تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 2

تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئۈچ چوڭ ئۇسۇل›› ئارقىلىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1333

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
184
مۇنبەر پۇلى
1133
ئىشەنىچ
184
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 12:32:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئۈچ چوڭ ئۇسۇل›› ئارقىلىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى تەشۋىق قىلىدۇ

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ‹‹يېڭى، تەرتىپلىك، تولۇق›› بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ‹‹ئۇسۇل›› ئارقىلىق بىر يۈرۈش ‹‹تولۇق ۋاسىتە››لەرنى روياپقا چىقىرىش ـــ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ قېتىم مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى تور ئەھلىگە ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ئايرىم-ئايرىم بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› تولۇق ۋاسىتىلىك خەۋەر قىلىش لىنىيەسىمۇ رەسمىي قوزغىتىلدى.
‹‹كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ›› سىرتقا نامايان قىلىش

    2015-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلىش مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئىككى ئۈندىدار››، ‹‹ئىككى يانفون تېرمىنالى››، ‹‹ئۈچ يانفون گېزىتى››، ‹‹بىر مىكروژۇرنال›› قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ خەۋەر قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور ئەھلىگە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى تولۇق تونۇشتۇرىدۇ.
    ‹‹يېڭى يىپەك يولى، يېڭى دائىمىي ھالەت، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە مەدھىيە ئوقۇش›› باش تېما قىلىنغان تەڭرىتاغ تورى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس خەۋەرلىرى تەڭرىتاش تورى ئۈندىدارى، تەڭرىتاغ تورى مىكروبىلوگى، ‹‹شىنجاڭنىڭ 24 سائىتى›› ئابونتلار تېرمىنالى. تەڭرىتاغ تورى خەۋەر ئابونتلار تېرمىنالى، تەڭرىتاغ تورى خەنزۇچە يانفون گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قازاقچە يانفون گېزىتى، شۇنداقلا تەڭرىتاغ تورى مىكروژۇرنىلى قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن ››نى خەۋەر قىلىدۇ.
    تولۇق ۋاسىتە شەكلىدىن پايدىلىنىپ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن ›› نى شەرھىيەلەشتە تەڭرىتاغ تورى ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەپ ‹‹ئىقتىسادىي يېڭى دائىمىي ھالەت، بىر بەلباغ ـــ بىر يول، تەرتىپكە سېلىش›› قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە نەزەر سالىدۇ.
    ‹‹ئۈچ چوڭ ئۇسۇل›› قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ

    2015-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىشتا تەڭرىتاغ تورى ‹‹يېڭى، رەتلىك، تولۇق›› بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەۋھەر ئارقىلىق تولۇق ۋاسىتە خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىغا ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    ھەر خىل يېڭى تاراتقۇ شەكلىدىن پايدىلىنىشتا تەڭرىتاغ تورى دەسلەپتە شىنجاڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئابونتلار يانفون تېرمىنالى، ئۈندىدار ۋە يانفون گېزىتى قاتارلىقلاردا تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنى ئەڭ يېڭى، ئەڭ تولۇق ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئاخبارات تورى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورى بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىشتا ئۇچۇرلارنى تەرتىپكە سېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېز، توغرا، تولۇق بولۇشقا كۈچەپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىنى يىغىش-تارقىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ، تور ئەھلى پەقەت تەڭرىتاغ تورىغا تىزىملاتسىلا ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.
    تەڭرىتاغ تورى بۇ قېتىمقى كاتتا ئۇچرىشىشنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئالتە خىل تىلدا چوڭ تىپتىكى مەخسۇس سەھىپىنى روياپقا چىقاردى. تەڭرىتاغ تورى بۇ يىلمۇ يەنە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە ئالتە خىل تىلدا خەۋەر تارقىتىدۇ.
   ‹‹زىچ بىرلىشىپ›› كاتتا يىغىلىشقا نەزەر سېلىش


    تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن ›› دىكى ۋەكىل، ئەزالار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى يۈرىكىدىكى ‹‹ئىككى يىغىن ›› غا بولغان ساداسى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
    تەڭرىتاغ تورى كۆپ تىللىق سۇپىسى يەنە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە چاستوتىلىرى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاناللىرى، خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاناللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار سۇپىسىدا ‹‹ئىككى يىغىن›› خەۋەرلىرى بېرىلىدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1832

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
258
مۇنبەر پۇلى
1568
ئىشەنىچ
258
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 20:11:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇپتۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 21:32:52
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:27, Processed in 0.105875 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش