خوشاللىققا يېقىنلىشىش
مەستخۈش چۈشتىن ئويغانغان تۇمان، كۆتىرىلەر كۆككە چاچ يېپىپ. كېچىلەرگە چىلانغان ئورمان، تاڭغا يېقىن بارماقتا سىلجىپ. چۆلدەرىگەن مېسكىن پىشايۋان، باش كۆتىرەر ئاستا قايرىلىپ. دېڭىزلاردا ھەم يۇيىنىۋاتقان، قوياش چىقار قاشقا جىلۋە قىپ.
ساغۈچ چىراي ھىجاپلىق چوكان، يۈزلىرىنى تۇرماقتا ئېچىپ. گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى تولغان، نۇرلىرىنى تامامەن چېچىپ.
تاغ باغرىدىن ناخشا ئاڭلانغان، سۈزۈك سۇدەك كەلمەكتە مېڭىپ. خوشاللىققا تولماقتا جاھان، بەخىتلەرنى قۇچاققا تېڭىپ. |