە،تەتۈر ئۆرۈپ يانچۇقنى،
قىلنى قىرىق ھىساپلاپ،قىرىۋەتتىڭ قالدۇقنى،
ھۆرت-پۆرت دىسە چالۋاقاپ،باشقا ئاتتىڭ ياستۇقنى،
ئەل ئالدىدا سەت ئىش بۇ،«ئوغرى»قىلما ئېرىڭنى.
**
« ئۆيدە ياتساڭ،ئاش يىسەڭ،يەنە نىمە پۇل ساڭا؟»-
چۈشەنمىگەچ ھاياتنى،دىيىشلىرىڭ شۇ،مانا،
ئېرىڭ ئەمەس پۇل بۇزار،پىخسىق تېخى بىز گۇۋا،
ئۈستى-بېشى بەك ئاددى،كىيىشلىرى سەت جۇۋا،
خۇددى ئاقلاپ پىيازدەك،«ئوغرى»قىلما ئېرىڭنى.
**
خەق ئالدىدا جۇپتۇڭنى،كۆرسەتمىگىن لىڭتاسما،
«ئۆي ھىسابى»مەندە دەپ،غۇرۇر بىلەن ئويناشما،
ئۇنى قىسىپ خەجىدىن،نوركا پەلتو قوغلاشما،
ھالغا چۈشلۈك ئىش قىلىپ،ھەشەمەتنى بويلاشما،
ئۆز پۇلىغا تەلمۈرتۈپ،«ئوغرى» قىلما ئېرىڭنى.
**
نومۇس قىلماس ھازازۇل، كۈندە غەۋغا تېرىشتىن،
مىڭ-مىڭ بىزار ئەمما ئەر،يولسىز جېدەل-ئۇرۇشتىن،
پەرزەنت تۇرسا گەپ ئېچىش مۇمكىنمۇ ئۆي بۇزۇشتىن،
قالماپتۇ ھېچ باشقا يول،پايپاققا پۇل تىقىشتىن،
ئامالسىزلىق دەردىدە،«ئوغرى»قىلما ئېرىڭنى.
**
ئەرلەر دىگەن ئۆز ئارا،مۇڭداشمامدۇ ئولتۇرۇپ،
ھەمداستىخان گاھىدا،ئىچىشىدۇ چاي قۇيۇپ،
ئۆتنە جاھان بۇدىگەن،ئالغان بېرەر قايتۇرۇپ،
ئوسال قىلدىڭ نەچچەرەت،دوستلار ئارا چاندۇرۇپ،
قىستاپ،قىيناپ،قىزارتىپ،«ئوغرى»قىلما ئېرىڭنى.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 14:20:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانى ئەپەندىنىڭ «ئوغرى قىلما ئېرىڭنى'ناملىق ساتىراسى  ئىجتىمائى تۇرمۇش  ئەمىلىيىتىمىزگە بەكمۇ باپ كېلىدىكەن.مۇمكىن بولسا ساتىرا ژانىردىكى ئەسەرلىرىڭىزنى تورغا كۆپلەپ يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

12

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1334

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
532
مۇنبەر پۇلى
798
ئىشەنىچ
532
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 16:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرا ياخشى چىقىپتۇ ، ئىلھاملىرى زىيادە بولغاي .

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1244

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
479
مۇنبەر پۇلى
768
ئىشەنىچ
479
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 19:56:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ

40

تېما

1

ئەگەشكۈچى

644

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
168
مۇنبەر پۇلى
356
ئىشەنىچ
168
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 09:53:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانىي ئەپەندىم يەنە رەھمەتلەر بولسۇن،ساتىرالىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرىمەن.

باھا سۆز

غۇرۇر ئەر- ئايال بىر-بىرنى تولۇق تۇشەنگەندىلا ئائىلە بەخىتلىك خاتىرجەم بولىدۇ .رەخمەت سىزگە .  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 22:12

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
7
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 23:17:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى يېزىلپتۇ تېمىڭىزغا رەھمەت.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

405

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
203
مۇنبەر پۇلى
205
ئىشەنىچ
203
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 23:46:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، ھارمىغايسىز تېمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 03:08, Processed in 0.111611 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش