تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 496|ئىنكاس: 2

قوشنا(ئېتۇت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 22:24:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشنا
(ئېتۇت)
تۇردى ئىسرائىل

قاتناشقۇچىلار :      ئا    ، ب ئىككى  ئادەم.
دىكىراتسىيىدە يىراقتىتىن   قارلىق چۇققىلار  كۆرۈنۈشىگە كىرىشتۈرۈلگەن   ئىككى   يېقى  ئورمان بەلۋىقى بىلەن قاپلانغان   ئاسفالىتلىق يول .
   ئا    ئادەم،   ئادەمنىڭ باشمالتىقىدەك چوڭلۇقتىكى     ئورىۋالغان   تاماكىنى كۈچەپ  شۇراپ،  ئەتىراپقا  ئەلەڭلەپ  نەزەر سالغىنىچە   سەھنىگە  كىرىدۇ  ۋە سەھنىگە  ئوڭ  تەرەپتىن  كىرىۋاتقان ب ئادەم بىلەن ئۇچىرىشىدۇ.    ئۇلار كۆرۈشۈپ،  قىزغىن   سالام- سائەتتىن  كېيىن، ب  ئادەم  ئا  ئادەمنىڭ   قولىدىكى   يوغان يۈگەلگەن تاماكىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە  ئا   ئادەمگە  سۆزلەشكە باشلايدۇ.
ب: -ۋاھ بۇرادەر !قاق سەھەردە پېيمنىڭ قۇنجىدەك يۆگەلگەن  تاماكاڭنىڭ ئىسىنى   ئېغىز-بۇرۇنلىرىڭدىن ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ مۇرىسىدەك  ئىس،قەدەمدە بىر قېتىم  يۆتىلىپ ياش جېنىڭدىن  قاس چىقارغىنىڭچە  ، ئەزىرائىلدىن  جەھەننەمنىڭ بېلىتىنى مۇدەتتىن بۇرۇن بېرىپ ئېلىۋالاي  دەۋاتامسەن  نېمە؟! جېنىم   قۇشنام.
ئا:  قانداق دەيسەن  قۇشنام،چېكىۋاتقان تاماكامغا شەك چىقىرىپ،خومارىمنى بېسىقتۇرىۋاتقان بۇ تاماكامغا  نېمە بوپتۇ ئەمدى  ؟
   ب :چېكىۋاتقان  تاماكاڭغىغۇ  ھىچ  ئىش بولماپتۇ.  بىراق    شۇ توغاي چۇچۇلىمىغان قاق  سەھەردە خۇمارىڭنىڭ  تۇتۇپ، كەتمەن دەستىسى   چوڭلۇقىدا ئوراپ،  چىشلىۋالغان شۇ تاماكاڭغا  ھەيرانۇ-ھەس  بولغىنىمدىمن   شۇنداق دەۋاتىمەنغۇ!
ئا: ئ…ا قوشنام   ،قولۇمدىكى  تاماكىنى  شۇ   ئاچچىقىمنى بېسىش ئۈچۈنلا  چېكىۋاتقانمەنغۇ .قىلغىلى ئىش تاپالمىغان مەدىكاردەك  ئۇششاق گېپىڭمۇ  جىق  بولاپ كېتىپتۇ  جۇما  سېنىڭ قۇشنام  ،  ئادەمنىڭ ئىشلىرىغا    ئارلىشىپلا يۈرۈيدىغانغا ،ئىش-كۈشۈڭمۇ  يوقمۇ دەيمەن    سېنىڭ ؟
ب:ھەي  قوشنا ،تاماكاڭغىغۇ  ھىچنېمە بولماپتۇ. تاماكىنى   پادىچىلارنىڭ  قوي توسىدىغان   ھاسىسىدەك يۈگەپ چېكىۋىرىپ،ئەندىلا تېخى 30 نىڭ قارىسىنى ئالا- ئالمايلا  پۇت-قولۇڭنىڭ جېنى، روخسارىڭنىڭ   قېنى  قېچىپ،    ئاق چېكىپ،ئەيدېزنى يۇقتۇرىۋالغان   بىمارغىلا     ئوخشاپ قالغىنىڭنى  كۆرۈپ   شۇنداق دەۋاتىمەنغۇ  قوشنام .           
ئا: ھە…ي  ئ…ا…د…ا…ش  ،ئادەمنى  تولا ئاق  چېكىپ،ياش ھاياتىنى  جەھەننەم ئىشىكىدە    نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان     جەمئىيەت داشقاللىرىغا     ئوخشاتما   دەيمەن  . دەردىمنى مۇشۇ  ئاچچىق   تاماكىدىن   ئالماي ، قانداق قىلسام بولىتى  ئەمسە ؟دەردىم باردەيمەن،  دەردىم. سەن ئۇقمايدىغان دەردلەر  دېگىنە  ئۇ  .
ئا :ھەي قوشنام  ،قانداق دەرد ئۇ  ؟ «  يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قۇشناڭ ئەلا »دېگەننى ئاڭلىغان بولغىيىتىڭ  ؟!مەن سېنىڭ تۇغققىنىڭنىڭ  ئورنىدىكى قۇشناڭ  بولغاندىكىن، دەردىلىرىڭنى  ماڭا  ئېيتماي يەنە كىملەرگە  ئېيتماقچىدىڭ؟! «قۇلۇڭ ماي بولسا ،پىشىڭگە سۈر »دەپ،قوشنىدارچىلىقتا   دەردلىرىڭگە توخۇنىڭ كۆزىچىلىك  بولسىمۇ ياماق بولۇپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەيمەن شۇ  !
ئا : ھ …..ە….ي ئاغىينە ،سەنچۇ مېنىڭ   دەردلىرىمگە ھەرگىزمۇ ياماق  بولالمايسەن دەيمەن .كۈپۈ-كۈندۈزدە ئادەمنى  قاپاق ئىچىگە كىرىۋالغان ھەرىدەك  تولا   كولدۇرلاتمىغىنەۋا قۇشنام    !
ب: ئاغىينە ، سېنى ھەرگىزمۇ  كولدۇرلۇتۇپ،ئەخمەق قىلىش غەرىزىم يوق . سەن شۇ  بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولساڭ، ئۇنى ھەل  قىلىشنىڭ ئەپلىك چارىسىنى تاپالماي  ،پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپ،ئاچچىقىدا  كۆك تاماكىنى   پىيمىنىڭ قۇنچىدەك   يۈگەپ،بولىشىچە تارتىپ ،ئاچچىقىنى   ئىستىن   ئېلىۋاتامدىكىن  دەيمىنا؟!
ئا:يۇقسۇ ،يۇقسۇ.مەن ئۇنداق ھە دېدىلا  قىيىنچلىققا ئۇچىراپلا تۇرىدىغان   قاتتىق    ئۈتۈكلەردىن   ئەمەس  جۇما!يانچۇغۇمدا تۆت تەڭگەم ئۆكسىگەن  كۈنى ماڭا   بايرام بولىدۇ  ،بايرام. ئەگەر    شۇنداق   ئىش بولاپلا  قالىدىغان  بولسا،پېقىر ئۇدۇللاپ كەنت كۇمىتېتىغا بارىدۇ-دە،ھېلىقى بىزگە  دېباۋ دەمدۇ  شىباۋمۇ   ،  نامى   ئېغىزغا كەلمەيدىغانلا ئېتى باركىنا   ئۇ پۇلنىڭ .   ھۆكۈمەت  شۇ  پۇلنى   بىزدەك تېرىلغۇ يېرى  دۆلەتنىڭ  ئاساسى  قۇرۇلۇشىغا  چىقىپ كېتىپ ،يەرسىز قالغان   دېھقانلارغا   مائاش  ئورنىدا  ئايمۇ-ئاي  تارقىتىپ بېرىدىغان   پۇلكەنغۇ . شۇ   پۇلنى سەكلىتارنىڭ  ئېغىزىدىن ئاق مۈشۈك،قارا مۈشۈك  چىقىرىپ ،مىلىيۇنىر پۇل سانىغاندەك قولۇمنى تۈكىرۈكلەپ  تۇرۇپ ساناپ  ئالىمەن-دە ،    كوچا  سەتەڭلىرىنى قولتۇقىمغا قىسىپ تۇرۇپ،رېستوران ئايرىم خانىلىرىدا    بايۋەتچىلەردەك   خەژلەپ،  ئەركەكلەردەك  مەيدەمنى    كېرىپ يۇرۈۋىرىمەن   دېگىنە  . ئەممازە  شۇ ئازغىنا  پۇلدىن بىر كىشلىكىنى  كەنتتىكى  سەكلىتار-مۇدىر دەيدىغان بىر  نېمىلەر    ئۆزى بىلگەنچە بېدە ئۇرىغاندەك ئورىۋىتىپ يامان قىلدى  ئەمەسمۇ  .بۇ ئىش بەكمۇ ھار كەلگەچ ، شۇ تاپتا  ئاچچىقىمنىڭ   سەۋىر قاچىسى   لەببا-لەب    بولاپ   كېتگلىك دەيمەن …
ب: بۇرادەر ،يانچۇقۇڭ تۆت تەڭگىگە  توشاق،تۇرمۇشۇڭ  كۆڭۈللۈك    ، يوقنىڭ  دەردىنى تارتىپ  يۈرمىسەڭ  ،ئۇنداقتا  ساڭا زادى  قانداق دەرد كەلدى ؟گەپنىڭ  پوس كاللىسىنىلا دېگىنە،تولا  قوينىڭ  ئاچچىق  ئۈچىيىدەك ، گېپىڭنى ئۇزارتىۋەرمەي.
ئا :ۋاي جېنىم  قوشنام ،سەنمىزە   مېنىڭ  بۇ قوي قوزىسىدەك  ياۋاش   تېلىمنى  بىكاردىن - بىكارلا   قېچىشتۇرۇپ قويدىغان بولدۇڭ-دە  . گەپنىڭ پوس كاللىسىنىلا  ئېيتسام بارغۇ  ،  مەنچۇ   كۈز كۈنلىرى ئېچىلغان  كېۋەزدەك ،يۇقسۇزچىلىقتا  چاپىنىنىڭ  90يېرىدىن مېزى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان    يالاڭ تۈشلەردىن   ئەمەسمەن  قۇشنام  . مۇشۇ يېقىندا كەنت كۇمىتېتى، ھۆكۈمەتتىن ئايمۇ-ئاي  تارقىتىپ بېرىپ    ،يۈرۈكۈمنى ياشارتىپ  تۇرىدىغان ئەشۇ  پۇلنىڭ  بىر كىشلىكىنى ھىچبىر  سەۋەپسىزلا   قىسقارتىۋەتتى  دەيمەن ق…ۇش…نام  !ئىش شۇنداق بولغاندىكىن ،ئاچچىق  تاماكىنى   كەتمەننىڭ دەستىسىدەك ئوراپ  ،   بۇرنۇمدىن  پولات زاۋۇدىنىڭ مورىسىدەك  دۈت  چىقىرىپ،لەببا –لەب  بولاپ  كەتكەن   ئاچچىقلىرىمغا ھاي بەرمىسەم يەنە  قانداق قىلاتتىم  قو…ش…ن…ا…م ؟!    سەن    مېنى   يەنە  قانداق قىل   دەيسەن؟
(ب  ئادەم  ئا ئادەمنىڭ  پۇتىنىڭ ئۇچىدىن بېشىغىچە تەكشى قارىۋىتىپ سۆز باشلايدۇ
ب:- ۋ…ا…   ي-ۋ….ۇ…ي   قوشنام ، بېشىڭدا بىرەر تاسقام يوقتۇ –ھە!  ھۆكۈمەت ،شەھەر –بازارلاردىكى   قىيىنچىلىقى بار     ئائىلىلەرگە    ئايمۇ-ئاي تارقىتىپ بېرىلىدىغان  بۇ  ئەڭ  تۇرمۇش كاپالەت  سوممىسى  ساڭا ئوخشاش دۇنيا  ۋەسۋەىسىسىدىن  خالى  ،ئاخشىمى  بىر   ياتسا     ئەتىسى چۈشكىچە سېسىق ئوسۇرۇپ  ئوخلاپ ،      ئورنىدىن  تۈگىدەك تۇرالمايدىغانلارغا    بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت  سەدىقىسى  ئەمەس ئۇ .ھېلىمۇ ئۇ پۇل  ،ئۇلارنىڭ   يېرى  دۆلەتنىڭ  ئاساسى  قۇرۇلۇش  تۈرىگە  چىقىپ كەتتى،يېرى يوق،تورمۇشتا  قىينىلىپ  قالمىسۇن  -دەپلا،ساڭا  ئوخشاش  يېرىدىن  ئايرىلىپ  قالغان  دېھقان  ئائىللىرىگە ۋاقىتلىق  بېرىلىۋاتقان  قۇتقۇزۇش  مەبلىغى ئۇ .ھېلىمۇ  دۆلەت  ، ئۆيۈڭدىكى تۆت جان ئادەمنىڭ ئۈچىگە  ئايمۇ –ئاي ئەڭ  تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سوممىسى تارقىتىپ بېرىۋىتىپتىغۇ.شۇنداق بولغاندىكىن سەن  ھۆكۈمەتتىن    مىننەتدار بولۇپ،تەشكىلگە  رەھمىتىڭنى بىلدۈرۈشۈڭ  كېرەك .
ئا:توختا،توختا ئاغىينە ،مېنىڭ يېرىمغۇ  ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان  بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.مەن ئىككى تەرىپىمگە قارىماي ،30يىللىق ھۆددە يېرىمنى  چىداپ تۇرۇپ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىكىن ، ئەلبەتتە  ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈگۈزىدىغان ئاۋۇ كەنت سەكلىتارلىرىمۇ ،مېنىڭ ئائىلەمگە بېرىلىدىغان بىر  كىشىلىك  دىباۋنى قىسقارتىۋەتمەي ،ئايمۇ-ئاي تولۇقى بىلەن   بەرسە، ئۇسەكلىتارلارنىڭ بىر يەرلىرى كام بولاپ  قالامدىكەن ؟ مېنىڭ ئائىلەمگە بېرىلىدىغان   بىر كىشىلىك پۇلنى  قىسۋالغانغا ھۆكۈمەد باي بولۇپ كېتەرما ؟
ب:ۋاي قۇشنام، ئۆزۈڭنىڭ گىپىنىلا يۇرغۇلاتماي،ئەتىراپىڭغا نەزەر سېلىپراق سۆزلە دەيمەن. مەن ئىسمىنى  ئېيتمىساممۇ 3-ئەتىرەدتىكى ھېلىقى  ھېلىم ناۋاينى  تونۇيدىغانسەن ؟
ئا: ئ…ا …ي    تونۇمامتىكى  ،  پايتىمىسىنى تەتۈر ئوراپ يۈرۈيدىغان   ئۇ قاتتىق ئىشتاننى    .
ب: ھاي ،ھاي   قوشنام" كۈچۈكۈم ،كۈچۈكۈم دېسە  ،كۈچۈك چىقىپ  دۆڭگە سېيىپتۇ" –دېگەندەك ئىش قىلما  دەيمەن. كىشىلەرنىڭ   يېغىرىنى تاتلاش   ئەخلاقلىق ئادەملەرنىڭ  قىلىدىغان  ئىشى  ئەمەس.    قارا   قوشنام،مەھەللىمىزدىكى    ھېلىم  ناۋاي چېغىدا  ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بەرمەي،   ناھىيە بازىرىنىڭ ئاۋات يېرىدىن   بىر سودا  دوكىنى ئىجارە  ئېلىۋىلىپ،«ھۆنەرلىك ئەر خار بولماس»»دېگەندەك ، ئاتا كەسپىگە  ۋارىسلىق  قىلىپ، مەرھۇم  دادىسىدىن قالغان   ناۋايلىق   كەسپىنى ئىشقا سېلىپ   ،ھۈنەرنىڭ شاپائىتى بىلەن باللىرىنى گۈلدەك   بېقىۋاتمامدۇ.ئاۋۇ   ئاھالىلەر كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ ئارقىسىدا ئۆيى بار ھېلىقى مېيىپ    غۇجاخۇننىغۇ تونۇيدىغانسەن؟ ئەشۇ    ئاقساپ  ماڭىدىغان توكىرەك     جېنىدا تىرىشىپ تىرمىشىپ ،  دۇكان ئىجارىسىنى قىممەت كۆرمەي،30مىڭ كوي دۇكان ئىجارىسىگە  چىداپ ،ئاتا كەسىپ مۇزدۇزچىلىق ھۆنىرىنى ئىشقا سېلىپ،باي بولاپ كېتىگىلىك دەيمەن.ئاڭلدىڭمىكىن ،ئۇ تېخى بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ:-مەن "بەشتەكاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلە"لەرگە بېرىلىدىغان  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سوممىسى دېگەن  پۇلنى ئالمايمەن –دەپ ،كەنتكە  ئىلتىماس سۇنۇپ ، ئىسىملىكىنى  تۆۋەن تۇرمۇش   كاپالەت سوممىسى ئالىدىغانلار  قاتارىدىن   ئۆچۈرگۈزىۋەتكەنلىكىنىغۇ   ئاڭلىغانسەن.ئەنە ئەشۇلار     ئەجدادلىرىدىن ئاتا مىراس قالغان  خاسىيەتلىك  ھۆنىرىنىڭ   شاپائىتى بىلەن جېنىنى گۈلدەك بېقىپ، ھاللىق سەۋىيىگە يۈرۈش قىلىۋاتمامدۇ!كەنتىمىزدىكى خىلى كۆپ ھۈنەرۋەنلەر تەشكىلنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ شاپائىتى بىلەن  ئەجداد مىراسى خاسىيەتلىك ھۆنىرىنى قايتىدىن قوللىرىغا ئېلىپ، ھېلىم ناۋايدەك كاسىپلىرىمىز  سەمەندەردەك ئوت ئىچىدىن  رىسقىنى   تېپىپ  يەپ،  پەرزەندلىرىنى  شۇ ھۆنەرلىرىنىڭ  خاسىيىتى بىلەن     داڭلىق ئالى مەكتەبلەردە ئوقۇتۇپ، بالىلىرىنى    كادىر قىلىپ بولدى. مانا ھازىر   ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ باللىرى  ھۆكۈمەتتىن  مائاش ئېلىپ ،  جېنىنى  گۈلدەك   بېقىۋاتمامدۇ دەيمەن   !
ئا: ئا ھاي  ئاداش،ئۇلارنىڭ   باللىرى ئوقۇسا ،  مائاش ئالسا    ئۆزىنىڭ ئىشى .ئۇ ئالغان مۇئاشىنىڭ ماڭا بىر سېنىتلىق پايدىسى تېگەتتىمۇ ؟!ھېلىغۇ ئۇلار    بالىلىرىنى  ئوقۇتۇپ كادىر    قىلىۋاپتۇ.    چەت ئەللەردە ئوقۇتۇپ    نازىر  قىلىۋالسىمۇ  پايدىسى ئۆزىگە  دەيمەن . چىرىقىم ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە يانىدۇ مېنىڭ ئۇ   يالاڭتۈشلەر بىلەن نېمە پەرۋايىم؟ باللىرى كادىر بولغان بولسا بولاۋەرسۇن.
ئا :  ھ…ە…ي،  ياخشى گەپنى ئاڭلىمايدىغان بەغرەز .تېلېۋۇزۇر-رادئىيولاردىن  كۆرۈپ،  ئاڭلاۋاتىدىغانسەن.ھازىر دېگەن قايسى دەۋر  ؟!ھازىر دېگەن  ھەر قايسى ساھەلەردە داغدۇغلۇق ئىسلاھات  ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  ئېچىۋىتىش  دەۋرى. ئىسلاھاد دېگىنىمز  خىرىس ۋە رىقابەت بىلەن تولغان جەڭ مەيدانى - دېگەن  گەپ   .  ھەر بىر ئادەم مەيلى ئۇ دېھقان  ياكى كادىر بولسۇن  ،  ئۇ ئىدىيە ئازادلىقىغا ھەقىقى ئېرىشىپ،ئۆزىدىكى  يۇشۇرۇن كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىناق ۋە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا  بىر كىشىلىك ھەسسىنى قۇشالىسىلا،ئۇنىڭ    تۇرمۇشى  باياشاتلىشىپ،كۈنلىرى ياغ ئېچىدىكى بۆرەكتەك يايراپ ، كۈنلىرىنى   خۇشال-خۇرام   ئۆتكۈزىدىغان بولاپ كەتكەن چاغ دەيمەن قوشنام. سەن:« يىرىم  دۆلەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىغا  چىقىپ كەتتى . يىرىم  بولمىغاندىكىن  ،ھۆكۈمەت مېنى بېىقشى كېرەك» دەۋىلىپ، بۇ تاماخۇر  گېلىڭنى  ھۆكۈمەتكىلا  ئېسىپ يۈرىۋەرسەڭ  ھەرگىز بولمايدۇ . ھزىرقى ساڭا بېرىلىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سوممىسىمۇ  سېنى جېنىڭنى بىر ئۆمۈر  جان ئەتسۇن - دەپ  بېرىلىۋاتقان  ئۆمۈرلۈك    ئىقتىسادى مەنپەئەت   ئەمەس.ھۆكۈمەتمۇ ساڭا  ئوخشاش« بولارىم  شۇ »دەۋىلىپ ،  ھۆكۈمەتكىلا  تەلمۇرۈپ  جان باقىدىغان ھۇرۇن ئېشەكلەرنى بېقىۋەرمەيدۇ.
ب:ھاي ،ھاي ،ئەندى سەن مېنى قاراپ تۇرۇپ  ئېشەككە ئوخشىتىۋاتىسەنغۇ  قوشنام.
ئا: ھەي بەغرەز ،سەن  ھازىرقىدەك "بەرسەڭ يەيمەن،ئۇرساڭ ئۆلىمەن''دەپ،ھە دېدى، ھۈمەتكىلا تەلمۈرۈپ ،نەپسىنى  ئېسىپ يۈرۈيدىغان ساڭا ئوخشاش  ھايۋانچىلىكمۇ ئەقلى يوق  ھارام  تاماقلارنى   ئەلبەتتە    ئېشەككە ئوخشىتىش كېرەك.سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ "يېتىپ يېسە  تاغمۇ توشىماس''دېگەن دانا ھېكىمىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىڭ لازىم . ساڭا ئوخشاش بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماي،ھۆكۈمەت بەرگەن ئىككى توكتۇك پۇلنى  بوزۇپ-چېچىپ خەژلەپ ،  كۈن بۇيى  لالما  ئىتلاردەك  كوچىمۇ-كوچا سوكۇلداپ  يۈرۈيدىغان كىشىلەرنى ئەلبەتتە  ئىت-ئېشەككە ئوخشاتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ   .سەنغۇ   ھازىر   ياش ،گۈپۈلدىتىپ كەتمەن چاپالايدىغان نۆۋەر چېغىڭ.  يەنە تۆت-بەش زامان ئۆتكەندە  قېرىپ،ئەمگەك ئىقتىدارىڭدىن ئايرىلىسەن .باشقىلار ئىلىم-پەننى قۇرال قىلىپ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ،زامان بىلەن تەڭ ھاللىق جەمىيەتكە  يۈرۈش قىلىۋاتسا ، سەن ئۇلاردىن ئىلھاملىنىپ،ئۇيقۇڭنى ئاچماقتا يوق ،جاھان ئىشلىرىدىن  مۇستەسنا يۈرۈۋىرەرسەڭ ،  سېنى  زاماننىڭ ئارقىسىدا قالدى دېسەكمۇ ،ئېشەككە ئوخشاتساقمۇ ھەرگىز  ئارتۇق كەتمەيدۇ دەيمەن. ھ…ي… قوشنام، قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن  ،مەن ساڭا  بۇندىن كېيىن  سەن  قىلىشقا تېگىشلىك   بىر قانچە مۇھىم  ئىشنى  دېھققىتىڭگە سۇناي.سەن  ئىشلىرىڭنى مەن دېگەندەك   قىلساڭ بارغۇ، يېقىنى 4-5يىل،ئۇزىقى 9-10يىلدا بايۋەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ،  بال  يەپ ناۋات  كېكىرىپ، تۇرمۇشىڭنى ئاسايىشىلىق ئېچىدە   ئۆتكۈزىدىغان بايۋەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىسەن جېنىم   قوشنام .قانداق ؟ سۆزۈمنى باشلدىم  ئەمسە  ھە ! دىققەت قىلىپ   ئاڭلا !
سەن ،باشقىلار  ئىناق ۋە  ھاللانغان  سۇتسىيالىسىتىك  جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا    قانداق ئىشلارنى      قىلىۋاتىدۇ،قىلدى  ۋە ئۇلار   يەنە قانداق  مۈجىزىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى  پىلانلاۋاتىدۇ…دېگەندەك ئىشلارنى  دوپپاڭنى تېزىڭغا كەيدۈرۈپ قويۇپ    تۇرۇپ،ياخشى   ئويلان،قوشنام.
ب:  ۋاي جېنىم قوشنام .، تىڭشاپ تۇرسام ،ئابىيامنىڭ ياقى  ئەجەب ھەسەلدەك گەپلەرنى قىلۋەتتىڭيا.بولسا ئەشۇ ناۋاتتەك سۆزلىرىڭدىن يەنە پىشكە قىلىپ بەرسەڭ قانداق ؟ مەن كۆڭۈل دەپتىرىمگە بىرمۇ-بىر پۈتۈۋىلىپ، سەن كۆرسەتكەن شۇ  يولنى  ئىشلىرىمدا   ئۆرنەك قىلسام  دەيمىنا ئاغىينە!
ئا:  ما گېپىڭنىڭزە  جېنى بار جۇما قوشنام  .مەن يەنە  ساڭا دېسەم ،سەن ھازىر سەن  ياش ،ئۈچ ئاتلىق ھارۋىغا يانداق بولۇپ،  ھارۋا سۆرەيدىغان تەندۇرۇس   ۋاقتىڭ.  "ئۆزۈڭنى خار قىلغىچە ،كۈچۈڭنى خار قىل''- دەپ،مۇنداق بىكار تەلەپ بولۇۋالماي، ئورنۇڭدىن  سەھەر تۇرۇپ ، باشقا  چوڭ ئىشلارنى  قىلالمىغاندىكىن، يېزىلارغا بېرىپ،ئۇ يەرلەردىكى   دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي، تېرىپ بولۇشقا چامى يەتمىگەن يەرلىرىنى  ئۇقۇشۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ يەر  تېرا.  ئەمگەك سۆيمەي،تەييارغا ھەييار بولۇپ ئۆتسەڭ ،يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن سېنىڭ مۇشۇ ھورۇنلۇقۇڭ سېنى ساقايماس كېسەلگە موپتىلا  قىلىشى  تۇرغانلا گەپ.ھازىرغۇ  تەشكىل  بېرىۋاتقان  ئەشۇ پۇل بىلەن  تۇرمۇشىڭنى  ئۆتكۈزەرسەن.مۇشۇنداق داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭگىرىغان يەرلەردە لاغايلاپ يۈرۈپ ياشلىقىڭنى نابۇت قىلىۋەتسەڭ،  كۈنلەرنىڭ بىرىدە   تۇيۇقسىز بىر يامان كېسەلگە   موپتىلا بولۇپ ،داۋالىنىشقا پۇلۇڭ  بولمىسا  ئۇ چاغدا   قانداق قىلىسەن ؟يەنە كېلىپ     كۆز ئالدىڭدا   ئىككى ئۇماق  ئوغلۇڭ :ۋاي دادا- دەپ، بۇرۇتلىرىڭنى ئويناپ چوڭ بولىۋاتىدۇ. بالىلارنى   مەكتەبتە ئوقۇتمامسەن؟خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆي –ئۇچاقلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئاتىلىق مېھرىڭنى يەتكۈزمەمسەن ؟ۋاي-ۋۇي ،قىلاي دېسەڭ، ئەر ئۆمۈرىدە ئادەمنىڭ  قىلىدىغان  ئىشى چاچتىنمۇ كۆپقۇ!كۆز ئالدىڭدىكى  مۇشۇ ئىش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىلا     خۇددى تېمساخلاردەك ئېغىزىنى  يوغان ئېچىپ ،پۇل-پۇل دەپلا  تۇرىۋاتىدۇ.  مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى   سېنىڭ قىلىشىڭنى كۈتۈۋاتقان    مۇھىم ئىش تەرتىپلىرى   دەيمەن - قوشنام.
    ب: جېنىم قوشنام، سەنغۇ  باللىرىڭنىڭ ھەممىسىگە بىردىن تاكسى ئېلىپ بېرىپ،تاكسىدىن كىرگەن تاپاۋەت بىلەن ، باللارنىڭ  تۇرمۇشىنى گۈلدەك     يولغا   سېلىۋالدىڭ.ئۇلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى،ئۇماق بالىللىرى  بار.قىلىۋاتقان ئىش-كۈشلىرىڭنى كۆرۈپ ھەم  مۇشۇ تاپتا قىلىۋاتقان گەپ-سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ،سېنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش   ئىستىلىڭغا   راسىتىنلا قول قويدۇم قۇشنام . ئائىلە باشقۇرۇش  سەنئىتىڭگە  قايىلمەن. سەندىن قانائەتلەندىم قۇشنام.شۇڭىلاشقا ھازىرنىڭ  ئۆزىدىلا      سەندىن  زور ئۈمىدلەرنى   كۈتىۋاتىمەن.ھە-ھو  دېيىشىپ،مېنىڭ ئائىلە  ئىشلىرىمنى رەتكە چۈشۈرۈشۈپ بېرەمدىكىن دەيمىنا  جېنىم   قوشنام.
ئا: ھە  قوشنام ، ساڭا قايسى ئىشتا، قانداق ياردەم قىلسام قارشى ئالىسەن؟ئىككىمىز  قىيامەتلىك قوشنىلاردىن بولغاندىكىن ،قانداق قىيىنچىلىقىڭ بولسا تارتىنماي ئېيتىۋەر. مەن  ياردەم قىلىشقا  تېگىشلىك ئىشلار بولسىلا  قولۇم كۆكسۈمدە.
ب:سەن ماڭا قانداق ياردەم قىلماقچىدىڭ؟ماڭا شۇ قوشنام، ساڭا چوڭ-چوڭ  نېنى تېگىۋاتقان مۇشۇ شوپۇرلۇق ھۆنىرىڭنى  ئۈگۈتۈپ قويساڭ  مەنمۇ شوپۇرلىقنى ئۈگۈنۈپ،ماشىنىنى بىخەتەر  ھايداپ ،باللىرىمنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرەي –دەپ ئويلىدىمغۇ .ئەگەر سەن مېنىڭ مۇشۇ ئىشىمغا دەرقەمتە بولۇپ ،قىلماقچى بولغان ئىشىمنى روياپقا چىقىرىشىپ بەرسەڭ ، مەنمۇ  سەكلىتار ئالدىدا    :-يولداش سەكلىتار،  سىلە  مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ    ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سوممىسى ئالىدىغانلار  تېزىملىكىدىن ئۈچۈرىۋىتىشلىرىنى تەلپ قىلىمەن - دەيمەندە ،ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ،جېنىمنى گۈلدەك بېقىپ،باللىرىمنى قاتارغا قۇشۇشنى ئويلىدىمغۇ! ئويلاپ باقسام  مەن ياش ،ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىم  ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ.مەن  ياشلىقىمدا ئەمگەك قىلىپ، ناننى ھالاللاپ  يېيىشنى نومۇس دەپ بىلسەم،بۇ ئىش  مېنىڭ ئەرلىك غورۇرىمغىمۇ  يات ئىش بولۇپ  سانىلىدىكەن.مەن   تەشكىلنىڭ ئىسلاھاد –ئېچىۋىتىش سىياسىتىدىن   مەنىۋى ۋە ماددى  كۈچ ئېلىپ،  ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ،ئەندى مەن   باي بولدۇم.  ھۆكۈمەتتىن لەڭ  يەيدىغان  كىشىلەر  قاتارىدىن چىقىپ كېتىمەن –دەپ ، ئاممە ئالدىدا تەنتەنىلىك ھالدا   ئېلان  قىلسام ،بۇ ماڭىمۇ،ساڭىمۇ ئەلبەتتە ياخشى ئىش ئەمەسمۇ بۇرادەر .
ئا :ھەببەلى  قوشنام،ماۋۇ گېپىڭنىڭزە    جېنى بار مانا،مانا .
قوشنام ،ھېلى سەن  شوپۇرلىق ھۆنىرىڭنى ئۈگۈتۈپ قوي- دەۋەتاتتىڭ. ئۇ شوپۇرلۇق   دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن 7-8ئاي سوكۇلداپ يۈرۈپلا ئۈگۈنىۋالىدىغان ئۇنداق ئاددى  كەسىپ   ئەمەس. قوشنام ،سەن راستىنلا شوپۇرلۇق كەسپىنى ئۈگەنمەكچى بولساڭ، شوپۇرلۇقنىڭمۇ   ئۆزگە تۇشلۇق   تېخنىكىلىق قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بار ئىش .سەن شوپۇرلۇق كەسپىنى ئۈگەنمەكچى بولساڭ،   شوپۇرلۇق    مەكتىپىكە  بېرىپ تېزىملىتىسەن .تېزىملىتىش تۈگىگەندىن كېيىنلا تۇنجى بولۇپ ، شوپۇرلۇق كەسپىنىڭ  نەزەرەيە بىلىملىرىدىن كومپىيۇتېردا    ئاپتۇماتىك كۆزنەكلەرنى بېسىپ تۇرۇپ ئىمتىھان بېرىسەن. كومپىيۇتېردا بەرگەن  نەزەريە  ئىمتىھاندىن 90دىن يۇقىرى نومۇر ئالالمىساڭ،تۇنجى ئېلىنغان شوپۇرلۇق   ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولالمايسەن. ئۇ  چاغدا شوپۇر بولۇپ،تاكسى ھايدايمەن دېگەن  پىلانلىرىڭ سۇغا چېلىشىپ،ھۆل يەرگە دەسسەپ قالىسەن. نەزەريە ئىتىھاندىن  غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن سەن شۇ شوپۇرلۇق   مەكتىپىدىكى    ماشىنا ھايداشنى ئۈگۈتۈدىغان مەخسۇس   ئۇستاملاملارنىڭ  قاتتىق قوللۇق  تەربىيسىدە   ،رول باشقۇرۇش،…دەيدىغان تۈرلەرنى 6-5ئايلاپ   مۇنتىزىم   مەشىق قىلىسەن .شۇڭا  سەن بۈگۈنلا بازارغا بېرىپ، سۈپىتى ياخشىراق كومپىيۇتېردىن بىرنى سېتىۋىلىپ، تېلگېراپ شىركىتىگە بېرىپ،تورغا ئۇلاش رەسىمەتلىرىنى بېجىر.مەن كومپىيۇتېرىڭغا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ نەزىريە بىلىملىرى سوئال-جاۋابلىرىنى قاچىلاپ بېرىمەن. سەن ھازىردىن باشلاپ ،بوش ۋاقتىڭ بولسىلا كومپىيۇتېردىن شوپۇرلۇق كەسپىنىڭ نەزىرىيە بىلىملىرى  ئىمتىھانىغا   تەييارلىق قىلىسەن. شوپۇرلۇق   مەكتىپىدىكى ئوقۇشىڭنى لاياقەتلىك تاماملاپ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئېلىپ كېلەلىسەڭلا ، مەن سېنى چوڭ ئوغلۇمنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ،ماشىنا ھايداش ،رول تۇتۇش تېخنىكىسىنى  يەنىمۇ پىششىقلىشىڭغا ھەقسىز ياردەم قىلىمەن.
ب: ۋاھ جېنىم قوشنام.ئەجەپمۇ ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭيا.بولسا شۇنداق قىل.مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ  كام نەرسىلەرنى تولۇقلاشقا چۈشەي.
ئا:بولىدۇ ئەمسە .ئوغۇل بالىغا لەبىزە ھالال –دەپ،جۈرە بازارغا بېرىپ ،كومپىيۇتېر  سېتىۋالايلى .
ب:بولىدۇ جېنىم قوشنام . باي بولۇش ئۈچۈن سەن قانداقلىكى ئىجابىي  يوللارنى كۆرسەتسەڭ ، مەن سېنىڭ   كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىجىرا  قىلىشقا قولۇم كۈكسۈمدە  .  قوشنام ، سەن نېمە دېسەڭ دېگىنىڭ   ھېساب.
ئا:ھەي جېنىم قوشنام،مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدىغان بولدۇڭ –ھە.
ب:ئاڭلىمامتىكى.مۇنداق تۆت ياشلىق ئېرىكنىڭ  مېيىدەك   تېتىملىق  گەپلىرىڭنى ئاڭلىمىسام، ئاللاھ –تائاللاھ ۋە سەندەك ئۇبدان قوشنامنىڭ ئالدىدا  گۇناھكار بولۇپ كېتەرمەن شۇ .
ئا: ھە قوشنام ما گېپىڭزە تارازىغا توختايدىغان،جەرەستاندا تۆت ئادەمنىڭ ئالدىغا چىقارغۇچىلىكى بار گەپ بولدى قۇشنام.
ب:گېپىم گەپ  قوشنام.
ئا: گېپىڭ گەپ بولۇپ،بەلبېغىڭنى ھەقىقى ئەركەكەرگە خاس چېككەن بولساڭ، ساڭا ياردەم قىلىدىغان مۇنۇ قوللۇرۇم جەينىكىمنىڭ ئۈستىدىن تۈرۈكلۈك  جۇمۇ !
ب:گەپ يۈزدە ياخشى،ئاقچا خۇرجۇندا دەپ،ماۋۇ قىلىشقان گەپلىرىمىز قۇرۇق ۋەز –نەسىھەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن يەنە ھە ، ئۇبدان قوشنام.
ئا:"يىراقتىكى  تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ئەلا"- دەپ، مەن ساڭا شۇنچە  كۆپ تاماشىبىنلار ئالدىداىلا  ۋەدە قىلغاندىكىن ئەلبەتتە گەپلىرىممۇ يالغان بولۇپ قالمايدۇ-دە !
ئا    ۋە ب  لار بىرلىكتە «سۆزلىرىمىزنىڭ راستىلىقىغا مۇشۇ ئۇيۇن كۆرىۋاتقان تاماشبىنلار گۇۋاھ-"  دەيدۇدە، تاماشابىنلارغا  قىزغىن  سالام قىلغىنىچە  سەھنىدىن  چۈشىدۇ.
(تۈگىدى)

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

197

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
81
مۇنبەر پۇلى
111
ئىشەنىچ
81
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 10:56:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئىتوتىكەن .ھارمىغايسىز.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 11:48:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرتۇغ1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 10:56
ياخشى يېزىلغان ئىتوتىكەن .ھارمىغايسىز.

ياخشى يېزىلغان ئىتوتىكەن .ھارمىغايسىز
رەھمەت،سەر تۇغ ئەپەندىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:49, Processed in 0.120521 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش