تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 2

مۇكاپات( ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 23:52:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇكاپات»
(ھېكايە)
تۇردى ئىسرائىل
    ئۆي  بىلەن ئىش ئورنۇمنىڭ ئارىلىقى يىراقراق  بولغاچقا ، ئائىلەمدە مەن بىر ياقلىق قىلىشقا تېگىشلىك  ئىشلا بولمىسىلا، كۆپىنچە چاغلاردا  چۈشلۈك  دەم ئېلىش ۋاقتىمدا ئۆيگە قايتالمايتىم.
بۈگۈنكى چۈشلۈك ئارامدا  قورسىقىمنى  ئاندا-مۇندا  ئەستەرىلىۋىلىپلا  توردىن  ئەدەبىي ئەسەر كۆرۈپ ئولتۇراتتىم . ئۇشتۇمتۇت  تېلېفونىم  ئەنسىز چېقىراپ،   دېققىتىمنى چېچىۋەتتى. مەن  ئورۇنسىز ۋاقىتتا كەلگەن تېلېفون   ئۇچۇرىدىن  كەيپىم  ئۇچۇپ ،   ئېكىرانىدىكى ناتۇنۇش نومۇرغا كۆزۈمنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ گۆلىيىۋىتىپ ، ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى باستىم-دە  :
  -ۋەي ،ياخشىمۇ سىز؟سىزگە قانداق ياردىمىم  كېرەك؟ –دېدىم .
       قارشى تەرەپ تېلېفۇننى ئالاقىلىشىش شېركىتىنىڭ مەلۇم شۆبىسىدىن  بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بۇيىل يېتىپ  كېلىش ئالدىدا تۇرغان "  دۇنيا پوچتا- تېلگىراف كۈنى'' نى  ئەھمىيەتلىك    پائالىيەتلەر    بىلەن تەبىركلەپ ، مولازىمەت تۈرلىرىنى ئاممىغا  يەنە بىر قېتىم  تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق  ئابۇنتلار ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ    قوزغاپ ،  خىرىدارلار   سانىنى ئوڭ تاناسىپلىق نىسبەتتە  ئاشۇرۇش  مەقسىدە ، شېركەت   يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان    شېركەت قائىدە –تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق  بويسۇنۇپ،سۆزلىشى ھەققىنى   ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان  ئابۇنىتلارنىڭ  تېلېفون نومىرلىرىنى ئاساس قىلىپ،   ئابۇندلارغا  ۋاكالىتەن  "موكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى'' ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مېنىڭ يان  تېلېفون نومىرىم 1–دەرىجىلىك   موكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىپ   ، 200مىڭ  يۈۋەنلىك ئالاھىدە موكاپاتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىمنى  ،شۇڭا مەن  مۇكاپاتىمنى  نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىركەتكە   كېلىپ ھەرەج تارتىپ يۈرمىسەممۇ  ،مەن    ماڭا تەۋە بولغان موكاپات  سوممىسىنىڭ %6ى   بولغان     12مىڭ يۈەن   «جامائەت گۇۋاھلىقى ھەققى»نى شېركەتنىڭ x  x     x   x  نومىرلىق بانكا  ھېساباتىغا     ئاغدۇرىۋەتسەملا ئىشىم پۈتۈپ   ،ئۇلار جامائەت گۇۋاھلىق ھەققىنى تاپشۇرىۋىلىپلا ماڭا تەۋە بولغان  موكاپات سوممىسىنى تىزلىكتە  ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    تەلەي نەگە ماڭدىڭ،دوقا ماڭلايغا – دېگەندەك ، بېشىمغا تۇيۇقسىز  قونغان  ئامەت قۇشىنىڭ  ۋەسۋەسىدە   غايىبتىن كېلىپ قالىدىغان  بۇ  موكاپات پۇلىغا سېتىۋالىدىغان  ماددى بۇيۇملارنى  خام چۇت قىلغاچ   ،شىرىن خىياللار  بۈشۈكىدە ئەللەيلىنىشكە  باشلىدىم . مۇنداق   ئۆز ئايىقى بىلەنلا  كېلىپ قالىدىغان غايىب نېسىۋىنى كۆرسە ، كىمنىڭمۇ دىلى       شادلىققا تولمىسۇن  دەيسىز  ؟  ئامەت دېگەنمۇ ئويلىمىغان چاغلاردا   ئادەمنى ھىدلاپ   يۈرۈيدىغان  ئاجايىپ  نەرسىمۇ نېمە –دەپمۇ قالىمەن   ئىچىمدە .
