تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 3

«بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»راسمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

ئەگەشكۈچى

342

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
125
مۇنبەر پۇلى
190
ئىشەنىچ
125
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 16:47:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»، «بىرسى ساختا بولسا ئوننى تۆلەيمىز»نىڭ قانۇنىي  ئاساسى بارمۇ؟
گۇلزار ئەخەت
    بەزى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى تاللا بازارلىرى ياكى كىتاپخانىلارنىڭ تاملىرىدا يىزىلغان «بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز» دىگەن خەتلەر كۆزىمىزگە چىلىقىپ، دىققىتىمىز تارتىدۇ. بەزى ئىستىمالچىلار بۇنىڭغا قىزىقىپ، بۇ خىل «بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»نىڭ ئاقىۋىتىنى بىر سىناپ بىقىشنى ئويلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل ئاقىۋەت راستىنلا يۈز بەرگەندە تاللا بازارلىرى ياكى كىتاپخانىلار بۇنداق قىلغان ئىستىمالچىلارغا قارىتا ئوننى تۆلىتىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟ بۇنىڭ قانۇنى ئاساسىچۇ؟
   ئۇندىن باشقا، بەزى تىجارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇكانلىرىغا «بىرسى ساختا بولسا ئوننى تۆلەيمىز» دەپ چاپلاپ قويىدۇ، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باھالىشى ئارقىلىق بۇ تىجارەتچىلەر ساتقان مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن ساختا بولسا، بۇ خىل ساختا مالنى سىتىۋالغان ئىستىمالچىلارنىڭ ساتقۇچىلارغا قارىتا ئوننى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ-يوق؟
قايسى «ئوننى تۆلەش»نىڭ قانۇنى ئاساسى بار؟
ئالدى بىلەن «بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»نىڭ قانۇنى ئاساسى يوق.
«بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»دىكى تۆلىتىش بولسا مەمۇرى جازا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن- بەلگىلىمىلىرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل مەمۇرى جازا بىرىش ھوقۇقىنى پەقەت مەمۇرى ئورگانلارلا يۈرگۈزەلەيدۇ، سىتىش دۇكانلىرى بولسا مەمۇرى ئورگان ئەمەس، شۇڭا تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ خىل «تۆلىتىش» جازاسىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بولمايدۇ.  ئەگەر ئىستىمالچىلار مەمۇرى ئورگاننىڭ مەمۇرى جازاسىغا قايىل بولمىسا خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرى دەۋا قىلسا بولىدۇ. لىكىن قانۇندا تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىستىمالچىلارنى جازالايدىغان  ھوقۇقى بولمايدۇ.
دۆلىتىمىز «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى»دا ئىنىق قىلىپ، تىجارەتچىلەر قىلىپلاشقان توختام، ئۇختۇرۇش، دۇكان ئىلانى قاتارلىق شەكىللەردە ئىستىمالچىلارغا قارىتا ئادىل بولمىغان، نامۇۋاپىق بەلگىلمىلەرنى تۈزۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلغاندا ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.تىجارەتچىلەر تۈزگەن قىلىپلاشقان توختام، ئۇختۇرۇش، دۇكان  ئىلانى قاتارلىقلاردا يۇقارقىدەك مەزمۇن بولسا قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭا تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان «بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز» دىگەن دۇكان بەلگىلىمىسى قانۇن جەھەتتە ھىچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
ئۇندىن باشقا، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ توختام قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ۋە ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى ئىختىيارى تاللاش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا ھەق تەلەپ ئوبىكتى قانۇن،  مەمۇرى قائىدە نىزاملار ۋە ئاممىۋى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك ياكى ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ ھوقۇقنى قانۇن قوغدايدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ «بىرسى ساختا بولسا ئوننى تۆلەيمىز» دىگەن ۋەدىسى ئۆزىگە ئۆزى بىكىتكەن بىر خىل مەجبۇرىيەت. ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىقارغان بۇ خىل نىيەت ئىپادىسى، چىنلىققا ئىگە بولۇپ ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئىستىماچىلارغا بەرگەن «بىرسى ساختا بولسا ئوننى تۆلەيمىز» دىگەن ۋەدىسى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا، «بىرنى ئوغۇرلىسىڭىز ئوننى تۆلەيسىز»دە تىجارەتچىلەرنىڭ دىگىنى ھىساپ ئەمەس. «بىرسى ساختا بولسا ئوننى تۆلەيمىز»بولسا تىجارەتچىلەر ئەگەر خىلاپلىق قىلسا ھەقىقەتەن ئون ھەسسە بويىچە ھىساپلاش كىرەك!
(ئاپتۇر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

804

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
395
مۇنبەر پۇلى
408
ئىشەنىچ
395
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 17:32:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bildim. buni yollap qatak kipsiz ogurlar korkmay ogurlawiridigan boldi

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

405

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
203
مۇنبەر پۇلى
205
ئىشەنىچ
203
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 00:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىلىۋالدىم، ياخشى تېمىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

200

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
98
مۇنبەر پۇلى
108
ئىشەنىچ
98
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 13:31:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن。
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 01:42, Processed in 0.104372 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش