تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 748|ئىنكاس: 2

ئىككى يىغىندىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بەش نۇقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

0

ئەگەشكۈچى

275

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
تەڭرىتاغ ئوغلانى
تۆھپە
40
مۇنبەر پۇلى
161
ئىشەنىچ
40
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 18:42:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يىغىندىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بەش نۇقتا


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-مارت تېلېگراممىسى: 2015-يىل ‹‹12-بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىش يىلى. جۇڭگو ئاممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا بەختكە، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان مۇھىم يىل. 2015-يىللىق ئىككى يىغىندا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئامما ‹‹كۆڭۈل بۆلگەن›› مەسىلىلەرگە ئۇيغۇن بولغان يەنە قايسى سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ؟
      ــــ يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتىش، ياشانغاندا ئۆيىدە كۈتۈنۈش
      2014-يىللىق گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قارىغاندا، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ‹‹يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتىش››، ‹‹ياشانغاندا ئۆيىدە كۈتۈنۈش›› سىياسەت جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشىشى مۇمكىن.
      ــــ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش.
      يېقىندا ئاشكارىلىنىشىچە، 2015-يىلىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەۋزەللەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان مالىيە-باج سىياسىتى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىپ، كەسپىي تەربىيە سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدىكەن.
      2015-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى بولۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى ئىسلاھاتى، مەمۇرلار مائاش ئىسلاھاتى، ئىش ھەققىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم سىياسەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
      ــــ كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش.
      ئىككى يىغىندىن ئىلگىرى نوپۇزلۇق ئورۇننىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى مەملىكىتىمىز كاپالەت خاراكتېرلىك خاتىرجەم ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
      ــــ ئىمتىھاندا ئادىل بولۇپ، قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا بولۇش.
      2014-يىلى مەملىكىتىمىز ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئومۇمىي لايىھەسى ۋە يۈرۈشلۈك ھۆججەتتىن تۆتنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىمتىھاندا ئادىل بولۇش، قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا بولۇش بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا زادى قانچىلىك سىياسەت جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشىدۇ؟ مائارىپنى ئادىل تەرەققىي قىلدۇرۇش 2015-يىلى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ قۇرۇلۇشى جەھەتتە كۈچ چىقىرىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىمتىھاندا ئادىل بولۇش، قوبۇل قىلىشقا ئاشكارا بولۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاقتۇر.
      ــــ تۇماننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆك ئاسماننى ساقلاپ قېلىش.
      2015-يىلى ھۆكۈمەت ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇش ئىرادىسىنى شەكسىز تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ بايان قىلىدۇ، ‹‹كۆك ئاسماننى ساقلاپ قېلىش›› ۋەكىل ۋە ئەزالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، لېكىن بىز تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان مۇھىت ئاسراش لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە نازارەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6200

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3114
مۇنبەر پۇلى
2508
ئىشەنىچ
3114
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 15:00:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل قۇرلۇشىدىن ئەل قەلبى يۇرۇسۇن.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

405

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
203
مۇنبەر پۇلى
205
ئىشەنىچ
203
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 00:16:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى خەۋەركەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:23, Processed in 0.105978 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش