بۇلۇنتىي نېفىت باھاسى ئاللىقاچان 2015-يىلدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلاردىن نېفىت، ئالتۇن، كۈمۈش، پىلاتىنا، مىس قاتارلىقلارنىڭ دولقۇنلۇق سېلىشتۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولۇپ، رەسىمدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، 2015-يىلى كىرگەندىن باشلاپ تا ھازىرىغىچە بۇلۇنتىي نېفىت باھاسى تەخمىنەن %6 ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆرلەش ئامپىلتۇدىسىمۇ ئالدىنقى قىتىملىق ئۆرلەش ئامپىلتۇدىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئالدىنقى ھەپتە، نېفىت باھاسى چۈشۈش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان بولسىمۇ، بىراق بۇلۇنتىي نېفىت باھاسى يەنىلا كۈچلۈك ئورۇندا تۇردى. ئاستىدىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ھەرخىل ئامىللار بۇلۇنتىي نېفىت باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ۋە ئادىل بولۇشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، بىراق رەسىمدىكى ئومومىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلغاندا، 22 خىل ئامىل ئىچىدە ئالدىنقى ھەپتىدىكى مۇۋاپىق نېفىت باھاسىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى بىر قەدەر چوڭ سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نېفىت باھاسىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان. كەينىگە سۈرۈلۈش دەرىجىسى 8 ئامىرىكا دوللىرىغا، ياۋرونىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان نەقلەشتۈرۈلۈشى 6 ئامىرىكا دوللىرىغا، گىرمانىيە DAX پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئادىل نېفىت باھاسىغا بولغان قىممىتى 4 ئامىرىكا دوللىرىغا يىقىنلاشقان. ئۆتۈپ كەتكەن 90 كۈن ئىچىدىكى نېفىت باھاسى بىلەن مۇۋاپىق باھا ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشالماسلىق مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، بۇلۇنتىي نېفىت باھاسىنىڭ يىللىق ئۆرلەش ئامپىلتۇدىسى %169 كە، تەۋرىنىش نىسبىتى %40 كە يەتكەن. نېفىت باھاسىنىڭ مۇۋاپىق قىممىتى شۇ مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.
مەنبە: ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرى |