ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر ئازادجان ئىبراھىم 
 لىللا بولسا ئۆزىنىلا ئاقلىماي، ياخشى ئۆتسە ئۆچ ئاداۋەت ساقلىماي، ياخشى دېسە بىر-بىرىنى  داتلىماي، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 بىرلىرىنى بىرى يامان كۆرمىسە، بىرلىرىدىن بىرى رەنجپ يۈرمىسە، بىرلىرىگە بىرى قاپاق تۈرمىسە، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 ھەممە يەردە بىر-بىرىنى قوللىسا،  ھۆرمەتلىسە،ئىززەتلىسە قوغدىسا، بىرلىرىگە بىرى يامان بولمىسا، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر.
  
 بىر-بىرىگە قىلمىسىلا يامانلىق،  بىر-بىرىگە تىلىسە ھەم ئامانلىق،  بىر-بىرىنى قەدىرلىسە داۋاملىق، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 تاپتىن چىقىپ يۈز ئابروينى تۆكمىسە، بىرلىرىنى بىرلىرىگە سۆكمىسە، ھەمكارلىشىپ ،راۋاجلىنىپ كۆكلىسە، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 بىر-بىرىگە بولسا ھۆرمەت ئىززىتى، بولمىسىلا قىلچە يامان ئىللىتى، ئىش قىلغاندا  بولمىسىلا مىننىتى، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 
 ئىش ھەركىتى چەكتىن ئېشىپ كەتمىسە، بىر-بىرىنى ھەرگىز بوزەك ئەتمىسە، ئاقماق قىلىپ بىر-بىرىنى چەكمىسە، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 
 بىر-بىرىنىڭ قەدىرىگە يەتكەندە، سېنىڭ مېنىڭ دېمەي ياخشى ئۆتكەندە،  بىر-بىرىنىڭ گۇنايىدىن كەچكەندە ، ئېناق ئېجىل ئۆتەلەيدۇ ئادەملەر. 
 2015-يىلى 20-فېۋرال كۈنەس   |