تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 0

مانىېۋىر (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
956
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 22:18:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانىۋېر
(ھېكايە)
تۇردى ئىسرائىل

شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان ئىدارىنىڭ خىزمەت بىناسى، ئىسسىق بەلۋاغ رايۇنلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن رەڭمۇ-رەڭ گۈل-گىياھ  ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن باراقسانلىشىپ،  باھار ھۆسنىنى ئەسلىتىپ كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايتى.
يارى تاغىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش مەزگىللىرى مۇشۇ  ئىدارىدا ئىشلەش بىلەن ئۆتكەچكە ،ئىدارە قورۇسىدىكى ھەر بىر تۈپ گۈل-گىياھ ۋە خىزمەت  بىنالىرى  ئۇنىڭغا خۇددى   كۈن  شەرقتىن چىقىپ غەربكە ئولتۇرغىنىغا ئوخشاشلا تونۇشلۇق  ئىدى.
يارى تاغا بۈگۈن ئادەتتىكى ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىدىن  يېرىم سائەت ئىلگىرىلا  ئىدارە دەرۋازىسغا كېلىپ،  يېڭى   باشلىقنى تاقاتسىزلىك بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى. مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇ  بۇ يېڭىى باشلىقنى ئىزدەپ 8-9 قېتىملاپ كەلگەن    بولسىمۇ بىراق، «قۇرۇق گەپ قولاققا خۇش ياقماپتۇ»دېگەندەك،  يېڭى  باشلىقىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي،ئىشلىرى  كاتاڭ يولدا  يەل قويۇۋەتكەن ھارۋىدەك بولجىمايۋاتاتتى.  
ئۇھ... ،يارى تاغىنىڭ  «نىجاتكار»ى ئاخىرى يېتىپ كەلدى . باشلىق «كالابېشى»دىن پاتىڭىنى شاپتۇل قېقىپ چۈشكىنىچە،  ئىشخانابىناسىغا كىرىپ –چىقىۋاتقانلار بىلەن پەرۋايى پەلەك ھالدا،  ئۇلارنىڭ   :-ئەسسالامۇئەلەيكۇم  با جۇجاڭ –دېگەن سالاملىرىنىمۇ پېسەنتىگە ئالماي ، خىزمەتداشلىرىغا بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس  باش لېڭشىتىپ ، بىنا  پەلەمپەيلىرىدىن  قەدەملىرىنى  تەستە  ئېلىپ   خۇددى ھارغىن ئۆكۈزدەك  ئىشخانىسىغا كېتىپ باراتتى.
  يارى تاغا باشلىقىنىڭ خۇش ياقا ياقماي قىلغان  سالىمىدىن رەنجىپمۇ كەتمىدى. چۇنكى  ئۇ باشلىققا مۇھتاج -دە. يارى تاغا ئاچقۇچلۇق پەيتتە  باشلىقنىڭ  چېشىغا تېگىپ قويۇپ،  چېلىكىنىڭ  تۈۋى  تېشىلىپ كېتىشىدىن  ئەنسىرەيتى.
يېڭى  باشلىق دۆلەتنىڭ« كادىرلارنى ياشلاشتۇرۇش،ئىقتىدارلىقلارنى تاللاپ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىش» سىياسىتىنىڭ تۆرتكىسى بىلەن، تېخى يېقىندىلا ئىدارە رەھبەرلىك ئورنىغا  چىقىرىلغان  ياش كادىر بولۇشىغا قارىماي،ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ بۇ باشلىقىغا قانداقلارچە ھال پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ تازا چۈشىنىپ يېتەلمىگەن ئىدى.
يارى باشلىقىنىڭ  سالىمىغا قايتۇرغان سوغۇق موئامىلىسىدىن، باشلىقىنى ئىزدەپ كەلگىنىگە  مىڭ بىر  پوشايمان قىلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ، ئارقىغا بورۇلىشىغا بىنا  كارىدۇرىدا  خىزمەتدىشى ئۆتكۈربىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدى . ئۇلار قىزغىن سالام-سائەتتىن كېيىن  :
-ۋاي يارى تاغا ،قاق سەھەردە  قەدىمىڭ يېتىپ قاپتۇغۇ بۇ ياقلارغا؟.ئىدارە چۈشۈڭگە كىرىپ قالدىمۇ نېمە ؟ نېمە ۋەجىدىن كەپ قالدىڭ  ...،دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
يارى تاغا  ئېچىملىك  ۋە چېكىملىك دېگەنلەر بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ  شۇ تاپتا    ئۆتكۈر سۇنغان تاماكىنى تۇتاشتۇردى-دە  ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم  كۆچەپ شۇرىۋىتىپ، قاقىلغىنىچە :
- ئۆتكۈر  ئۇكا،ئىدارىغا  نېمىشقا كەلگىنىمنى  سۇراپ قالدىڭ .راست گەپنى  قىلسام   باللارنىڭ   غېمى بولمامدۇ.مەن تېخى دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتسەم خېلى ئازادە بولۇپ قالىدىغان  چېغى،دەپ ئويلاپتىمەن.نەدىكىنى،ئەسلى ئىش دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن  تېرىلىدىكەن ئەمەسمۇ. ئائىلىدىكى  ئۇششاق  ئىشلارنىڭ  تولىلىقىدىن بۇ ياقلارغا  كېلىشكە ۋاقىتمۇ  چىقىرىپ  بولالمىدىم. ئىشلىرىم «كۆزدىن يىراق،كۆڭۈلدىن يىراق »بولۇۋاتامدۇ ؟ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە   باشلىق ،  ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ماڭا ئوخشاش  قىرىق نەچچە يىل  ئىشلەپ ،ئىدارىنىڭ   روناق تېپىشىغا ھەسسە قوشقان سابىق خىزمەتچىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. شۇنچە يىل ئىشلەپ باللىرىمنىڭ  بىرەرسىنىمۇ خىزمەتكەئورۇنلاشتۇرالماپتىكەنمەن .يېقىندا  رادىيۇ،گېزىتلەردىن «بىرمۇ بالىسى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىلىرىنى 24سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش...»دېگەن  بالدەك گەپلەرنى ئاڭلاپ ، مەنمۇ  بىرەر بالامنى  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋالسام ئەجەب ئەمەس - دېگەن تەمەدە بۇ  باشلىقنى ئىزدەپ كېلىشىم.ھازىر بالىللىرىم  ئاللىقاچان ئۆيلەيدىغان   ۋە تالالىق قىلىدىغان ياشقا  يېتىپ قالدى.ئۆزۈممۇ  ياشىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدۇم.تەساددىپى ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بولۇپ  قالسا، بالىلىرىمنىڭ   بېشى ئۇچۇق قالغىدەك .  بىر كىشلىك مۇئاشىم   بىلەن باللىلىرىمنى ئالى مەكتەبكىچە  ئارانلا ئوقۇتالىدىم.ئەندىلىكتە بالىلىلىرىمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يول ماڭارمەنمۇ ؟باللىلارنى خىزمەتكە  ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ يەنە  شۇ دۆمبىسى قىزىل بولمىسا بەسى بولمايدىكەن . ئۆزۈم داۋالانمىسام تېخى . شۇ تاپتا  بۇ باشنىڭ  ئىچىمۇ،تېشىمۇ قېتىپ تۇرۇپتۇ ئۇكا .شۇ ۋەجىدىن باشلىقنى ئىزدەپ كېلىشىم - دېدى.
  ئۆتكۈر قولىدىكى ئۈچەي دەپ قالغان تاماكىنى  كۆچەپ شۇرىۋىتىپ،سىرتقا تازا زەن سېلىپ قارىۋىتىپ،ئۇچۇق  ئىشكنى يېپىۋەتتى ۋە  يارى تاغىغا  قاراپ بۇش ئاۋازدا :
   -  تاغا ،سەن تېخى بۇ باشلىقنىڭ  خۇي-پەيلىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان ئوخشايسەن. سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭ  باشلىق ئىشخانىسىنى كۆرسۈتۈپ قوياي،ئۆزۈڭ مانىۋېر قىلىپ كۆر. بۇ باشلىققا  نەدىن يۇققان  كېسەلكىن ؟  ئادەتتە باشلىق، ئىشخانىسى   قىشىمۇ-ياز يېپىق ھالەتتە تۇرىدۇ. كۆرۈشۈش ئۈچۈن  كەلگەن دەردمەنلەرگە ئىشكنى مەجبۇر   چېكىشتىن باشقا ئامال يوق.  ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان باشلىق دەررۇلا   ئىشكنى    ئاچىدۇ-دە، ئشىك چەككۈچىنىڭ      قولىغا قارايدۇ. ئىشىك چەككۈچىنىڭ قولىدا  سۇمكا ...قاتارلىق نەرسىلەر بولسا ، كەلگۈچى  باشلىقىمىزنىڭ ھېممىتىگە ئېرىشكىنى شۇ.باشلىقمۇ ئىشىك چەككۈچىنى دەرھال ئىشخانىسىغا باشلاپ، قىزغىن ھال-مۇڭ قىلىشىدۇ. ئەگەر  ئىشىك چەككۈچى قۇرۇق قول كەلگەن بولسا،«يېتىم بالا بۇلۇڭدا... »دېگەندەك ،  ئىشىڭغا ئۈششۈك تەگكىنى شۇ.  باشلىقىمىز يانىۋارنىڭ توڭىدەك تۇتۇلغان  چىرايىدىن قار-مۇز ياغدۇرغىنىچە :-   سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە   ۋاقتىم  يوق ،  ھازىرھۆكۈمەتكە يىغىنغا بارىمەن- دەيدۇ ،دە ،ھال ئېيتقۇچىنى  ئىشخانىسىغا  يېقىنمۇ يولاتمايدۇ.مەن بۇ باشلىققا كاتىپ بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولغاچقا  ، باشلىقىمنىڭ بۇ  تەرەپلىرىنى ئۇبدانلا سىېزىپ قالدىم.چىش يېرىپ بىر نەرسە دەي دېسەم، يەۋاتقان نېنىمدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن  قۇرقتۇم.«ئادەم ئۆزى ئۈچۈن قايغۇرمىسا ،يەر يۇتىدۇ»دېگەن سۆز بار ئەمەسمۇ .سۆزۈمگە  ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ بىر قېتىم   سىناپ باقساڭ بولىدۇ،باشلىق ھېلىلا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى  - دېدى ئۆتكۈر يارى تاغىغا ئىچى ئاغرىتقىنىچە.
يارى تاغىمۇ «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماپتۇ »دېگەن ماقالىنى ئۇبدانلا بىلەتتى . شۇڭا ئۇ:- ئىش پەللىسىگە چىقىپ قاپتۇ،ناھايىتى شۇ تۆت –بەش يۈز تەڭگىنىڭ  ئىشىكەن.ئالدىنقى  قېتىملاردا كەلگىنىمدە   ئىشخانىنى   قۇرۇق قول چېكىپ،باشلىق بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشقىلى يارىماپتىمەن . ئالدىنقى قېتىم   باشلىق :-  كۆرۈشۈشكە ۋاقت  يوق،ھۆكۈمەتكە  يىغىنغا بارىمەن-دەۋېلىپ،ئىشخانىسىغىمۇ يېقىن يولاتمىغانتى .بۇ قېتىم  تاماخۇر  باشلىق بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئۇبدانراق  ئامالىنى قىلاي. بايدىن چىقمىسا  سايرامدىن چىقار.ئۇنچىلىك ئاقچىنىڭ   چىقىم بولۇپ  كەتكىنىگە گاداي بولۇپمۇ كەتمەسمەن.بىر مەزگىل گالنى ئازىراق  قىسساقلا ،بۇ  ئىشمۇ  ھەل بولۇپ كېتەر –دېگەنلەرنى ئويلاپ   باشلىقىنىڭ  كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ،  ھۆل خىشقا دەسىۋالماسلىق ئۈچۈن،   مانېۋىر قىلىپ كۆرۈشنى    كۆڭلىگە پۈكتى-دە ،ئۇدۇللاپ  بانكىغا قاراپ  يول ئالدى.
*           *            *
يارى باشلىق كۆلبىسىگە كىرگەندە  ئۇنىڭ قىزغىن  قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى .باشلىق ئۇنىڭ  بىلەن قىزغىن ھال-مۇڭ قىلىشتى . باشلىقىنىڭ    قىزغىن مۇئامىلىسىدىن تەسىرلەنگەن يارى تاغا كېلىش مەقسىدىنى ئۇدۇللا بايان قىلدى . باشلىق ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ :
-  ھوي يارى تاغا :-سەن   مۇشۇ ئىدارىدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان دېدىڭما،ئۆتكەن قېتىملاردا كەلگىنىڭدە  سېنى تونىماي قاپتىمەن ئەمەسمۇ .بۈگۈن  ئەھۋالىڭنى ئۇبدان بايان قىلدىڭ.ئۆزۈڭمۇ ۋاقتىدا كەپسەن.پېنسىيىگە چىققانلارغا  ئاتىدارچىلىق قىلىش  بىزنىڭ بۇرچىمىز. ھېلىراقتا بىرسى  ئىزدەپ  كەپتىكەن : - يىغىن بار دەپ ، ئىشخانىغىمۇ  كىرگۈزمىگەن ئىدىم . ئەھۋال ئېيتىپ كەلگىنىڭ ئۇبدان بوپتۇ.قول قولنى يۇسا، قول  يۈزنى يۇيىدۇ،دەپ . سەندىن كىچىك بولساممۇ  ئاتىدارچىلىق قىلىپ  قوياي . خاتىرجەم بول. ئوغلۇڭ  كېلەر ئاينىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئىدارىغا  ئىشقا چۈشسۈن. سەنمۇ «ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكىچە نەزىرە» دەپ ،قولىقىڭنى يۇپۇرۇپ  يۈرۈۋەرمە، كۆرۈشۈپ تۇرايلى – دېدى ئىلتىماسقا ئىمىزا قويغاچ  .
باشلىق  يارىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ ئىشىكنى ياپتى-دە،  شېرەگە قويۇلغان كونۋېرتنى  دەررۇ  تارتمىسىغا   تېقىشتۇرۇشقا باشلىدى.
2014.12.21
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:01, Processed in 0.098627 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش