تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 0

ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

311

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3233

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
465
مۇنبەر پۇلى
1841
ئىشەنىچ
465
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:37:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى
ئازادجان ئىبراھىم
تىرىشىپ  ئۆگىنىپ بولسۇن بىلىملىك ،
مىھرىبان ،يېقىشلىق  بولسۇن سۆيۈملۈك،
ئىش قىلسۇن ھەرقاچان يەنە ئۈنۈملۈك ،
ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى.

ئۆگەنسۇن  كىچىكنى ئىززەت قىلىشنى،
ئۆگەنسۇن چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشنى،
ئۆگەنسۇن ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى،
ئۆگىتىڭ  بالىغا شەرمى ھايانى.

گىپى توڭ  چۇس مىجەزى  قوپال بولمىسۇن،
يۈگەنسىز ،ئەدەپسىز ئوسال بولمىسۇن،
ھەرقانداق بالىغا  ئۇۋال بولمىسۇن،
ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى.

چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمىسۇن،
يۈكسىلىپ كۈنسىرى ساغلام كۆكلىسۇن،
ئالتۇندەك چاغلىرى بىكار ئۆتمىسۇن،
ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى.

ئۆگەنسۇن چوڭلارغا سالام بېرشنى،
ئۆگەنسۇن مەدەنىي كىيىم كىيىشنى،
تاشلىسۇن بارنى يەپ بىكار يۇرۇشنى،
ئۆگىتىڭ  بالىغا شەرمى ھايانى.

ئاڭلىسۇن ئاتىنىڭ قىلغان سۆزىنى،
تاۋلىسۇن چىنىقىپ يەنە ئۆزىنى،
تونۇلسۇن جاھانغا تىكلەپ يۈزىنى،
ئۆگىتىڭ بالىغا شەرمى ھايانى.
2015-يىلى 3-مارت كۈنەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 01:44, Processed in 0.100458 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش