چوغ گۈلى قەدىردىن باۋۇدۇن
بىر ئەنسىرەش تارتىۋالدى مەندىن كېچىنى، شامال سۇقۇپ تۇكۇلمەكتە خىيال چېچىگى. چۇشلۇرۇمدە كۇرگىنىم سەن ئارزۇيۇممۇ سەن، بەربات قىلدىڭ قۇيۇلمىدى سويگۇ كورىكى.
تولۇن ئايغا قاراشقىمۇ مەيلىم يوق پەقەت، بۇلۇتلارغا يېلىنمىدىن دەردىمنى بەر دەپ. ئۆچكىنى يوق ماڭا ياققان ئوتۇڭ تېخىچە، كۇيۇنىمەن شۇڭا سەندىن يۇردۇم ئەنسىرەپ.
سىنىڭ ماڭغان يولۇڭ بەلكىم ئوڭ بوپ كەتكەندۇ، ئەنسىرىشىم چىقار بەلكىم بىھۇدە بۇلۇپ. ئەھمىيىتى يوقتۇر بەلكىم كۇيۇنىشىمنىڭ، يا كەتكىلى بولمايدىكەن كوڭۇلنى قۇيۇپ.
چوغىڭ بۇلۇپ مەن كۆمۈلەي ئۇچاقلىرىمغا، ياشاپ باقاي تىۋىشىڭغا بۇلۇپ ئىنتىزار. قەدىرلىك بوپ قالسام ساڭا مۇبادا بىر كۇن، كەلسەڭ ئەگەر ئۇچاقلىرىم ساڭا گۇل باھار.
2015-يىلى 2-ئاي |