مەدەنى شەھەردىكى مەدەنىيەتسىز ئىشلار راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى
ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ «ئىككى يىغىن» ى ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ31-يىللىقى ۋە 10 مىڭ سان چىقىرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۆمۈر بويى شان-شەرەپ قوغلاشماي، تېرىقچە ئېلىپ ئالەمچە بەرگەن مۇھەببەتلىك ئابىھايات چەشلىرىدىن چاڭقىغان قەلبلەرنى ئىلىم-مەرىپەت شەربىتى بىلەن سوغۇرۇش جەريانىدا چاچلىرى كۆمۈشتەك ئاقارغان، قەددى ئوقيادەك پۈكۈلگەن، ئەخلاق-پەزىلەت شامىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆچۈرمەي يېقىپ، گۈزەللىك ۋە پاك سۆيگۈنى چۆل-جەزىرىلەرگە،تاغ-چىمەنلەرگە تارقاتقۇچى، قاراڭغۇ دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى مەھەممەت رەيىم، غازى ئەھمەد... قاتارلىق پىشۋالار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، بىرسەھنىدە موكاپات ئالغىنىمدا ئۆزۈم تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمدۈم، ئاجايىپ ھاياجانلاندىم، ھاياتنىڭ ئۆمۈدۋارلارنى موكاپاتلايدىغان سەھنە ئىكەنلىگىنى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشش بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم ۋە چۈشەندىم. ئىككى يىغىننىڭ تۈرتكىسىدە ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىجتىمائى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ساداسى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» گە ئوخشاش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە بولۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچەياڭراپ، ئىلغار مەدەنىيەتلىك، ئىناق جەمئىيەتنىڭ ھېدى ھەممىلا يەرگە پۇراق چېچىۋاتقان كۈنلەردە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن مەدەنىيەتسىز قىلمىشلار كۆڭلۈمنى تولىمۇ غەش قىلىپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇرقىلدى.
يانچۇقچىلار كوچىلار، كوچا ئاپتوبوسلىرىدىن لىفىتقا كۆچۈپتۇ
تەبرىكلەش يىغىنى سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ياتاق-تامىقىنى «ئىتتىپاق يولى» دىكى پارلاق مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن، يىغىن تۈگەپ ئەتىسى بىر قانچىمىز مېھمانخانىنىڭ كۈتۈش زالىدا يىغىننىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئولتۇرغانلار ئىچىدە تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ سابىق ھاكىمى روزىگۈل بايمۇ بار ئىدى، شۇ ئارىدا روزىگۈل بايغا بىرىسىدىن تېلېفون كەلدى، روزىگۈل باي«كەچۈرۈڭلار، تېلېفوننى ئېلىۋالاي» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، لىفىت تەرەپكە كەتتى، قالغانلار پارىڭىمىز بىلەن بولۇپ كېتىپ، روزى گۈلباينىڭ لىفىتقا چىقىپ ياتاققا كىرىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلماپتۇق، ئارىدىن بەش مىنوت ئۆتمىگەن ئىدى. روزىگۈل باي 11 مىڭ يۈەنلىك بىر يانفونىنىڭ لىفىتتا يوقالغانلىقىنى ئېيىتتى. بىز تولىمۇ ھەيران قالدۇق، ئەسلىدە روزىگۈل باي يانفوندا سۆزلىشىپ بولۇپلا يانفوننى پەلتۇسىنىڭ يان يانچۇقىغا سېلىپ لىفىتقا چىقىپتۇ، 12-قەۋەتكە چىقىپ ياتاق ئاچىدىغان كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن يانچۇقىغا قولىنى سالسا يانفون يوقمىش، ئۇ ياتاققىمۇ كىرمەيلا پەسكە چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە لىفىتتا ئادەم بەك كۆپ ئەمەس بولۇپ 7-8 دەك ئادەم بار ئىكەن، ھەممىمىز بىرلىكتە دېلو مەلۇم قىلدۇق، ئەمما تېپىلمىدى.
كوچا ئاپتوبوسىدا يانفون ئويناپ ئولتۇرۇش ياشلارنىڭ ياشانغانلار، قۇچىقىدا بالا بار ئاياللارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرمەسلىكنىڭ ياخشى «چارىسى» ئىكەن
ھەرقانداق بىر ئاپتوبوسقا چىققاندا ئورۇندۇقنى ئىگىلىۋېلىپ يانفون ئويناپ ئولتۇرغان ياشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاپتوبوس قوزغىلىش بىلەن ئاپتۇۋۇزدىن مەدەنىيەتلىك شەھەرئاھالىلىرىدىن بولايلى، ياشانغانلار، ئىككى قات ئاياللار ۋە قۇچقىدا بالىسى بارلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرەيلى... دېگەنگە گەپلەر تەكرار ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ،ئۇلار قۇلىقىغا بىر نەرسە تىقىۋالغاچقا ئۇنى ئاڭلىمامدۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالامدۇ؟ بۇنى بىلىش قىيىن. بىر كۈنى قىزىلتاغ بېكىتىدىن 901-يول ئاپتوبوسقا ئىتتىپاق يولىدىكى پارلاق مېھمانخانىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم، ئاپتۇۋۇزدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ بىر ئايال قۇچاقتىكى بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا دەلدەڭشىيتتى، ئاپتۇۋۇزدىن لاباسىدىن « ياشانغانلار، ئىككى قات ئاياللار ۋە قۇچقىدا بالىسى بارلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرەيلى» دېگەن سادا قايتا ئاڭلانغان بولسىمۇ 20 نەچچەياشلار چامسىدىكى چىرايلىق بىر قىز بىلەن، يەنە بىر ئوغول يانفون ئويناپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئورۇن بوشۇتۇپ بەرمىدى، ئاپتۇۋۇزدا باشقايولۇچىلارنىڭ غۇدۇراشلىرى ئاڭلاندى، ئەمما غۇدۇراشلارنىڭمۇ قىلچە پايدىسى بولمىغانلىقىنى كۆرگەن بىر ئايال ھېلىقى «چىرايلىق قىز» نى نوقۇپ «قۇچىقىدا بالىسى بار ئايالغا ئورۇن بەرسىڭىز» دېگەندىن كېيىن ئۇ قىز غودورىغانچە ئورۇن بىكارلاپ بېرىپ، ئارقا تەرەپكە ماڭدى... بۇنداق ئەھۋال ھەر قانداق ئاپتۇۋۇزدا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە بۇنداق ئەھۋال ئەسلا يوق بولۇپ ھەر قانداق كوچا ئاپتوبۇسىغا بەش-ئالتە ئورۇندۇققا «ياشانغانلار، ئىككى قات ئاياللار ئورنى» دېگەن خەت چاپلانغان بولۇپ، ئەگەر شۇ نۆۋەتلىك ئاپتۇۋۇزغا ياشانغانلار، ئىككى قات ئاياللارچىقمىغان بولسىمۇ شۇ ئورۇن بوش تۇرىدىكەن، ئەگەر ئۇ ئۇرۇنلار يېتىشمىسە ھەر قانداق ئادەم دەرھال ئورۇن بىكارلاپ بېرىدىكەن.
قانۇنسىز ئېلانلار ھەممە جاينى قاپلاپ شەھەر مەنزىسىگە ئېغىر تەسىريەتكۈزگەن
ئۈرۈمچى شەھرى خەلقئارالىق ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، شۇڭا قانۇنسىز ئېلانلارنى چەكلەش جەھەتتەناھايىتى كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر قەدەر چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇنداق مەدەنىيەتسىز قىلمىش بارغانسىرى كۆپۈيۈپ، شەھەر گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەننىڭ سىرتىدا تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن، سىم تۈۋرۈكلىرىگە چاپلانغان جىنسى ئېلانلار، پىيادىلەر كوچىسىغا تاشلانغان ۋە چاپلانغان پۇل قەرز ئېلىپ بېرىمىز، ئىش تېپىپ بېرىمىز دېگەنگە ئوخشاش ئالدامچىلىق ئېلانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. مەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە 10 نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا خېلى كۆپ ئولتۇراق رايۇنلىرىغا كىردىم، ئولتۇراق رايۇنلىرىنىڭ كارىدورىغا سىيا بىلەن ئىنتايىن سەت يېزىلغان «ئۆي تازىلايمىز»، «بېزەكچىلىك قىلىمىز»... دېگەنگە ئوخشاش ئېلانلار، ھەر قايسى ئۆتۈشمە يول، ئاپتوبوس بېكەتلىرىدە زورلاپ تاڭىدىغان مەھسۇلات سېتىش ئېلانلىرى... مېنىڭچە بۇنى توسۇش ئانچە قېيىن ئەمەس، چۈنكى ھەممەئېلانلارنىڭ ئاخىرىدا ئالاقىلىشش نومۇرى بولغىنى ئۈچۈن، شەھەر مەمۇرىيىتى تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزىگە تازىلاتقۇزغاندىن باشقا ئېغىرراق بولسا جەرىمانە قويسا تۈزەتكىلى بولىدۇ. قۇلاقنى يارىدىغان شاۋقۇن ئاۋاز
شاۋقۇن ئاۋاز ئىنسانلار سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق، ئەمما دۆڭكۈۋرۈكتىكى تاللابازارلىرىنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلاردىن چىققان ئاۋاز قۇلاقنى يارىدۇ.
شەھەر كوچىلىرىدا ئاممىۋى ھاجەتخانىلار يوق دىيەرلىك ئېسىمدە قېلىشىچە ئۈرۈمچى شەھرى 2010-يىلى شەھەر ئىچىدە ئاممىۋى ھاجەتخانىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى بىر قارارنى ئېلان قىلغان بولۇپ ئەمما ھازىرغىچە بۇنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىدى، مەسىلەن، جەنۇبى قوۋۇقتىن شىمالغا قاراپ شىمالى قۇۋۇق، ياشلار يولى، تاكى«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئەتراپىدا بىرەرمۇ ئاممىۋى ھاجەتخانا يوق. ئاممىۋى ھاجەتخانا بار جايلاردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ تازىلىقى ناچار، چەت ئەللەردە بۇنداق ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلگەن بولۇپ، مەن ياۋروپادىكى 16 دۆلەتكە باردىم، ئۇدۆلەتلەردە ئاممىۋى ھاجەتخانىنى قەدەمدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقسىز،يەنە ياۋروپادىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىغا سىرىتتىن كەلگەنلەرئىچىدىغان سۇ (ئۇلار تۇرۇبىدىن چۈشكەن خام سۇنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن) جۈمەكلىرى،ئۇنىڭ قېشىغا قويۇلغان ئىستاكانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بىر قىسىم كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ناچار يېقىندا ئاخىرلاشقان ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ «ئىككى يىغىن» دا 2015-يىلىنى 6-قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى قىلىپ بېكىتتى. ئۈرۈمچى شەھرى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ... مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. ئەمما بىر قىسىم كۆزنەك ئورۇنلار ئۇنداق قىلماي كىشلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ 9786K قېتىملىق پويىز بىلەن6-فىۋرال قەشقەر قاراپ يولغا چىقتىم، مەن ئولتۇرغان ۋاگۇن 11-ۋاگۇن بولۇپ، چىقىپلا نەس باسقانلىقىنى ھېس قىلدىم. 11-ۋاگۇننىڭ ھاجەتخانىسى تاقاق، پويىز خىزمەتچىسىگە ئېچىپ بېرىشىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ ۋاگۇننىڭ سۇ قاچلىيالمىغانلىقىنى، كورلىغا بارغاندىن كېيىن سۇ قاچىلايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ ۋاگۇندا چاي يوق، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا «سۇ قاچلىيالمىغاندىن كېيىن شۇنداق بولىدۇ، باشقا ۋاگۇندىن ئىچىپ تۇرۇڭلار» دېدى. مەن باشقا ۋاگۇندىن قايناقسۇ ئەكىلىش ئۈچۈن مېنىڭ كارۋىتىمنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇلغان چايدانغا قارىسام ئاغزى يوق، مەن پويىز خىزمەتچىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئېيىتسام ئالماشتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنمىدى. ئۇ ۋاگۇندا پار يوق، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىساق « سۇ تۇڭلاپ كەتكەچكە ئاشۇنداق بولىۋاتىدۇ، بەلكىم كورلىغا بارغاندىن كېيىن ئوڭشىلار، بىزمۇ شۇڭا جۇۋا كېيىپ خىزمەت قىلۋاتىمىز» دېدى. چوڭلارغۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەمما كىچىك بالىسى بارلار بەك قىينالدى، كورلىغا يېتىپ باردۇق، ئەمما بىز ئولتۇرغان ۋاگۇننىڭ سۈيى توڭلاپ كەتكەچكە سۇ قاچىلىيالماي قەشقەرگە بارغىچە ھەممەيلەن داتلاپ كەلدى... بۇلارغۇ مەيلى، قىينالساقمۇ قەشقەرگە ساق-سالامەت كېلىۋالدۇق، لېكىن ھېچقانداق چاغدا يۈزبەرمەيدىغان ھەم يۈز بەرمەسلىككە تېگىشلىك بىر ئىش يۈز بېرىپ، كۆڭلۈمنى تېخىمۇ غەش قىلدى، كارۋاتلىق ئورۇننىڭ بېلىتىنى پويىزغا چىقىپلا پويىز خادىمى يىغىۋېلىپ، بىردىن تاختا بېرىدۇ، پويىز ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ بارغاندا بېلەتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. مەن ئالدىراشلىقتا بېلەتكە قارىمايلا ئېلىپ يانچۇقۇمغا ساپتىمەن، كېلىپ خېلىدىن كېيىن بېلەتنى ئاتچوت قىلىش ئۈچۈن باشلىقنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرسەم، باشلىق تەستىقلاش ئۈچۈن قولىغا قەلەمنى ئېلىپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالماي ھەيران قالدىم. بېلەتتىكى ئىسىم رەيھانگۈل سۇلتان ئىكەن، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسەم يەر قاتتىق، ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسەم ئاسمان يىراق،چۈشەنچە بېرىش ھاجەتسىز ئىدى، باشلىق ئىشخانىسىدىن يۈزۈم بىلەن ماڭغاندەك مېڭىپ، سىرتقا چىققاندىن كېيىن بېلەتنى يىرتىپ تاشلاپ ئويلاپ قالدىم؛ ئەگەر رەيھانگۈل سۇلتانمۇ بېلىتىنى ئاتچوت قىلدۇرىدىغان بولسا مەن يولۇققان ئاقىۋەتكە دۇچاربولغانمىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ پويىز خىزمەتچىسىنىڭ سەۋەنلىكى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خىزمەتتە ئەستايىدىل ئەمەسلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر كۆزنەك ئورۇنلاردىكىلەر خىزمەتتە مۇشۇنداق بىپەرۋالىق قىلسا «خەلق تۇرمۇشى يىلى» دىكى ۋەزىپىلەرنى قانداق ئورۇنلارمىز ؟! ئادىرىسى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكرادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسى |