«ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»دىن سۇئال-جاۋاب(1)
سۇئال: ماشىنا سېتىلغان بولسىمۇ، نوپۇسى يۆتكەلمىگەن بولسا، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ئالاقىدارلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنگەن ھەمدە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن بولسا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: قۇراشتۇرۇۋېلىنغان ياكى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماشىنا سېتىلغاندىن كېيىن، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: قۇراشتۇرۇۋېلىنغان ياكى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن سېتىۋېلىش – سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈلگەنلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان ماشىنىدا ھادىسە كۆرۈلسە، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە چىقىرىپ تۇرغانلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش پەيدا قىلسا، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3-تەرەپ جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىقى چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. كەملىگەن قىسمىغا قارىتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئوتتۇرىسدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، خاتالىقى بار تەرەپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتە خاتالىق بولسا، خاتالىقىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. (2) موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى بىلەن موتۇرسىز قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەر ئوتتۇرىسدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، موتۇرسىز قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەرنىڭ خاتالىقى بولمىسا، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى تەرەپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. موتۇرسىز قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەرنىڭ خاتالىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، خاتالىق دەرىجىسىگە قاراپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى تەرەپنىڭ تۆلەم جاۋاپكارلىقى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلىدۇ.
سۇئال: باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەندە ھادىسە يۈز بەرسە، ماشىنا ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: ھادىسە كېلىپ چىقىشىدا ماشىنا ئىگىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) ماشىنىدا نوقسان بولۇپ، شۇ نوقسان ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان بولسا؛ (2) ھەيدىگۈچىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ ماشىنىنى ھەيدەشكە بەرگەن بولسا؛ (3) ھەيدىگۈچىنىڭ ھاراق ئىچكەن، چەكلەنگەن دورىلارنى ئىچكەنلىكىنى ياكى ماشىنا ھەيدەشتە بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەلگە گىرىپتار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ماشىنىنى ھەيدەشكە بەرگەن بولسا؛ (4) باشقا خاتالىقى بولسا.
سۇئال: باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى سورىماي ھەيدىگەندە ھادىسە يۈز بەرسە، ماشىنا ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: زىياننىڭ تۇغۇلىشىدا ماشىنا ئىگىسىنىڭ خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ماشىنا ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
سۇئال: ماشىنا قولدىن قولغا ئۆتۈپ بىر قانچە قېتىم سېتىلغان بولسىمۇ، نوپۇسى يۆتكەلمىگەن بولسا، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ماشىنا قولدىن قولغا ئۆتۈپ بىر قانچە قېتىم سېتىلغان بولسىمۇ، نوپۇسى يۆتكەلمىگەن بولسا،قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سېتىۋالغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: باشقا ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىۋالغان ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: باشقا ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىۋالغان ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، باشقىلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئوخشىتىپ ياساپ ئىشلىتىۋالغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەقىقىي نومۇر تاختىسىنىڭ ئىگىسى نومۇر تاختىسىنى ئوخشىتىپ ياساپ ئىشلىتىشكە ماقۇل بولغان بولسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: قۇراشتۇرىۋېلىنغان، بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى يولغا چىقىشى مەنئىي قىلىنغان ماشىنا كۆپ قېتىم ئېلىم-سېتىم قىلىنغان بولسا، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: قۇراشتۇرىۋېلىنغان، بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى يولغا چىقىشى مەنئىي قىلىنغان ماشىنا كۆپ قېتىم ئېلىم-سېتىم قىلىنغان بولسا، ھادىسە يۈز بەرسە، بارلىق ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىۋاتقانلار تەربىيەلىنىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىۋاتقانلار تەربىيەلىنىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولغان ئورۇن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: ماشىنىنى ھەيدەپ سىناش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: ماشىنىنى ھەيدەپ سىناش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماشىنىنى ھەيدەپ سىناشقا بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەيدەپ سىنىغۇچىدا خاتالىق بولسا، ھەيدەپ سىناشقا بەرگۈچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدۇ.
سۇئال: يول ئاسراش-باشقۇرۇشتىكى نوقسان تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، يول باشقۇرغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: يول ئاسراش-باشقۇرۇشتىكى نوقسان تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، يول باشقۇرغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يول ئاسراش باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن-قائىدە، ئۆلچەم بويىچە تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇئال: يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشى مەنئىي قىلىنغان ماشىنا ياكى پىيادىلەر يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولغا كىرىپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يول باشقۇرغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يول باشقۇرغۇچى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغان ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە ياكى ئۇلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.
سۇئال: تاش يولغا نەرسە دۆۋلەپ ياكى تۆكۈپ قويۇپ، قاتناش ھادىسە يۈز بەرسە كىم جاۋابكار بولىدۇ؟ جاۋاب: تاش يولغا نەرسە دۆۋلەپ ياكى تۆكۈپ قويغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يول باشقۇرغۇچى تازىلاش، قوغداش، ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن-قائىدە، ئۆلچەم بويىچە تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: يول لايىھەلەش، ياساشتىكى نوقسان تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: ماشىنىدىكى نوقسان تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ جاۋاب: ماشىنىدىكى نوقسان تۈپەيلىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: كۆپ ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جاۋاب: كۆپ ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 3-كىشى زىيانغا ئۇچرىسا، كۆپ ماشىنا چاتما ياكى ئۈلۈشى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسىدىكى مال-مۈلۈك زىيىنى قايسى زىياننى كۆرسىتىدۇ؟ جاۋاب: قاتناش ھادىسىسىدىكى مال–مۈلۈك زىيىنى دېگەندە ماشىنا رېمۇنت ھەققى، ماشىنىغا بېسىلغان يۈك زىيىنى، ماشىنا يۆتكەش ھەققى، ماشىنا پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بولسا ئوخشاش قىممەتتىكى ماشىنا سېتىۋېلىش پۇلى، تىجارەتتىن توختاش زىيىنى، ماشىنىنى ئىشلىتەلمىگەندە ئورنىغا ماشىنا ئىشلىتىش ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسىدىكى جىسمانىي زىيان قايسى زىياننى كۆرسىتىدۇ؟ جاۋاب: قاتناش ھادىسىسىدىكى جىسمانىي زىيان دېگەندە ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كېلىپ چىققان داۋالاش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، قاراش ھەققى، كىرا پۇلى، مېيىپلىق، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى قاتارلىق زىيان ۋە روھىي زىياننى كۆرسىتىدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسىدە تۆلەم تۆلەش تەرتىپى قانداق بولىدۇ؟ جاۋاب: قاتناش ھادىسىسىدە 3-تەرەپ (سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان ماشىنىدىكى يولۇچى ۋە شوپۇردىن باشقىلارنى كۆرسىتىدۇ) زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: (1) ئاۋال سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ، بۇ تۆلەمنى بۇيرۇشتا ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئويلىشىلمايدۇ، نىسبەت ئايرىلمايدۇ. يەنى مەجبۇرىي سۇغۇرتا بويىچە تۆلەم تۆلەشتە تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىگە قارىماي يەنى نىسبەتلەشتۈرمەي تۆلەم تۆلەيدۇ. (2) مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلىمى زىياننى تۆلەشكە يەتمىگەن بولسا، زىياننىڭ ئېشىپ قالغان قىسمى مەسئۇلىيەت چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتا شىركىتى سودا سۇغۇرتا بويىچە تۆلەم بېرىدۇ. (3) سودا سۇغۇرتا تۆلىمىمۇ زىياننى تۆلەشكە يەتمىگەن بولسا ياكى سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسا، ھادىسە چىقارغۇچى ياكى ماشىنا ئىگىسى بېكىتىلگەن مەسئۇلىيەت چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان ماشىنىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماشىنا ئىگىسى سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى چېكى ئىچىدە تۆلەم تۆلەمدۇ؟ جاۋاب: ماشىنا ئىگىسى ئاۋال مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى چېكى ئىچىدە تۆلەم تۆلەيدۇ. (بۇ چاغدا تەرەپلەرنىڭ ھادىسىدىكى مەسئۇلىيەت چوڭ-كىچىكلىكى ئويلىشىلمايدۇ.) بۇ تۆلەم زىيانغا بويلىمىسا، قالغان قىسمى مەسئۇلىيەت دەرىجىسى بويىچە نىسبەتلەشتۈرىلىدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىدىغان سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا بېجىرىشنى رەت قىلىپ، كەينىگە سوزۇپ ياكى سۇغۇرتا توختامىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلسا، مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكى ئىچىدە تۆلەم تۆلەمدۇ؟ جاۋاب: مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكى ئىچىدە تۆلەم تۆلەيدۇ. ماشىنا ئىگىسى 3-كىشىگە تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتىدىن مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكى ئىچىدە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
سۇئال: كۆپ ماشىنا ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 3-كىشى زىيانغا ئۇچرىسا، سۇغۇرتا شىركەتلىرى قانداق نىسبەتتە تۆلەم بېرىدۇ؟ جاۋاب: 3-كىشىنىڭ زىيىنى بىر نەچچە ماشىنىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتسە، ھەرقايسى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم چېكى ئىچىدە تۆلەم بېرىدۇ. 3-كىشىنىڭ زىيىنى بىر نەچچە ماشىنىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم چېكىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتمىسە، ھەرقايسى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم چېكى بىلەن تۆلەم چېكى يىغىندىسىنىڭ نىسبىتىگە قاراپ تۆلەم بېرىدۇ.
سۇئال: بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە كۆپ ئادەم زىيانلانغان بولسا، مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلىمى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ جاۋاب: ھەر بىر زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئومۇمىي زىيان ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
سۇئال: مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختام مۇددىتى ئىچىدە ماشىنا ئىگىدارلىقى يۆتكەلگەن بولسىمۇ سۇغۇرتا توختامى ئۆزگەرتىلمىگەن بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟ جاۋاب: ماشىنا ئىگىدارلىقى ھوقۇقى يۆتكىلىپ، سۇغۇرتا توختامى ئۆزگەرتىلمىگەن بولسىمۇ، سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى چېكى ئىچىدە تۆلەم بېرىدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى جىسمانىي زىيان سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى كېپىللىككە قويۇش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟ جاۋاب: كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
سۇئال: قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى دېلولىرىدا سۇغۇرتا شىركىتى ئورتاق جاۋابكار بولامدۇ؟ جاۋاب: قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى بېجىرگەن سۇغۇرتا شىركىتى ئورتاق جاۋابكار بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار تەلەپ قىلسا، 3-تەرەپ سودا سۇغۇرتىسىنى بېجىرگەن سۇغۇرتا شىركىتىمۇ ئورتاق جاۋابكار بولىدۇ.
سۇئال:قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولمىسا ياكى ئېنىق بولمىسا، باشقىلار تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ جاۋاب: قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئورۇن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. قازا قىلغۇچىنىڭ داۋالىنىش ھەققى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق ئورۇنلۇق چىقىملارنى چىقارغان ئورۇن ياكى شەخس سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم چېكى دائىرىسىدە تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
سۇئال: ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئورنى چىقارغان قاتناش ھادىسىسى ئېتىرابنامىسىنىڭ كۈچى قانداق بولىدۇ؟ جاۋاب: قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش كۈچى بېكىتىلىدۇ؛ ئۇنى ئاغدۇرىۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بار بولسا، ئىسپاتلاش كۈچى بېكىتىلمەيدۇ.
سۇئال: يول سىرتىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ جاۋاب: تاش يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشقا ئائىت ئىزاھاتىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
مەنبە: «قانۇن ۋە پۇقرا» تور بېتى
|