ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ ئازادجان ئىبراھىم
ھيىت،بايرام ،مەرىكىدە تاشلىماي، ھۆرمەت قىلىپ ئارقىسىدىن داتلىماي، ئازار بەرمەي كۆزلىرىنى ياشلىماي، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ.
يوقاپ كەتمەي ئۆيىمىزگە بېرىڭ دەپ ، تارتىنماستىن يېتىپ ئارام ئېلىڭ دەپ، كىتىپ قالماي يېنىمىزدا قېلىڭ دەپ، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ.
قارشى ئېلىپ ئىزدەپ كەلسە كەت دېمەي، يېقىن ئۆتۈپ يىراقلاشماي چەتنىمەي، رەنجىتمەستىن ياخشى ئۆتۈپ يەكلىمەي، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ.
كۈندە نەچچە سالام سائەت قىلىشىپ، يوقنى ئېلىپ قولدا بولسا بېرىشىپ، چوڭ ئىشلارنى يۈزتۇرانە كېڭىشىپ، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ.
يىتىپ دائىم ئەھۋالىغا دەردىگە، ئاپىرىن دەپ ھەربىرىنىڭ ئەجىرىگە، تاشلاپ قويماي يەنە جاپا جەبرىگە، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ.
ھەمكارلىشىپ قولدا بارنى تەڭ كۆرىپ، خاپاقىلماي ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ، ھۆرمەت قىلىپ ،ئىززەت قىلىپ، چوڭ بىلىپ، ئىزدەپ تۇرساڭ تۇققان ئىكەن تۇققانمۇ. 2015-يىلى 20-فېۋرال كۈنەس |