    يېقىندىن بۇيان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئائىلە ماشىنىسى  سېتىۋىلىشىپ، كاتتا  ماشىنىلاردا  مىلىيۇنىرلاردەك گېدىيىپ ئولتۇرۇشۇپ  ، ئۇچىرىغان تونۇش-بىلىشلەرگە قىلىنىدىغان  سالام –سائەتنىمۇ ئۇنتۇشۇپ، خۇددى زىراپىلاردەك گېدىيىپ  يۈرۈشكىنىنى   ئويلىسام ،ئىچىم  لازا يەۋالغاندەك ئاچچىق بولۇپ،  ئوغرى   مۈشۈك يۈرۈكىمنى  تاتلاۋاتقاندەك   غەيرى  ھېسىياتقا  كېلىپمۇ قالىمەن.    چۈشۈمدىمۇ   كىشىلەرنىڭ پۇلدارلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇرۇپ ، بېلىنى گېپىسلانغان  بىماردەك  ئېگىلەلمەيدىغان قىلىپ قويۇشقان    شۇ ماشىنا دېگەن كىسپۇرۇچنى مەنمۇ  زادى بىر  ئالمىسام  دېگەن   ئوي نېرۋامنى  تولا غېدىقلاپ   ،مېنى      خىيالچان بىر   ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى  .
    مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق  بەزگە ئامىراق،قېيىن ئانامنىڭ چىشى يوق تۆشكە...-دېگەندەك ، چۈنتىكىمدە   ئۇ  ئايدىن بۇ ئايغا قالدۇق بولۇپ تۇرىدىغان  تۆت تەڭگىنىڭ تايىنى يوق،ئاسماندىكى غازنىڭ شۇرپىسىغا نان چىلاپ ، چۈش قوينغا    ئەسىر بولۇپ يۈرىۋاتقان  ماڭائوخشاش   ئەخمەققە  غايىپتىن كەلگەن بۇ ئامەت خۇددى  ئاغرىق كالىغا  پىچاق خۇش ياققاندەك يېقىپ كەتكەن  ئىدى.ئەندى مەن   ماشىنا   ئېلىشقا سەرپ قىلىنىدىغان   بىر ئۇچى بىلەككە، يەنە بىر ئۇچى يۈرەككە تۇتىشىپ تۇرىدىغان بۇ  مېھرى ئىسسىق رەڭلىك قەغەزگىمۇ  تەلەي-پىشانەمگە تايىنىپ ئېرىشىپمۇ قالغان ئىدىم. پېقىر ئەندى  پۇل  دېگەن ھارامزەدىنى   شۇنداق خەت-خىراج قىلىدىكى ،  خۇدا يولىدا   سالام –سائەتىكىمۇ  يارىماي،مېنى كۆزىگە ئېلىشمىغان  ھارامزادىلەرنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىپ ، ئوت چىقىرىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس.  ئەندىغۇ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن شېرىن خىياللىرىم    روياپقا چىقىپ، ماشىنا دېگەننى   چىكىپ تۇرۇپ    سېتىۋىلىپ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان   بوينىدا شاپتۇل قېقىپ  يۈرگەن  بەچچىغەرلەرنى سەھرانىڭ قارغىش كەتكەن  توپىلىق  يوللىرىدا  قۇيۇن  تازدەك چېپىپ  ،توپا-چاڭغا كۆمۈپ   ئۆزۈمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام    ھېساب ئەمەس- دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزۈمچە  كۈلۈپ كەتتىم .
