سەمىمىيلىك ئەڭ چوڭ بەخىتتۇر خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئەيىپ ئەمەس،تۇزەتمەسلىك ئەيىپتۇر.-(ماۋزىدۇڭ)
بىزدە «سەمىمىيلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاق،ئادەم قانچە سەمىمىي بولسا شۈنچە گۈزەللىشىدۇ،بىر كىشىنىڭ سەمىمىيلىگى ئۇنىڭ بايلىقىدا ئەمەس بەلكى گۈزەل ھەرىكىتى ۋە ئالى جاناپ خۇلقى،مېجەزىدە ئىپادىلىنىدۇ»دەيدىغان ئېسىل ھېكمەتلەر بار.دېمىسىمۇ راست،بىز ئاددى بىر ئىنسان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھاياتلىقتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلاردىن خالى بولالمايمىز. يولداش مۋزېدۇڭ ئېيىتقاندەك، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئەيىپ ئەمەس،بەلكى تۇزەتمەسلىك ئەڭ چوڭ ئەيىپتۇر. ھېكايەت:مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر كىشى خىزمەتتە قىسمەن خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇپتۇ.باشلىقى ئۇ كىشىنى چاقىرىپ شۇنچە تەربىيەلەرنى بەرگەن بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى زادىلا بوينىغا ئالغۇسى كەلمەپتۇ.باشلىق بۇندىن كېيىن بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۇزمەسلىكنى،بىراق ئۆتكۈزگەن ئېكەن بوينىغا ئېلىشنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئېكەنلىگىنى ھەر قانچە ئېيىتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەۋىرىپتۇ.ئاخىرى بۇ تۈپ مەنپەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى جەھەتكە چېتىلىدىغان سەۋەنلىك بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك ئورۈنلارغا يوللاپ بىرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە چارە كۆرۈپتۇ.بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ كىشى باشلىقىدىن ئىنتايىن ئاغرىنىپ،باشقىلارغا داتلاپ بىرىپتۇ. مانا شۇنىڭدەك بەزى ئادەملەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپمۇ دادىللىق بىلەن خاتالىقىنى تونۇشتىن ئېرىنىدۇ ياكى قاچىدۇ.ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى تونۇشنى بىر خىل بېشىنى كۆتىرەلمەيدىغان ياكى يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغان بىر خىل ئەھۋال داپ قاراپ،ئاخىرىدا چەكسىز پۇشايماندا قالىدۇ.يەنە بەزى خىل كىشىلەر بولۇپ،خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دەرھال كەچۈرۈم سورىمايدۇ،ئامال تېپىپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.بىر مۇنچە باھانىلارنى تېپىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىدۇكى،سەمىمىيلىگى بىلەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگىسى كەلمەيدۇ.بىز ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان زېيانلارنى تارتىپ كەلدۇق.خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بوينىمىزغا ئالماسلىق سەۋەپلىك ئازاپلىق پۇشايمانلاردا قالدۇق.باشلىقىمىزدىن بىزار بولدۇق،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ زەربىسىگە ئۇرىدۈق،دوسلىرىمىزنىڭ ئېشەنچىسىدىن قالدۇق.ئاخىرىدا ئۆزىمىزدىن ئەمەس يەنىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈردۈق. شۇنىڭغا ئېشىنىڭكى-دۇنيادا سەۋى-نۇقسانسىز،ھەر قانداق خاتالىقتىن خالى بىرمۇ ئېنسان يوق.لېكىن ئۇنى ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىدىغان ئادەملا بار.شۇڭا سىزمۇ ئىنسان بولغانكەنسىز خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماڭ. بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئەڭ ياخشىسى سەمىمىيلىك بىلەن خاتالىقنى ئېتراپ قىلىشقا تىرىشىڭ.ئۇنى ئۆتكۈزگەن ئىكەنسىز قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكېن ئەمەس،بۇ بىر پوزىتسىيە مەسىلىسى بولۇپ،سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىزنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ئەڭ ياخشىسى خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىدىغان جۇرئەتنى شەكىللەندۈرۈڭ،شۇندىلا يۇشۇرىمەن دەپ يۇرگەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈز بىرىدىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ،بەخىت-ئامەتكە يۈزلىنەلەيسىز،ھەمدە باشقىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغىمۇ ئېرىشىش بىلەن بىرگە،ئۇلارنىڭ يەنە يېڭىچە بىر خىل ئېشەنچىسىگە ئىگە بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان سۆيۈنۈشىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرەلەيسىز.قىسقىسى-خاتالىقنى تونۇش بىر خىل بەختتۇر. |