كۆڭلۈمنىڭ ئاللاقانداق  بىر يەرلىرى بۇ كاتتا خۇش خەۋەرنى دۇست-بۇرادەرلىرىڭگىمۇ   ئېيتىپ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتمەمسەن-  دېگەن بىر مەۋھۇم   خىيال   ھە  دەپ    ئالدىراتماقتا ئىدى.  مەن    قىلىۋاتقان   ئىشلىرىمنى تاشلاپلا ،   قوشنا ئىشخانىغاقاراپ  چاپتىم.
   قوشنا ئىشخانىدىكى بۇرادەرلەر    روخسارىمنىڭ تەڭرى تېغىدىكى   قار لەيلىسىدەك  ئېچىلىپ  ، كوچىدىن   ئالتۇن تېپىۋالغان نامىرادتەك خۇشال بولۇپ كەتكىنىمنى  كۆرۈشۈپ، مەندىن بۇ غايىبانە  خۇشاللىقنىڭ سىرىنى   سوراشتى . مەن  خىزمەتداشلىرىمغا  بۇ ئۇچۇرىنى  تۇمۇزدا تۇيۇقسىز  چىقىپ ئادەمنى رۇھلاندۇرىۋىتىدىغان  مەيىن شامالدەك بىر ۋەزىندە     يەتكۈزىۋىدىم ،خىزمەتداشلىرىم شۇ ھامان   بىرەر ئۇياتلىق يېرىمنى كۆرۈپ قېلىشقاندەك يوتىلىرىغا شاپلاقداپ ئۇرۇپ    ،ئۈنلىرى پۈتۈپ  تالجىققىچە   كۈلۈشتى.
بۇ چاغدا    پېشقەدەم خىزمەتدىشىمىز  ئەكبەر مۇئەللىم   باشقىلارنى   تېنىچلىنىشقا ئۈندىگەچ  :
   -ئۇكام دىلمۇراد  ،  چېھرىڭ  بۈگۈن   تومۇز ئاپتىپىىدەك ئېچىلىپلا  كېتىپتىغۇ . غايىپتىن  بىرەر ئامەدكە   ئېرىشىپ قالغان  ئوخشىمامسەن  -دېدى.
    مەن   كاتتا ئامەد  خۇشلۇقىدىن  بەيگە ئېتىدەك  چاپچىۋاتقان يۈرىكىمنى  تېچلاندۇرۇش ئۈچۈن ،   بىر ئىستاكان  مېنىرال  سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋىتىپ ،  مېنى   خۇش قىلىۋەتكەن بۇ    ئۇچۇرنى خىزمەتداشلىرىمغىمۇ    يىپتىن –يىڭنىسىگىچە يەتكۈزدىم.بۇنى ئاڭلىغان   ئەكبەر موئەللىم  ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە   :  
-ھەي… يەنىلا  كىچىك بالىسەندە   دىلمۇراد   ئېنىم . دۇنياداھالال تەر  ئاققۇزماي  ، فانتازىيىلىك چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان  «ئېچىل  داستىخىم » دېسىلا  ، نازۇ-  نېمەت دېگەنلىرىڭ    ئۆز ئايىقى بىلەن  ،   ئىھتىياجىڭدىن ئېشىپ –تېشىپ  كېلىۋىرىدىغان  ساماۋى  جەننەتنى  نەدە  كۆرىۋىدىڭ ؟ بۇرنۇڭغا سۇ كىرمىگەن   گۈدەك بالىدە سەن.
مەن سىلەرگە  بىر خىزمەتدىشىمنىڭ  ئۇچۇر قىلتىقىغا دەسسەپ ، نەق  بىر كاللەكنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنىم  سېنىڭ   ئېسىڭدىن   كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ-دە .بىر كاللەك دېگەن  نەق   10مىڭ سوم    دېگەن گەپقۇ .سىلەر ياش بالىلار   بىرەر  قىيىن ئىشقا دۇچ  كەلسەڭلار،   تارىخى ساۋاقلارنى  ئەستىن چىقىرىپ ،قىلغان  ئىشىڭلاردا  زىيان تارتىپلا  يۈرۈيسىلەر.«كىچىك بالا،قىلغان ئىشى چالا »دەپ ،ئىش قىلغاندا  ئالدىراپ-تىنەپ ئىش  كۆرىدىغان   تەنتەك مىجەزىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭلار زادى   بولمايدۇ.  ئېنىم، ساڭا  ئۇچۇر يوللىغان ئۇ    شېركەت، موكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق دەپ، بىر پارچە لوق  گۈشنى   جەراستاندىلا مەقسەتسىزئوتتۇرىغا   ئاتقان ئەمەس. قۇيرۇق بولمىسا تاشتا ،قاغا  قۇنامدۇ  قاشقا   -   دېگەندەك ،ئۇلار ساڭا ئوخشاش ئاچچىق-سوغۇقنى   بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن  نادان كىشىلەرنى  مانا مۇشۇنىڭدەك قىممىتى  بىر قەدەر كۆپ  بولغان ساختا  موكاپات سوممىسىغا  مەقسەدلىك  قىزىقتۇرۇپ،  ،دۆلەت قانۇن-نىزاملىرىنى  كۆزىگە ئېلماي ، ساقتا قېلمىشلىرىنى ئاتالمىش« جامائەت گۇۋاھلىقى خىراجىتى» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن پەدازلىۋىلىپ، گۈش كۆرسۈتۈپ ئۆپكە سېتىپ،كۆپۈ–كۈندۈزدىلا كۆزۈڭگە   توپا چېچىپ، پۇللىرىڭنى ئاشكارا     تالان-تاراج قىلماقچى .ئۇلار بۇئاتالمىش«   موكاپات سوممىسى»غا تۈرلۈك-تۈمەن   نەيرەڭلەرنى   ئىشقا سېلىپ،كىشىلەرنى     قىزىقتۇرىدۇ-دە،سەن ئۇلارنىڭ بۇ  ئۇچۇرىغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ كېتىپ ،   موكاپات پۇلۇڭنى ۋاقتىدا ئېلىۋىلىش غەرىزىدە  «جامائەت گۇۋالىقى ھەققى »نى  ۋاقىتنى سوزمايلا   دەل ۋاقتىدا    يوللىۋىتىسەن-دە ،ئۇلار  سەن يوللىغان «جامائەت گۇۋالىقى ھەققى »نى  تاپشۇرىۋىلىپلا دەرھال  تېلېفۇنىنى ئېتىدۇ .سەن  موكاپات سومماڭنى ۋاقتىدا  تاپشۇرىۋالالمىغاندىن كېيىن ، ئۇلارنى ئىزدەپ تېلېفۇن قىلساڭ ،سەن پەقەت تېلېفۇنىسېتنىڭ « كەچۇرۇڭ ،بۇ تېلېفۇن نومىرى ئىشلتىلىمىگەن » دېگەن   ئاپتۇماتىك  ئۇچۇرغىلا    ئېرىشىسەن  -دەپ بولۇپلا    پىشانىسىگە بىرنى  ئۇرىۋىتىپ  :
-  ۋاي ، ئېسىم قۇرۇسۇن دىلمۇراد  ئېنىم .  ئۇ چاغدا سەن ئوبلاست مەركىزىگە  "قوش تىل '' بويىچە  ئۇچۇق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا  كېتىپ ،مەن سۆزلەپ بەرگەن  ئۇ  ۋەقەنى ئاڭلىمىغان ئەمەسمىدىڭ . سېنىڭ    يوقلىقىڭ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ ،  سېنى بىھۇدىلا   ئەيىپلەپ  يۈرۈپتىمەن    ئۇكا .گەپلىرىمنى  كۆڭلىڭگە  ئالماسسەن-ھە!
-ئۇكىلىرىم،  مەن ئۇ  خىزمەتدىشىمنىڭ    ئۇچۇر  قىلتىقىغا دەسسىگەن كەچۈرمىشىنى يەنە بىر  قېتىم  سۆزلەپ بېرەي. مۇبادا   بىرەر قىيىن ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار  بۇ ساۋاق  سىلەرگە ئەينەك  بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس .
بۇ  ئىش يۈز بەرگىلىمۇ  ئالاھەزەل ئىككى-ئۈچ  يىللارچە  بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. مېنىڭ "گۈلباغ''مەكتىپىدە بىللە ئىشلەيدىغان       مۇستاپا ئىسىملىك بىر  خىزمەتدىشىم بولىدىغان.ئۇنىڭغىمۇ  دەل  دىلمۇرادقا كەلگەندەك  ئۇچۇر كېلىپ،ئۇ بىچارە  بىنادىن ئۆي ئالىمەن دەپ مىڭ بىر بالالاردا  چىشىنىڭ كاۋىكىغا تېقىپ يۈرۈپ يىغقان   پۇلنى      ئۇچۇر ئالدامچىلىرىنىڭ چۈنتىكىگە بىھۇدىلا  تاشلاپ بەردى ئەمەسمۇ .مۇستاپا  بۇ ئۇچۇرنى ئۆز ۋاقتىدا  بىزگە بىر  قېتىم تېنىۋەتكەن بولسا،بىزمۇ ئەلبەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچە  ياردەم قىلىپ، ئۇچۇرنىڭ ساقتىلىقنى  ئەسكەرتىپ قويغان بولساق ،ئۇ مۇنداق  ھۆل يەرگە دەسسەپ، زىيان تارتىپمۇ ئولتۇرماستى.  ئەينى چاغدا بۇ ئىشنى   ئۇ ئۆزىمۇ خاتا قىلدى  .ئۇ ،ئەگەرخىزمەتداشلىرىم   مېنىڭ بۇ   غايىبتىن كەلگەن  موكاپاتنى   تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمنى  بىلىپ قالسا   ئۇلار  بىزنى مېھمان قىلمامسەن دەپ تۇرېۋىلىشى   ھەتتا  بەزىلىرى   پۇل     ئۆتنە –يېرىم  قىلىشقا   مەجبۇرلاپ،پۇلنىڭ بەركىتىنى ئۇچۇرۇپ،  ئادەمنى  ئاۋارە قىلىشىدۇ   -  دېگەنلەرنى ئويلاپ ،بۇ ئاتالمىش «  موكاپات»  ئۇچۇرىنى ھىچ  قايسىمىزغا تېنماي ، «كىشگە سانىساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە »دەپ، مۇستاپا بىزدىن  خۇپىيانە ئىش تۇتۇپ يۈرگەچكە   ، بىنادىن ئۆي ئالىمەن –دەپ ،ساقلاۋاتقان    15 مىڭ سوم  پۇل  ئۇچۇر ئالدامچىلىرىنىڭ   قىلتىقىغا بىھۇدىلا چۈشۈپ كەتتى ئەمەسمۇ  .
-ئۇكىلىرىم ،سىلەر  تېخى  ياش  ."بالا،قىلغان ئىشى چالا'' دەپ،  مۇبادا سىلەر  شۇنداق ئىشلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭلار    ، ئالدىراپ ھۆل يەرگە  دەسسەپ ، زىيان تارتىپ يۈرمەي، كېڭەشلىك ئىش بوزۇلماس دەپ ، قانداقلىكى  ئىش  قىلساڭلار  چوڭلار ۋە دۇست-يارانلىرىڭلارغا  مەسىلىھەت سېلىپ،ئىشلارنى ئېدىتلىق  قىلىشنى ئۈگىنىڭلار -دېدى.
مەن  ئەكبەر  موئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن   :
   - رەھمەت، ئەكبەر موئەللىم . «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»دېگەندەك، بۇرادەرلەرنىڭ   دانا  مەسىلىھەتىنى  ئاڭلىمىغان بولسام ،  مەنمۇ تاس-ماس قالاركەنمەن     ئوغلۇمنى ئۆيلەش ئۈچۈن يېمەي –ئىچمەي يىغىۋاتقان   بىر مۇنچە پۇلۇمنى  قۇدۇققا    ئاتقىلى .
سۆزۈم تۈگىشىگە  ئەكبەر مۇئەللىم يەنە :
-دىلمۇراد ئۇكام ، بۇندىن كېيىن  ساقتا  ئۇچۇرلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭ،   سەن   بۇ ئىشنى مۇنداق  قىل  دېدى ۋە يوللايدىغان     ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى...
       *                   *               *
مەن    پەيتنى  قولدىن بەرمەي شۇ كۈنىلا ئۇلارغا :«ھۆرمەتلىك دېرىكتۇر  ئەپەندى،شېركەتلىرىنىڭ  موبارەك  ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تاپتىم.ئەگەر راستىنلا    ئەھمىيەتلىك  تېمىلاردا  پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، شىركەتنى   گۈللەندۈرۈش تاماندا ئىش كۆرگەن بولسىلا  بۇ ئەلبەتتە  ئەل-ئاۋامنىڭ  قارشى ئېلىشى ،قوللىشىغا ئېرىشىدىغان ياخشى   ئىش  بولىدۇ.    ئەگەر غەيرى بىر  تاماندا   قىلىنغان ئىش بولسا  ،بۇ جىنايەتكار  قېلمىشلىرى   ئاۋامنىڭ نەپىرىتىگە ئۇچىراپ،كوچىدا قالغان ئىت  ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك  كۈلكىگە  قالىدىلا  .   خىرس ۋە رىقابەت بىلەن تولغان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ،ھېچكىممۇ  مۇنداق كاتتا  موكاپاتنى ئالمايمەن- دېمەسلىكى مۇمكىن.مەنمۇ ئەلبەتتە شۇنىڭ ئىچىدە. بۇقېتىقى ئېلىپ بارغان  پائالىيىتىڭلاردا   مەن «جامائەت گۇۋاھلىقى ھەققى »نى سىلەرنىڭ   بانكا ھېساباتىڭلارغا  يوللايمەن   دەپ ئارتۇق ھەرەج  تارتىپ يۈرگۈنۈمدىن كۆرە،سىلە  ماڭا  يوللۇنىدىغان   موكاپات سوممامدىن   سىلەرگە  تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك  %6  «جامائەت گۇۋالىقى ھەققى»نى تۇتۇپ قېلىپ  قالغىنىنى  ئەۋەتىپ بەرسەڭلارلا ، ئىش تامام،ۋەسسالام بولمامدۇ »دېدىم .قارشى تەرەپ سورىغان سوئالىمغا  جاۋاب بېرىشنىڭ  ئورنىغا   بۇ،بۇ... بۇنداق قىلساق بولماسمىكىن ئەپەندى  ...دېگىنىچە  ،  تېلېفۇننى ئالدىراپ   ئېتىۋەتتى….

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

525

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
85
مۇنبەر پۇلى
432
ئىشەنىچ
85
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 23:53:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئوغلىنى ئۆيلەش ئۈچۈن پۇل يېغىۋاتقان ئادەمنى كىچىك بالا دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەسەرنىڭ مۇشۇ يىرىدە ئازراق چىنىپ قالغان يەر بار. ئۇندىن باشقا ژانىر جەھەتتىن ھىكايىگە تەۋە قىلىش ئۈچۈن تىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن يەنىمۇ پىششىقلاشقا توغرا كىلىدۇ.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 09:48:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alga~nap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 23:53
مېنىڭچە ئوغلىنى ئۆيلەش ئۈچۈن پۇل يېغىۋاتقان ئادەمنى ك ...

رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 03:05, Processed in 0.105645 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش