قاراقۇرۇمدىكى رەڭدار دۇنيا
(ئەدەبىي حاتىرە)
ھۈسەنجان قاسىم
فوتوگراپلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ بەش يىل جەريانىدا فوتو ئاپپارات كۆتۈرۈپ يۈرۈپ خېلى كۆپ يەرلەرگە بېرىپتىمەن، ناھىيىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن يېزا –قىشلاق، يۇرت –مەھەللىلەردە ئىزلىرىم قالدى. جەنۇپتا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى يېزا –قىشلاقلاردىن تارتىپ شىمالدىكى قۇم دېڭىزىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان دەريا بويى يېزىلىرىغىچە كېزىپ يۈردۈم، نۇرغۇن نادىر بەدىىئي سۈرەتلەرنى تارتتىم. كېرىيەنىڭ سىرتىنى ئالساق غەرپتە قەشقەر، زەرەپشان بويلىرى، دولان دىيارى؛ شەرقتە چەرچەن-چاقىلىق ،لوپنۇر؛ شىمالدا تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى ئاقسۇ، كۇچا،باي، ئىلى ۋادىسىغىچە نۇرغۇن يۇرتلارنى كېزىپ بۇ جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، گۈزەل مەنزىرىلىرى،يەرلىكلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن كۈزۈتۈش، تۇرمۇش ئۆگىنىش، سۈرەت تارتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندىم. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى فوتوگراپلار بىلەن كەسپىي ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق ئالاقىسى ئورنىتىپ، بېرىش-كېلىش قىلىپ يۇرت ئاتلاپ فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندىم. يەنىلا ئۆز يۇرتۇمدا تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالدىرىماي، پەيت كۈتۈپ تارتقان بەدىئىي سۈرەتلىرىم ئەڭ ياخشى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى بولۇپ قالدى. مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2014-يىلى كىرگەندىن باشلاپ ئۆز ئانا يۇرتۇم كېرىيەدە يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمگە خاس بولغان ئۆزگىچە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا بەل باغلىدىم. ناھىيىمىز كېرىيە سىرتتىن كېلىدىغان نۇرغۇن فوتوگراپلارنىڭ نەزەرىدىكى ئۆرپ-ئادەت فوتو سۈرەت ئىجادىيەت بازىسى ھېساپلىنىدۇ، مەنمۇ ھەم ئۇيغۇر ئۆرپ –ئادەت تېمىسىدا تارتقان سۈرەتلىرىم ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا تونۇلۇپ فوتوگرافلار قوشۇنىنىڭ سېپىگە كىرگەنمەن. ياۋايى ھايۋانات ۋە قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان ۋاقىت ۋە كۈچۈم سەرپ بولدى. لېكىن نەتىجە يەنىلا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىدى. مەن فوتوگراپلىق كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولغاچقا فوتو ئاپپارات سېتىۋېلىش، يىراق سەپەرلەرگە چىقىش، ماشىنىغا ماي قاچىلاش، كىرا تۆلەش، يول ئازابى دېگەندەك بەدەل- مۇشەققەتلەر مېنى قىلچىلىكمۇ قورقۇتالمايدۇ ۋە چېكىندۈرەلمەيدۇ. ناھىيىمىز تەۋەسىدە ئۆرپ-ئادەت ۋە فولكلور تېما قىلىنغان بەدىئىي سۈرەتلەر كۆپ بولسىمۇ قاراقۇرۇم تاغ مەنزىرىلرى تېما قىلىنغان سۈرەتلەر ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىگە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم. قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتەكلىرىنىڭ ناھىيىمىز تەۋەلىگىدىكى سوقتىياق سېرىق دۆڭ يايلىقى، قاشتېشى (لۈش) كەنتىدىكى يايلاقلار، پۇلۇدىكى پۇماس دەپ ئاتىلىدىغان گۈزەل يايلاقنى كېزىپ سۈرەت تارتىش جەريانىدا 2014-يىلى ياز پەسلىدە باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى يېزىپ چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئوراتاقلىشىش مەقسىدىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
ئۈچ نۇقتا ۋە چېڭ ياچىياڭ 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى يىراق چاڭجۇدىن ناھىيىمىزگە كېلىپ قاراقۇرۇم تاغلىرىغا چىقىپ كېتىپ ئايلاپ يايلاقتا چېدىر قۇرۇپ يېتىپ سۈرەت تارتىپ كېتىدىغان چېڭ ياچىياڭ ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ قاراقۇرۇم ئېتەكلرىدە سۈرەت تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم. چېڭ ياچىياڭ 50 ياشلاردىن ھالقىغان چاڭجۇلۇق كارخانىچى بولۇپ فوتوگراپىيە كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئادەم بولغاچقا ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان يۈرۈشىۋاتقان شېركىتىنى تۇققانلىرىقا تاشلاپ قويۇپ دۆلەتمۇ-دۆلەت، ئۆلكىمۇ ئۆلكە ئايلىنىپ يۈرۈپ گۈزەل مەنزىرىلەنى سۈرەتكە تارتىدىغان ئاتاقلىق فوتوگراپ، ئۇنىڭ فوتو ئاپپارات ئۈسكىنىلىرنىڭ قىممىتى 3 يۈزمىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، سۈرەت تارتىش تېخنىكىسىغا گەپ كەتمەيدۇ. مەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئاتچان يېزىسى سوقتىياق كەنتىدە بىر قىسىم فوتوگراپلار بىلەن سۈرەتكە تارتقىلى چىققاندا تونۇشقان ئىدىم. ئۇ بۇ قېتىم كېلىپلا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ مېنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىىشمغا شارائىت ھازىرلاپ بوپتۇ. مەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ كەلگىنىدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ياتىقىدا كۆرۈشۈپ ئەتىسى، يەنى 6-ئايىنڭ 17-كۈنى سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 4تە تاغ تەرەپكە يۈرۈپ كېتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ قايتىپ چىقتىم. بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە شۇ كېچە ئۇخلىماي ئاپپارات –ئۈسكىنىلىرىمنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ تۈننى تاڭغا ئۇلىدىم. سائەت 4 تە تېلفونۇم سايرىدى. - ھۈسەنجان ، ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟ تېز كېلىڭ، يولغا چىقايلى. -ھە مانا، ھازىرلا ماشىنىڭىز يېنىغا ئۈنۈپ بولىمەن،- شۇنداق دەپلا سومكا جابدۇقلىرىمنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقتىم. شۇنداق قىلىپ ئالا قاراڭغۇدا تاغنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق.ماشىنىدا شوپۇرى ،مەن ۋە چېڭ ياچىياڭ بار ئىدۇق. بىز توختىماي يۈرۈپ ئاتچان يېزا مەركىزىدىن ئۆتۈپ رەسمى تاغ يولىغا كىردۇق، بۇ چاغدا تاڭمۇ يورۇپ قالدى. تۈنۈگۈنلا يامغۇر ياغقاچقا تاغ يوللىرىدا سۇ يىغىلىپ قالغان، پاتقاق چۇلغۇشىۋالغان جايلار كۆپ ئىدى. ماشىنا بەزىدە ئاچچىق دارقىراپ پاتقاق، لايداڭلاردىن ئۆتەتتى، بەزىدە يەنە يامغۇر قاتۇرۇپ قويغان راۋان يولغا چىقىپ قالاتتى، شۇنداق مېڭىپ سوقتىياق كەنتىگە 4 كىلومېتېر قالغاندا بىر چاپتىن ئۆتىدىغان چاغدا ئاخشامقى سەل بىلەن تاغدىن چۈشۈپ توختاپ قالغان ئىككى-ئۈچ غېرىچ قېلىنلىقتىكى سېغىز لايغا پېتىپلا قالدۇق، شوپۇر ماشىنىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ لايداڭدىن چىقىرالمىغاچقا ماشىنىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇق، چۈشتۇقيۇ لېكىن تىزىمىزغىچە كېلىدىغان سېغىز لايغا كىرىپ قالدۇق. سوغۇق لاي ئىچىدە ئايىغىمنى قالدۇرۇپ پۇتلىرىمنى تارتقۇشلاپ يۈرۈپ قاتتىق يەرگە چىقىۋالدىم. چېڭ ياچىياڭ بىلەن شوپۇرنىڭ ئەھۋالى مەندىن پەرقلەنمەيتتى. ئۈچىمىز ئەتراپتىن تاش، سەلدە ئېقىپ كەلگەن ئوت –چۆپ يىلتىزى قاتارلىقلارنى تېپىپ كېلىپ ماشىنا چاقى ئاستىدىكى پاتقاققا تىقتۇق. شوپۇر سىناپ باقماچى بولۇپ ماشىنىنى ئالدى –كەينى دىۋىتىپ كۆردى، ماشىنىنىڭ ئات كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا بىزنىڭ قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغاندەك قىلاتتى، بىز ئۈمىدلىنىپ داۋاملىق ھالدا تاشلارنى، سۇدا ئېقىپ كەلگەن ئوت –چۆپ يىلتىزى، قىياق، چىغ قاتارلىقلارنى ماشىنا چاقى ئاستىغا تاشلىدۇق، شوپۇرمۇ ماشىنىنى توختىماي ئالدى –كەينىگە ھەركەتلەندۈرۈپ تۇردى، شۇنداق قىلىپ ئالاھەزەل بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ھەپىلىشىپ ماشىنىنى پاتقاقتىن چىقىرىۋالدۇق. يېقىن ئەتراپتا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىدە ئاياغلىرىمىزنى، پۇشقاقلىرىمىزنى، قوللىرىمىزنى يۇيۇۋېلىپ يەنە يۈرۈپ كەتتۇق. كۇئېنلۇن (سوقتىياق)كەنتىدىن ئۆتۈپ قاشتېشى (لۈش)كەنتىگە 15كىلومېتېر قالغان جايدىكى كۆپ-كۆك ئوت –چۆپ ئۆسكەن بىر دوڭگە چىقىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. مەن ئىلگىرى لۈشكە بارغان چاغلىرىمدا بۇ يايلاقنى باشقىلار «سېرىق دۆڭ» دەپ تۇنۇشتۇرغان ئىدى. بۇ يەرگە كېلىپ شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇق. يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ يەنە نەشتەردەك سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇراتتى.«مۇشۇنداق قارا يامغۇردا نىمىشقا چىققاندىمىز بۇ يەرگە، ئۇزۇن يازنىڭ ھاۋا ئوچۇق بولغان باشقا بىر كۈنى چىقساق بولماسمىدى ؟» مەن ئۆكۈنۈش ئىچىدە شۇنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ، شوپۇر بىلەن ماشىنىغا كىرىۋالدىم. چېڭ ياچىياڭنىڭ كەيپى بۇزۇلدى، دەرھال ماشىنىغا قايتىپ چىقىپ ئولتۇرۇپ تاماكىنى كۈچەپ شوراپ سوزلەپ كەتتى: -ھۈسەنجان، سىز بىلمەيسىز، مەن مۇشۇ جايدا ئاۋۇ يىراقتىن كۆرۈنىدىغان قارلىق چوققىنى، قاتلاملىرى كۆپ ياپ-يېشىل دۆڭلۇكلەرنى، ئاندىن پەستە كۆرۈنىدىغان ئۇزۇنچاق كەنت مەنزىرىسىنى، بىز دەسسەپ تۇرغان بۇ ئوتلاقنى بىر رامكا ئىچىگە جايلاشتۇرۇپ نادىر بىر پارچە قاراقۇرۇم مەنزىرىسى ئىشلىمەكچى ئىدىم. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى بۇ سۈرەتنى پەقەت يامغۇردىن كېيىن پاللىدە قۇياش چىققاندا تارتقىلى بولىدۇ، مەن چاڭجۇدا تۇرۇپ كېرىيەنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئىگەللەپ ئاندىن كەلگەن. بۈگۈن ئاخىرقى بىر كۈنلۈك يامغۇر كۈنى بولۇپ چۇشتىن كېيىن ئېچىلىپ كېتىشى مۈمكىن. ئېچىلىپلا كەتسە قارلىق چوققىلارمۇ،دۆڭلۈكلەرمۇ، پەستىكى كەنتمۇ ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى پەستىكى يامغۇر نەملىكى ھاۋانىڭ ئازراق ئىسسىشى بىلەن ئاپپاق تۇمانغا ئايلىنىپ قارلىق تاغنىڭ ئالدىدا بىر قەۋەت ئاق شايىدەك لەيلەپ قالىدۇ ، بۇ چاغدا تەڭداشسىز بىر پارچە ئېسىل مەنزىرە سۈرەت بارلىققا كېلىدۇ، مەن دەل ئاشۇ تۇماننى مەقسەت قىلغاچقا يامغۇردىن كېيىنلا تاغقا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ بۇ جايغا چىققان. ھاۋا ئېچىلىپ بىر –ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ھاۋا سۇزۇك بولسىمۇ لېكىن مەن سىزگە دېگەن ئاق شايىغا ئوخشاش تۇمان تارقاپ كەتسە سۈرەتنىڭ مۇھىم جەلپكار يېرى يوق بولىدۇ ،بىراق ھازىر ئەھۋال باشقا بولۇۋاتىدۇ، مەن بۇ نۇقتىنى ساقلاپ بۇلتۇر 15 كۈن ياتقان ،لېكىن ھاۋا ، نۇر پەيتى مەن ئارزۇلىغاندەك بولماي قايتىپ كېتىۋېدىم. بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال بولارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇ تاماكىسىنى ئېغىر شوراپ ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى. خەنزۇچە سەۋىيەم ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيتتىم : - تاقەت قىلايلى ،تاغ ھاۋاسىغا بىر نىمە دەپ بولمايدۇ ، ھەر سائەتتە بىر خىل ئۆزگىرىدۇ، سىز كۈتكەندەك ياخشى نۇر ئەھۋالى بىرەر سائەتتىن كېيىن بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مەن شۇنداق دېگەن بولساممۇ بۈگۈنكى بۇ يامغۇرنىڭ توختاپ ھاۋانىڭ ئېچىلىشىغا ئۈمىدىم يوق ئىدى. بىز شۇنداق دىيىشكەچ ماشىنا كەينىدىكى بىر كىشىلىك قولايلىق چېدىرلارنى قوراشتۇرۇپ ئىچىگە كىرىپ توخۇ گۆشى ۋە نان بىلەن قوساقنى ئەستەرلىۋالدۇق. چېدىر بىر كىشىلىكتىن بولۇپ ئىچىدىكى نەم ئۆتكۈزمەس پالاز، كۆرپە ۋە ئۇخلاش خالتىسى بەك راھەت ئىدى. ئىچىگە كىرىپلىۋالسا سىرتنى ئۇنتۇپ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولاتتى.
ئۇ كۈنى يامغۇر توختىمىدى. ئەتىسى 2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن چېدىردىن سىرتقا چىقتۇق، يامغۇر پەسلەپ سىم-سىم يامغۇرغا ئۆزگەرگەن بولۇپ قۇياش چىقىدىغاندەك قىلمايتتى. شۇنداقتىمۇ يىراقتىكى قارلىق چوققىلارنى كۆرگىلى بولاتتى، پەستە ئۇزۇنچاق سوزۇلغان سوقتىياق كەنتىمۇ روشەن كۆرۇنۇشكە باشلىغان ئىدى، ھەر ھالدا تۈنۈگۈنكى قويۇق تۇماندا كۆرەلمىگەن مەنزىرىنى بۈگۈن كۆرگىلى بولاتتى. شۇنچە كەڭرى كەتكەن سوقتىياق كەنتى ئېگىزلىكتىن قارىسا بەكمۇ كىچىك كۆرۈنىدىكەن، سوقتىياق دەرياسى كۇمۇشرەڭ تۈس ئېلىپ يىلاندەك تولغۇنۇپ كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. كەنتنىڭ ئەتراپىنى پۈرمە-پۈرمە، ئېگىز –پەس يېشىل دۆڭلۈكلەر ئوراپ تۇرىدىكەن. مەن ئاپراتىمنى ئېلىپ سىم –سىم يامغۇردىن دالدا قىلىش ئۈچۈن ئاپپاراتقا سۇلىياۋ خالتا كىيدۈرۈپ ئۈچ پۇتقا جايلاشتۇرۇپ بىرقانچە پارچە سۈرەت تارتتىم. چېڭ ياچىياڭ چوڭ ھەربىچە جۇۋىسىنى يېپىنجاقلاپ چېدىر ئالدىدا تاماكا چېكىپ تۇراتتى، مېنىڭ ئالدىراش سۈرەت تارتقىنىمنى كۆرۈپ: - ھۈسەنجان، ھازىر تېخى پەيتى بولمىدى. مەن بۇنداق مەنزىرىنى بەك كۆپ تارتتىم، بىراق ياخشى چىقمايدۇ. بۇ جايغا كەلگەن ئىكەنمىز مەن سىزگە تۇنۈگۈن ئېيتقاندەك تۈزۈك بىرەر پارچە مەنزىرە سۈرەت تارتىشىمىز كېرەك. - سىز بۇ جايغا كۆپ قېتىم كەلگىنىڭىز بىلەن مەن تېخى بىرىنچى قېتىم كەلدىم، مۇشۇنچىلىك ھاۋادا بولسىمۇ بىرقانچىنى تارتىۋالاي، – دىدىم. چېڭ ياچىياڭ كۈلۈپ كېتىپ تاماكىسىنى شورىۋېلىپ : - بۇ بىز پىلانلىغان 1-نۇقتا. بۇ يەردە چۈشكىچە ساقلاپ بېقىپ ھاۋا يەنە ئېچىلمىسا 2-نۇقتىغا بارىمىز. ئاندىن 3-نۇقتا بار. ئەتە شۇ 3-نۇقتىغا كېتىمىز، ئەگەر ھاۋا يەنىلا مۇشۇنداق تۇرۇۋالسا بۇ قېتىم مەغلۇپ بولغانغا ھېساپ بولىدۇ،- دىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىردەم ئاسمانغا تىكىلسە، بىردەم قارلىق چوققىلارغا تىكىلەتتى، بىردەم پەستە كۆرۈنگەن كەنتكە سىىنچىلاپ قارايتتى. مەن «بۇ ئۇستامنىڭ 2-نۇقتا دىگىنى قەيەردۇ ، 3-نۇقتا دىگىنى قايسىدۇ ؟» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم، شوپۇر ئۇستام بولسا ماشىنا ئىچىدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتاتتى. كۈن چۈش بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ قۇياش جامالىنى كۆرسەتمىدى، پەقەت سائەتكە قاراپلا ۋاقىتنىڭ چۈش ياكى كەچ بولغانلىقىنى بىلمىسەك كۈنگە قاراپ ۋاقىتنى مۆلچەرلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئاسمان گۈمبىزى كۈلرەڭ تۈس ئالغان بولۇپ، سۈرەت تاتىش ئۇياقتا تۇرسۇن يامغۇر ۋە ئىس –تۇماننىڭ دەستىدىن كۆرۈش ئارىلىقى 40مېتىرغىمۇ يەتمەيتتى. بىز چېڭ ياچىياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چېدىرلارنى يىغىپ ماشىنىغا سېلىپ، 2-نۇقتىغا يۈرۈپ كەتتۇق. 15 كىلومېتېر تاغ يولىنى يۈرۈپ يولدىن چەتنەپ تۈز كەتكەن يايلاقتا بەشيۈز مېتېرچە مېڭىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. بۇ يەردە ھېلىلا يامغۇر توختىغاندەك قىلاتتى، ئەتراپقا تەپسىلىي نەزەر سالدىم، ھاۋا ئوچۇق بولسىلا بۇ جايدىن ھەقىقەتەن ئېسىل بىر سۈرەت تارتقىلى بولاتتى. قاراقۇرۇمنىڭ قارلىق چوققىلىرى يېقىنلا يەردە كۆرۈنەتتى، قارلىق چوققىغا تۇتۇشۇپ كېتىدىغان ياپ-يېشىل دۆڭلۈكلەرنىڭ قاتلاملىرى شۇنچىلىك جەلپكار ئىدى، پەستە لۇش دەرياسى كۆز يەتكۈسىز يىراق تاغ قاپتاللىرىدىن ئېقىپ كېلەتتى، دەريانى بويلاپ ياپ –يېشىل سوزۇلۇپ كۆرۈنىدىغان لۈش كەنتنىڭ ھەممە يەرلىرىنى شۇنچە ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى مەن بىرقانچە پارچە سۈرەت تارتتىم. چېڭ ئۇستامغا بۇ 2-نۇقتىنىڭ ھاۋا نۇر شارائىتىمۇ يارىمىدى، ئۇ فوتو ئاپراتىنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمىدى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىپ كەچ بولدى. چېڭ ياچىياڭ ئاخىرىدا قارار چىقاردى: - بىز بۈگۈن ناھىيىگە قايتىپ كېتەيلى، ياتاقتا ياخشى ئارام ئېلىپ ئەتە سەھەردە 3-نۇقتىغا بارايلى. قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ يولغا چىقىپ 90كىلومېتېر يولنى كېچىدە بېسىپ شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 12دە ئۆينى تېپىۋالدۇق. ئۇ ئەتە تېلېفۇندا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆيدە چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ تۇراتتىم، چېڭ ياچىياڭ تېلېفۇن قىلدى : ھۈسەنجان، تېز بولۇڭ 3-نۇقتىغا بارىمىز، ئۇ جاي پۇلۇ تەرەپتە. -مانا ھازىر، بەش مىنۇتتا يېنىڭىزغا بېرىپ بولىمەن،– مەن شۇنداق دەپلا جابدۇقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىغا باردىم . ھاۋا يەنىلا تۈنۈگۈنكىدەكلا تۇتۇق تۇراتتى، مەن بۈگۈنمۇ تاغدا يۈرۈپ ھىچ ئىش قىلالماي قايتىپ كېلىشمىزدىن ئەنسىرەيتتىم. بىز يەنىلا يۈرۈپ كەتتۇق، ماشىنا ئىچىدە كۆپ پاراڭمۇ بولمىدى، مەنمۇ ئۇستامنىڭ كەيپىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ جىق گەپ قىلماي ماشىنا سىرتىدىن مەنزىرە كۈزەتكەچ جىم ئولتۇراتتىم. بىز 90كىلومېتېر يول بېسىپ پۇلۇغا يېقىن جايدىكى نەسىللىك قوي فېرمىسى كۆرۈنۈشكە باشلىغان جايدىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپلا بىر توپىلىق ئېگىز داۋان يولىغا كىردۇق. يول بەك ناچار بولۇپ ماشىنا ھە دېگەندىلا پاتقاققا پېتىۋېلىپ ناھايىتى تەستە ماڭاتتى، مەن«بۇ يولدا ئەگەر مۇشۇنداق ئالىي دالا ماشىنىسى بولماي ئادەتتىكى كىچىك ماشىنا بولسا ھەرگىز ماڭالمىغۇدەك» دەپ ئويلىدىم. يول شۇنداق ناچار بولۇپلا قالماي ھەر بىر قەدەمدە ئېگىزلەپ باراتتى، بۇنداق ئېگىزگە ياماشقان يولدا ئادەم پىيادە ماڭسىمۇ ئوڭايلا ھاسىراپ قالاتتى. ماشىنا قاتتىق دارقىراپ ، تاسقىلىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزتوختاپ قالدى، چۈشۈپ قارىساق، ماشىنىنىڭ ئىككى چاقى كونا يول ئىزىدا بولسىمۇ ماشىنىنىڭ ماتور قىسمى بۇرۇنقى ماشىنىلار مېڭىپ كوڭتايتىۋەتكەن ئىككى چاق ئىزى ئوتتۇرسىدىكى دومبەلگە تىرىلىپ قېلىپ كۈچ ئېلىشالماي قاپتۇ. بىز ماشىنىنى ئىتتىرىپ باقساقمۇ بولمىدى . ئاخىرى چېڭ ياچىياڭنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلدى . –ھاۋامۇ ياخشى ئەمەس، يولمۇ ناچار، قايتىپ كېتەيلى! ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقاردى. بىز ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىغا چوڭ سېغىز چالمىلارنى، ئوت چۆپلەرنى تاشلاپ بېرىپ ،شوپۇر ماشىنىنى ئالدى ئارقىغا دىۋىتىپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە ماشىنا بېشىنى قايتىش يولىغا چۈشۈرۋالدۇق. چېڭ ياچىياڭ ئالدى ئورۇندۇقتا تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇپ ماڭا پاراڭ باشلىدى: -ھۈسەنجان، مەن بۇ قېتىم ئالايىتەن چاڭجۇدىن كېرىيە تەۋەلىكىدىكى مۇشۇ 3 مەنزىرە نۇقتىسىغا كەلگەن ئىدىم، ئەپسۇس مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى. 5-6 –ئايدا يامغۇر ياققان كۇنلەرنىڭ ئەتىسىلا مۇشۇ ئۈچ نۇقتىنىڭ قايسىسىدا بولساقلا ئېسىل سۈرەتكە ئېرىشەتتۇق، بولۇپمۇ بۈگۈن بىز چىقالمىغان 3-نۇقتا بەك-بەك گۈزەل ئىدى، مەن ئەتە دەريا بويى يېزىسىغا كېتىمەن، ئاندىن چاڭجۇغا قايتىمەن، سىز يامغۇر ياققان كۇنى ھەرگىز كېرىيەدە تۇرماڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ياز پەسلىدىكى يامغۇر ياققان كۇنى تاغنى نىشانلاپ مېڭىڭ، يامغۇر توختاپ كۈن چىققان ۋاقىتتا سىز نۇقتىغا بېرىپ بولۇڭ. قاراڭ ئاۋۇ موتوسېكلىت چاپتۇرۇپ يۈرىۋاتقان پادىچى يىگىتلەرگە. سىزمۇ موتوسېكلىت بىلەنلا كېلىڭ، بەك قولايلىق بولىدۇ. بىز بايا يانغان جايدىن 10كىلومېتېر ئەتراپىدا موتوسېكلىت بىلەن داۋاملىق ئۆرلەپ ماڭسىڭىز ئاجايىپ گۈزەل بىر سۈرەت سىزنى كۈتۈپ تۇرۇدۇ، مەن باشقىلارنى بۇنداق باشلاپ كېلىپ باقمىغان، سىز بۇ كەسپكە بەكمۇ قىزىقىدىكەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دوست بولۇپ قالدۇق، مېنىڭ بايىقى گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ، شۇ جايدا بىر ماشرەڭ چېدىر بار، ئىچىدە يامغۇردىن پاناھلانغىلى بولىدۇ، شۇ چېدىرنى تېپىۋېلىڭ. سىزگە پۇرسەت كۆپ، بۇ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى چوقۇم ياخشى تارتىپ چىقىڭ. مەن ئۇنىڭ سەمىمىي سوزلىرىدىن سويۈندۈم ھەمدە چوقۇم بۇ جايلارغا قايتا –قايتا كېلىپ ئەڭ ياخشى نۇر پەيتى، ئەڭ ئوچۇق ھاۋا شارائىتىدا ياخشى ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىدىم . ماشىنا بىر سائەتتەك يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلدۇق. مەن چېڭ ياچىياڭ ۋە شوپۇرىنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولساممۇ ئۇلار رەت قىلىپ مەن بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
مەن تۇنجى كۆرگەن پۇماس يايلىقى
شۇكۈندىن باشلاپ 3-نۇقتا يەنى پۇلۇ كەنتىگە ئاز قالغان جايدىن يول ئايرىپ بارغانسېرى ئېگىزلەپ چىقىپ كېتىدىغان ھىلىقى يايلاق مېنىڭ پۈتكۈل ئوي خىيالىمنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى. بىر فوتوگراپ ئۈچۈن كۆرمىگەن جايلارنى كۆرۈش، بولۇپمۇ نامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ شۇ جايغا بارالماسلىقنىڭ ئۆزى ئادەمنى بەكمۇ ئىنتىزار قىلىدىغان بىر ئىش. مەن تاغنىڭ كۆپ يەرلىرىگە بارغان بولساممۇ پۇلۇ كەنتىنىڭ غەربىدە بەكمۇ ئېگىز كۆرۈنىدىغان، «پوماس» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يايلاققا تېخى بېرىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم چېڭ ياچىياڭنىڭ تىلىنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ ماختاپ كېتىشى بۇ جاينى كۆرۈپ بېقىش ئىستىگىمگە ئوت تۇتاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كېرىيەدە يەنە يامغۇر ياغدى، مەن بۇ كۈنى ئەتتىگەندە كوكياردىكى ئىنىمنىڭ موتوسېكلىتىنى ئارىيەت ئالدىم، قوساقنى ئوبدان توقلاپ، قېلىن كىيىنىپ، فوتو ئاپرات سومكامنىڭ بوش يەرلىرىگە ئۈچ تال گىردە نان، چاي قۇتامغا لىق دەملەنگەن قارا چاي، ئۈچ بوتۇلكا مېنېرال سۇ ، يەنە ئۈچ قۇتا قىزىل كالا ئىچىملىگىنى قاچىلاپ، موتوسېكلىت كەينىگە ئۈچ پۇتنى چىگىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، موتوسېكلىتقا لىق ماي قاچىلاپ پۇلۇ تەرەپكە يول ئالدىم. كېچىدە ياغقان يامغۇردا دەل-دەرەخ، يوللار پاكىز يۇيۇلغان، ئاسماندا ئاق ۋە كۈلرەڭ بۇلۇتلار تېز ئۈزۈپ يۈرۈشەتتى. قۇياش بەزىدە كۆرۈنۈپ قالاتتى، بەزىدە مەن تۇرغان يەردە ئاپتاپ يوق، بىرەر كىلومېتېر نېرىغا قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. بىز فوتو سۈرەتچىلەر بۇنداق بىر يەردە بار بىر يەردە يوق نۇرنى «ئالا گەدەن نۇر» دەپ ئاتاپ قوياتتۇق. بۇنداق نۇر شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ مەنزىرە سۈرەت تارتسىمۇ ئاجايىپ بەلەن سۈرەتلەرگە ئېرىشكىلى بولاتتى. لېكىن نۇر ياخشى بولغان بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ياخشى سۈرەت چىقمايدۇ دەپ قارىدىم، چۈنكى بۇرۇن پۇلۇ كەنتىگە تالاي قېتىم بېرىش-كېلىش سەپىرىمدە بۇ يول بويلىرىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆپ قېتىم سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلەپ بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ قېتىم فوتو ئاپپاراتىمنى سومكىدىن چىقارمايلا يولۇمغا مېڭىشنى لايىق كۆردۈم. مەن ماڭىدىغان يول ئەمدى ماي يول بولماستىن يېڭى ياساشقا كىرىشكەن شېغىللىق يول ئىدى، يولغا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار لاي يۇغۇرۇش ماشىنىلىرى، توپا تۈرتۈش ماشىنىلرى، قويلىرىنى سۇغىرىشقا ھەيدەپ ماڭغان قويچىلار تولا ئۇچراپ تۇراتتى. 1سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن نەسىللىك قوي فېرمىسىغا يېقىن جايدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنارى يېنىغا كېلىپ توختىدىم. مەن يايلاققا بارىدىغان يول ئايرىلىشقا چېڭ ياچىياڭ بىلەن بارغاندا مۇشۇ مۇنارنى بەلگە نىشان قىلىۋالغان ئىدىم. ئەمدى ماڭىدىغان ئون كىلومېتىر يول خەتەرلىك ۋە قىيىن يول ئىدى ،بايا بەك قېلىن كىيىنىۋالغاندەك بىلىنگەن ئىدى ، مانا ئەمدى مۇشۇنداق قېلىن كىيىنىپ توغرا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. قۇرساقنى ئازراق ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن چوڭ يولدىن بۇرۇلۇپ يايلاققا تۇتۇشۇپ كېتىدىغان توپىلىق يولغا چۈشتۈم، بۇ يايلاق يولى مەخسۇس ياسالغان يول بولماستىن ماشىنا موتوسېكلىت ھەيدىگەنلەر ئۆز سېزىمىگە ئاساسەن مېڭىپ تاپقان يول ئىدى، بۇ يولغا كىرىپلا لۈشۈن ئەپەندىنىڭ «زىمىندا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى، ماڭىدىغان كىشىلەر كۆپەيگەچكە يول ھاسىل بولغان» دىگەن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي سۆزى يادىمدىن كەچتى. مەن بىر دەم مېڭىپلا ئالدىنقى قېتىم چېڭ ياچىياڭ بىلەن قايتىشقا مەجبۇر بولغان جايغا كەلدىم.يول دۆڭلۈكلەر ئارىلاپ بارغانسېرى ئېگىزلەپ باراتتى، مېنىڭ مۆلچەرىمچە يولنىڭ ئېگىزلىك دەرجىسى ھەر بىر مېتىردا بىر غېرىچ ئېگىزلەپ بارتتى. ماشىنا –تىراكتۇرلار قالدۇرغان يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئىككى ئويمان ئىز دۆڭلۈكلەرگە يامىشىپ چىقىپ كېتەتتى، ئىككى ئويمان يول ھەر ھالدا موتوسېكلىت ئۈچۈن رېلىسقا ئوخشاش راۋان يول ئىدى.«رېلىس» نىڭ بىر قىسىم يەرلىرىگە يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان بولۇپ يامغۇر سۈيىدىن قېچىپ موتوسېكلىتنى يەنە بىر «رېلىس» قا ئېلىپ قاچىمەن دەپ بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولدۇم، ھەتتا بۇ سەۋەپلىك بىر قېتىم يىقىلىپ موتوسېكلىت ئۆچۈپ قېلىپ خېلى ئاۋارە بولدۇم. ئىككى پۇتۇمنى كېرىپ موتوسېكلىتقا ھەمدەمچى قىلىپ ئىككى يانغا تىپىشلەپ يۈرۈپ بىرىنچى خوتتا بەك ئاستا يۇقۇرلاپ ئىلگىرلەشكە توغرا كېلەتتى، سەللا ئېھتىيات قىلمىسام موتوسېكلىت بىلەن بىللە يولدىن چۈشۈپ كېتىپ دوڭدىن تۆۋەنگە بىرەر –ئىككى يۈز قېتىم دومۇلاپ ئاۋۇ پەستىكى چاپقا چۈشۈپ توختايدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى، ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ شۇ دومىلاشتا ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قايتا چىقالىشىمغا كۆزۈم ئىلمەيتتى، ئىشقىلىپ ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنى ئويلاپ بەك ئېھتىيات بىلەن كېتىۋاتاتتىم. بىر ياخشى يېرى يول نەم بولغاچقا چاڭ –توزان ئۆرلىمەيتتى. ئاسمان كۈلرەڭ بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى، نېرىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان قارلىق چوققىلار، پىچاقنىڭ بىسىدەك چېقىللار ۋە ئۇنىڭ بېرىسىدا چېقىللارغا تۇتاش ياتقان يېشىل دۆڭلەر تۇمان ئىچىدە قالغان ئىدى، ھېلىلا يامغۇر يېغىپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىدى، مەن بۈگۈن يەنە يامغۇردا قالىدىغانلىقىمنى، ياخشى مەنزىرە سۈرەت تارتالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم ئازراق يېرىم بولغان بولسىمۇ بۇگۈنكى مەنزىلنى چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى غالىپ كېلىپ يەنە غەيرەتكە كېلىپ يولۇمنى داۋام قىلدىم. ئارقامدىن بىر موتوسېكلىتقا مىنىشكەن ئىككەيلەن يېتىشىپ كېلىپ ماڭا زەن سېلىپ قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشتى. مەن كەينىدە ئولتۇرغان يىگىتنىڭ قولتۇقىدىكى قويچى تايىقىغا قاراپلا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇلاغقا ھەيدىگىلى ماڭغان قويچى يىگىتلەر ئىكەنلىگىگە جەزم قىلدىم. ئېگىزلەپ بېرىۋاتقان دۆڭلۈكلەردىكى بۇ يوللار ئەمدى تۈپتۈز يايلاققا تۇتۇشۇپ كەتتى، موتوسېكلىتمۇ ئۈچىنچى خوتتا راۋان يۈرۈشكە باشلىدى،بىراق كۈچلۈك تاغ بورىنى چىقىشقا باشلىدى، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا كۆرۈش ئارىلىقى 30 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئالدىمدىلا قويلىرىنى جىددىي قوغلاۋاتقان بىر قويچى ئۇچرىدى، قويچىنىڭ يېشىنى ئەللىكلەردە بولۇشى مۈمكىن دەپ تەخمىن قىلدىم. بېشىغا قېلىن يۇڭ پوسما، ئۇچىسىغا ماشرەڭ كونا ھەربىچە ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بولۇپ ساقاللىرى ئۆسۈپ، لەۋلىرىنى گەز باغلاپ كەتكەن، مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇشۇ يايلاقتا قوي بېقىپ كېلىۋاتقان بۇ جاپاكەش قويچىنىڭ پورتېرتىنى خاتىرە قىلىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ يېنىدا توختاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مۇشۇ ئەتراپتا ئاتچان يېزىسىدىن ئەكىلىپ تىكىپ قويغان بىر يېشىل چېدىر بار دەپ ئاڭلاپ كېلىۋېدىم، سىز بىلەرسىزمۇ؟ -ئالدىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ، ئاۋۇ تەرەپكە مېڭىڭ، بۇ يەردىن ئىتتىك كېتىڭ، شىۋىرغانلىق يامغۇردا قالىسىز، بۈگۈنكىدەي كۈندە نىمىشقا چىقاسىز بۇ يەگە؟- ئۇكىشى شۇنداق دەپلا ئالدىراش كېتىپ قالدى. مەن بوران بىلەن بەسلىشىپ موتوسېكلىتنى چاپتۇرۇپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بېشىم قېيىپ موتوسېكلىتتىن يىقىلىپ چۈشتۈم. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدىم بېشىم قېيىپ مەست ئادەمدەك لەيلەپ يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۆمىلەپ بېرىپ نېرىدا يىقىلغان پېتى گۈرۈلدەپ تۇرغان موتوسېكلىتنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قويدۇم. بېشىم، ئىككى چېكەم زىڭىلداپ ئاغرىپ تۇرۇدۇ، «ئىس تۇتۇۋالغان ئوخشايدۇ» دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ موتو كەينىدىن سومكامنى يېشىپ بىر قۇتا قىزىل كالا ئىچىملىكىنى ئىچىپ باقتىم، ئازراق نان چايناپ باقتىم، بەش مىنۇتتەك مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ سەل ئوڭشالغاندەك بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ موتوسېكلىتنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم ، يىراققا بىر دەم نەزەر سېلىۋىدىم تۇمان، بوران ئىچىدە خېلى يىراقتا بىر چېدىرنى كۆردۈم. شۈكرى دەپلا چېدىر تەرەپكە موتوسېكلىتىمنى چاپتۇردۇم، مانا ئەمدى يامغۇر رەسمىي شارقىراپ قۇيۇۋەتتى، كىيىملىرىم شۇ ھامانلا چۆپتەك ھۆل بولۇپ بولدى، سوغۇقمۇ جاندىن ئۆتۈشكە باشلىدى، چېدىر يېنىغا بېرىپ موتوسېكلىتتىن چۈشۈپ زاڭاقلىرىم كاسىلدىغان ھالدا شامالدا لەپپەڭشىپ تۇرغان ئىشىكىدىن كىردىم، چېدىر بارلىقىغۇ بار ئىكەن، بىراق ئىچى قۇپ-قۇرۇق ئىدى ،15كۇۋادرات كېلىدىغان چېدىر ئىچىدە ئوت –چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن، چۇۋۇپ تاشلانغان بىر نەچچە قەغەز يەشىك، بىر نەچچە تال پىۋا بوتۇلكىسى، بىرنەچچە پارچە سۇنۇق كېسەك، بۇرۇن كىملەردۇ ئوتۇن يېرىپ ئوت قالىغان چاغدىكى ئازراق كونا كۈل ۋە سەرەڭگە تېلىدەك چوڭلۇقتىكى تارشا، ئوتۇن ئەخلەتلىرىدىن باشقا بۇ چېدىردا ھىچنېمە يوق ئىدى. كۆڭلۈم شۇقەدەر يېرىم بولغان بولسىمۇ دەرھال چىقىپ موتوسېكلىت كەينىگە تېڭىپ قويغان سۆيۈملۈك فوتو ئاپپارات سومكامنى ئەكىرىۋالدىم، سىرتتىكى يامغۇر بەك دەھشەتلىك ئىدى، چېدىرنىڭ ئالتە دەرىزىسىدىن ئىككىسى ئوچۇق بولۇپ سوغۇق كىرىپ تۇراتتى، چېدىر دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىسام كۆزۈمگە بىلەكتەك توملۇقتا ئىككى ياغاچ ئوتۇن كۆرۈندى، ئوتۇننىڭ بىرسى چالا كۆيدۈرۈلۈپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. دەرھال چىقىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئوتۇننى ئەكىرۋالدىم. چېدىردىكى سېمونت كېسەك پارچىسى بىلەن ئۇرۇپ يۈرۈپ ئوتۇننى سۇندۇرۇپ، كىچىك يانچۇق پىچىقىم بىلەن يىرىپ يۈرۈپ بىر ئاشپىشىم ھەپىلىشىپ ئازراق پارچە ئوتۇن راسلىدىم، ئاندىن كېسەكنى يىغىپ توپىنى ئازراق كولاپ بىر ئوچاق ياسىۋالدىم. ئوتۇننىڭ ئۇششاقلىرىنى ۋە قولۇمدا تىرنىلاپ يىغقان تارشىلارنى ئاستىغا سېلىپ چاقمىقىم بىلەن ئوت ياقتىم، تېگىدە ئازراق قۇرۇق تارشا بولغاچقا ئوت ئانچە كۆپ يالۋۇرتمايلا كۆيۈشكە باشلىدى. ئاياغلىرىمنى سېلىپ ئوتقا قاقلاپ يۈرۈپ چالا-بۇلا قۇرۇتۇۋلدىم، چېدىر سىرتىغا قاراپ يامغۇرنىڭ تاراسلاپ يېغىشىنى كۈزەتكەچ خىيالغا پاتتىم. يامغۇر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس، سائەتكە قارىدىم، ئۆيدىن چىققىنىمغا 4 سائەت بولۇپ قالغان ئىدى، قاراڭغۇ چۈشۈشكە يەنە 3 سائەت بار، قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇشۇ چېدىردا سولىنىپ ئولتۇرسام كېچە بولۇپ كەتسە بۇ قۇرۇق چېدىردا قانداق تاڭ ئاتقۇزغۇلغۇق ؟ سوغۇقتا بۇ چېدىردا شۇنداقلا ياتقان بىلەن ئەتە سالامەت قوپقىلى بولارمۇ؟ ئەگەر ھازىرلا قايتاي دېسەم بۇ يامغۇردا قانداق قايتالايمەن؟ يوللار پاتقاق بولۇپ كەتكەندۇ، موتوسېكلىت تېيىلىپلا كەتسە تۆۋەنگە چاپقا دومىلاپ كەتسەم قانداق قىلغۇلۇق؟... دېگەندەك سوئاللار قاينىمىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم. ياندا چۇۋۇقلۇق تۇرغان قەغەز يەشىكنى ئېلىپ بېشىمغا دالدا قىلىپ سىرتقا چىقتىم. چېدىرنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ نېرىدىكى ئېگىزرەك دوڭگە ماڭدىم، دۆڭگە چىقىپ قارىسام يەردىن بىر مېتىر كۆتۈرۈپ سېلىنغان بىر ياغاچ ئۆي كۆرۈندى، دەرھال ياغاچ ئۆينىڭ يېنىغا بېرىپ بىر تال ياغاچنى قۇلۇپ ئورنىغا تىقىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككى ياغاچ پەشتاقتىن چىقىپ ياغاچنى سۇغۇرۇپ تاشلاپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي پۈتۈنلەي ياغاچتىن شال تىلىپ ياسالغان بولۇپ شال بىلەن شال ئارىلىقى بارماق پاتقۇدەك يوچۇق قالدۇرۇلۇپ، شەرق تەرىپىدىن بىر چوڭ ھاۋادان چىقىرىلىپ ياسالغان ئىدى. ھاۋادانغا ياپقۇچ ئورنۇتۇلمايلا قويۇپ قويۇلغان. ئۆينىڭ تېگىدىنمۇ بارماق پاتقۇدەك يوچۇقلار قالدۇرۇلغان بولۇپ يەرنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى تاشلاپ قويۇلغان كىگىز ئۈستىدە يوتقان كۆرپە، ھەربىيچە بىر ماشرەڭ چاپان تۇراتتى. بۇ نەرسىلەر كۆزۈمگە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈندى، كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مۇشۇ ياغاچ ئۆيدە پاناھلىنىشنى قارار قىلىپ دەرھال يېنىپ بېرىپ موتوسېكلىتنى ۋە سومكىلىرىمنى ئېلىپ ياغاچ ئۆيگە كۆچۈپ كەلدىم. بۇ ئۆيگە ئېرىشكىنىمدىن بەك خوشال بولدۇم. ئۆي سىرتتىن ھىچقانداق پەرقى يوق دەرىجىدە ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ ياتقۇدەك يوتقان كۆرپە بار ئىدى، يامغۇر قاتتىق ياغقاندىن سىرت ئەمدى بۇ يامغۇرغا كۈچلۈك غەرپ بورىنى قوشۇلغان، ياغاچ ئۆيگە تاراسلاپ ئۇرۇلغان يامغۇر بىلەن بوراندىن چىققان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز ئادەمنى ۋەھىمىگە سالاتتى. مەن توڭۇپ كاسىلداپ تىترەپ يۈرۈپ كىگىزنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىپ، ئۈستىگە كونا كۆرپىنى سالدىم، ئاندىن يوتقان بىلەن چوڭ ھەربىچە چاپاننى يېپىنىپ ياتتىم، بىردەم تىترەپ يېتىپ ئاستا –ئاستا بەدەنلىرىم ئىسسىپ تىترەشمۇ توختىدى، لېكىن سىرتتىكى قاتتىق يامغۇر –بوران ئاۋازى يۈرەكلەرنى جىغىلدىتاتتى، ئۆينىڭ غەرپ تېمىدىكى تۆشۈكلەردىن ئۆي ئىچىگە يامغۇر كىرىپ تۇراتتى، لېكىن ئۆي تېگىدىكى يوچۇقتىن يەنە يەرگە چۈشۈپ كېتەتتى ،ئۆينىڭ ئۈستى ناھايىتى پۇختىلاپ ھىملىنىپ بېلىق سىرتى قىلىنىپ، يامغۇردىن پاناھلىنىشنى مەقسەت قىلىپ يېپىلغان بولغاچقا بىر تامچىمۇ يامغۇر ئۆتمەيتتى .«ھەي ھۈسەنجان قاسىم، فوتو سۈرەتكە تويدۇڭمۇ؟ ئىسسىققىنا ئۆيۈڭدە جىم ئولتۇرماي مۇشۇنداق ئۆزەڭ بىلمىگەن جايغا كېلىپ كۆرگەن كۈنۈڭ مانا. مۇشۇنداق قىلىپ قانچىلىك ئېسىل سۈرەت تارتىپ كېتەرسەن-ھە؟ ئەگەر بۇ يامغۇر توختىماي ئىككى –ئۈچ كۈنگە سوزۇلۇپ كەتسە بۇ يەردە ياتقىنىڭ بىكار بولمامدۇ ؟ يەنە تېخى ئاۋۇ ئىككى تال گىردە نېنىڭ قانچىلىك ئوزۇق بولماقچى؟...» دېگەنلەرنى خىيال قىلسام، يەنە بىر تەرەپتىن «بۇ ئۆي بۇ ياقا يايلاققا نېمە ئۈچۈن ياسالغان بولغىيتتى؟ نەسىللىك قوي فېرمىسى تەرىپىدىن قوي نەسىللەندۈرۈش خىزمىتىگە چىققانلار مەشغۇلات قىلىدىغان ئۆيمىدۇ ياكى سەيلى –ساياھەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ياساپ قويۇلغانمىدۇ؟ بىرەر شەخسنىڭ پۇل چىقىرىپ بۇنداق جايدا مۇشۇنداق ياخشى ئۆينى ياساپ قويۇشى مۈمكىنمۇ؟قويچىلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ ھېچ ئوخشىمايدۇغۇ؟ بۇ كونا يوتقان -كۆرپىلەر كىمنىڭدۇ ؟ مەيلى كىم سالغان ئۆي بولسۇن ماڭا ھەجەپمۇ ئەسقاتتى. ئۆي ئېگىسىگە رەھمەت! ھە راست بۈگۈن كېچىنى ئۆتكۈزۋالسم ئەتە سەھەردە ئاۋۇ ئىشپال ياغاچ تامغا بىر رەھمەت خېتى يېزىپ قوياي... »دېگەنلەر خىيالىمدىن كېچەتتى.
قانچىلىك ياتتىىمكىن بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام قاراڭۈ چۇشۇپ كېتىپتۇ، سائەتكە قارىسام شىنجاڭ ۋاقتى 8 بولۇپ قاپتۇ، سىرتتىن بايىقىغا ئوخشاشلا يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ھوۋلىغان ئاۋازىدەك گۆركىرىگەن ئاۋاز بىلەن يامغۇرنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى كېلىپ تۇرۇدۇ. ئازراق ئىسسىق ئۆتۈپ قورساقنىڭ ئاچقانلىقىنى سەزدىم، چاقماق يېقىپ، سومكامدىن گىردە نان ۋە سوغۇق چېيىمنى ئېلىپ كەچلىك تاماق يەۋالدىم. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھاۋاداندىن سىرتقا قارىدىم،قاراڭغۇدا 5غۇلاچ ئارلىقمۇ كۆرۈنمىدى، سىرتقا چىقىپ موتوسېكلىتقا قاراپ قويۇپ قايتىپ كىردىم، كىرىپ بولغۇچە يەنە توڭلاپ كەتتىم، يانفونۇمنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتىنى سەھەر سائەت 4 كە توغرىلاپ قويۇپ، يوتقانغا كىرىۋېلىپ تەگسىز خىياللانى كەچكىنىمچە ئىسسىق ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. پاھ ! گۈزەل پۇماس يايلىقى يان تېلفونۇمنىڭ سايرىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم، ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ سىرتتا شامال ياكى يامغۇرنىڭ ئاۋازى يوق، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھاۋاداندىن سىرتقا قارىدىم ،يىراقنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ ھاۋا پەيلىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولاتتى. دەرھال مېنېرال سۈيۈمدە يۈزۈمنى چالا –بۇلا يۇيۇپ سوغۇق چېيىم بىلەن ناشتا قىلىۋالدىم، تاڭ سۈزۈلشكە باشلىدى، ياغاچ تاختايلىق تامغا بىر خەت يېزىپ قالدۇرۇش مەقسىتىدە يانچۇقۇمدىن قەلەم ئىزلەپ تاپالمىدىم، فوتو ئاپپارات سومكامدىن سەرەڭگە تېپىپ سەرەڭگە تېلىنى كۆيدۇرۇپ تامغا خەت يازدىم «كېرىيەلىك فوتوگراپ ھۈسەنجان قاسىم قاتتىق شىۋىرغانلىق يامغۇردا بۇ ياغاچ ئۆيدە بىر كېچە پاناھلاندىم، ئۆي ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت! 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى» مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى يېزىپ بولغۇچە 19 تال سەرەڭگە ئىشلىتىپتىمەن، خەتنى ئۆچۈپ كېتەرمۇ دەپ قولۇمدا سىلاپ تاتىلاپ باقتىم. ھاۋادىكى يامغۇر نەملىكىدە ئازراق نەملەشكەن ياغاچقا سەرەڭگە كۆيۈكى قىزلارنىڭ قېشىغا سىڭگەن ئوسما سۈيىدەك سىڭىپلا كېتىپتۇ. كىيىملىرىمنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيدىكى ماشرەڭ ھەربىچە ئۇزۇن چاپاننىمۇ كىيىۋېلىپ، كەڭ بۇلۇڭلۇق كۆز سېلىنغان ئاپپاراتىمنى بوينۇمغا ئاستىم. ئۇزۇن فوكۇسلۇق ئاپراتىمنى ئېلىپ ئۈچ پۇتنى قولتۇقۇمغا قىستۇردۇم-دە، ئاپپارات سومكامنى «ياغاچ ئۆيۈم » دە قالدۇرۇپ سىرتقا چىقتىم.
شەرق تەرەپ بېلىقنىڭ قورسىقىدەك ئاقىرىشقا باشلىغان بولۇپ تاغنىڭ ئۇپۇق بىلەن تۇتاشقان جايىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك چىراق تۇتۇۋاتقاندەك بىر خىل نۇر قارا كۆك ئاسمان بېتىگە سىڭىپ كېتىۋاتقان ئىدى، ئاسماندىكى بۇلۇتلانىڭ بىر تەرىپى تاغ ئالمىسىنىڭ مەڭزىدەك قىزىرىشقا باشلىغان ئىدى، دېمەك قۇياش 15- 20مىنۇتلاردىن كېيىنلا ماڭا دىدارىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. ھاياجانلىنىپ كەتتىم، تۈنۈگۈندىن بېرى تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىم يادىمدىن چىقىپلا كەتتى. « ئەجىر-ئەزىم» دەپ بىكار ئېيماپتىكەن كونىلار. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چېڭياچىياڭ بىلەن تارتقان جاپالىرىم، تۈنۈگۈن موتوسېكلىت بىلەن ئۆيدىن«تەۋەككەل»دەپلا چىققاندىن باشلاپ ھازىرغىچە تارتقان جاپالىرىمنىڭ بەدىلىگە ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەندەك قىلاتتىم، چۈنكى مەن كۈتكەن نۇر كېلىۋاتاتتى، بىز فوتوگراپلارنىڭ كەسپىي ئادىتىمىز ۋە پىسخېكىمىز جەھەتتىن ئالغاندا سىرتتا تەبىئىي نۇردا سۈرەتكە تارتىش، فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى ئشلەش ئۈچۈن سەھەردىكى قۇياش چىققان پەيتتىكى ۋە كەچتە كۈن پېتىشتىن ئىلگىركى نۇر جۇلالىق، رەڭدار، يۇمشاق نۇر ھېسابلىنىدۇ، فوتو سۈرەتچى تارتماقچى بولغان ئوبېكتنى دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا تارتىشنى ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايدۇ. مەن توختىماي مېڭىپ ئەڭ ياخشى تارتىش نۇقتىسىنى ئىزلىدىم. مانا ئەمدى رەسمىي پەيت كەلگەن ئىدى، شەرق تەرەپ قىزىل رەڭگە كىرىپ ، ئاسماندىكى سان-ساناقسىز قوي پادىلىرىدەك ئاق بۇلۇتلارمۇ سارغۇچ قىزىل رەڭلىنىپ، قارلىق چوققىنىڭ ئۈستى قىرلىرى ئۆتكۈر سەمشەر بىسىدەك پارقىراپ كەتتى، مەندىن تەخمىنەن بەشيۈز مېتىر نېرىدا ئوتلاۋاتقان بىرنەچچە تۇياق ئاتنىڭ قۇياشنىڭ قىزىل نۇرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن تەڭداشسىز گۈزەل تۇرقى مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي مەپتۇن قىلىۋالغانئىدى. «ئەمدى تارتىشنى باشلىماي قاچانغىچە تۇرىمەن؟» ئۆز-ئۆزەمگە سۆزلەپ قويۇپ ئۈچ پۇتنى جايلاشتۇرۇپ فوتو ئاپپاراتىمنى تەڭشەپ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى خاتىرلەشنى باشلىدىم، ھەر بىر پارچە سۈرەتنى ئاپراتنىڭ كىچىك ئېكرانىدىن كۆرۈپ بېقىپ خوشاللىقتا ھاياجانلىناتتىم. ئەمدى قۇياش قىپ –قىزىل تاۋار رەخت ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان ئالتۇن تاۋاقتەك ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل جامالىنى نامايەن قىلدى، مەن ئۈچ پۇتنى ئاپپارات بىلەنلا كۆتۈرۈپ شەرققە ئىلگىرلىدىم. __ مەن ئۆزەم تۇرغان ئېگىز يايلاق بىلەن تاغ ئارىلىقىدىكى كەنتنى كۆرۈشۈم كېرەك، شۇ چاغدىلا تولۇق بىر گەۋدىگە ئايلانغان گۈزەل قاراقۇرۇم ئېتەكلىرى مەنزىرىسىنى تارتالايمەن. مەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم شۇنداق دېگەچ، ھەر ئون قەدەم مېڭىپ بىر پارچە سۈرەت تارتىپ ئالدىمغا، قۇياش تەرەپكە سىلجىۋاتىمەن، شۇنداق مېىڭىپ يۈرۈپ بارغانسېرى پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم، ئېگىزلىك ھاۋاسىدا ھاسىراپ –ھۆمۈدەپ تۇرساممۇ پەرۋايىم پەلەك ھالدا توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتىمەن. مانا ئەمدى قۇياش ئارغامچا بويى ئۆرلەپ پەستىكى پۇلۇ كەنتىگە يورۇق نۇرىنى چاچتى. پاھ ! نېمىدىگەن گۈزەل رەسىم بۇ. مەن ئىلگىرى مەنزىرە رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ۋاقىتلىرىمدا خىيالىي مەنزىرىلەرنى سىزاتتىم،لېكىن بۇنچىلىك چىرايلىق ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىكەنمەن. كۆپ-كۆك ھاۋا بوشلۇقىقا تەكشى تارقاپ قېتىپ قالغان ئاپپاق بۇلۇتلار، توپا –چاڭ توزاندىن ، ئىس –ماناندىن مۇستەسنا ھالدا شۇنچە يىراقتىن بەكمۇ ئېنىق كۆرۈنگەن ھەيۋەتلىك قارلىق چوققىلار، ئۆزىنىڭ قاتىىقلىقى ۋە قىرلىقلىقىنى نامايەن قىلپ تۇرىدىغان پىچاق بىسىدەك چېقىللار، ئاشۇ چېقىللارغا تۇتۇشۇپ كېتىدىغان، قاتلاملىرى ئىنتايىن كۆپ، دولقۇنلۇق يېشىل دېڭىزغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان دۆڭلۈكلەر، يايلاقلار، ئاندىن پەستە كۆرۈنگەن كوراپ دەرياسى بويىغا جايلاشقان چوڭ پۇلۇ، كىچىك پۇلۇ، پۇلۇ 1-ئەترىتى قاتارلىقلار تولۇق كۆرۈندى. سەرەڭگە قېپىدىنمۇ كىچىك كۆرۈنىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئىس كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، ئەنە ئاۋۇ دۆڭلۈكتىن بىر توپ قوي پادىسى پەسكە –دەرياغا قاراپ چۈشۈۋاتىدۇ، كىگىز چوڭلۇقىدا كۆرۈنىدىغان ئاۋۇ ئېتىزغا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بىر ئايال ئۈچ كالىنى يېتىلىپ كېلىپ قوزۇق قېقىپ باغلاپ قويۇپ ماڭدى، يىپتەك كۆرۈنىدىغان كەنت يولىدا بىر تىراكتۇر كۆكۈش ئىس چىقىرىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ پاتاقلىغان ئاۋازىمۇ بۇ ئىگىز جايغا ئاڭلاندى. بايىقى قوي پادىسىمۇ ھىچ ماڭمايۋاتقاندەك يەنىلا شۇ بايىقى كالىنىڭ دۇمبىسىگە ئوخشايدىغان يېشىل دۆڭدىن تېخىچە چۈشۈۋاتىدۇ ،قويلار توپىنىڭ كەينىدە ئېشەك مىنگەن بىرسىمۇ باردەك قىلىدۇ، ئۆزەمنى گويا ئايرۇپىلاندا تۇرۇپ كەنتنى تاماشا قىلغان ئادەمدەك ھىس قىلىپ كۆڭلۈم يايراپ ئازادىلىشىپ «سالام ساڭا قاراقۇرۇم» دەپ ئۈنلۈك ۋاقىراپ كەتتىم. چېڭ ياچىياڭ ئېيتقان 3-نۇقتا ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن ئەمەسمۇ؟! بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تېخنىكامنىڭ يېتىشىچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم. تۇيۇقسىز ئارقا تەرىپىمدىم موتوسېكلىت ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇرۇلۇپ قارىسام موتوغا مىنىشكەن ئىككەيلەن بىلەن تېز يورغىلاپ ماڭىدىغان پاكار بىر ئېشەككە مىنىۋالغان بىرەيلەن مەن تەرەپكە كېلىۋېتىپتۇ. ئۇلار يېنىمغا كېلىپلا موتوسېكلىت ۋە ئېشەكلىرىدىن چۈشتى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى تايىقىغا، شامال يەپ قارامتۇل ھەم قاتاڭغۇر بولۇپ كەتكەن چىرايىغا، ھەممىسىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئاپتاپ شەپكىسى كىيىۋالغىنىغا قاراپلا قويچى تاغلىق يىگىتلەر ئىكەنلىگىگە جەزم قىلدىم. –ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! - ئۇلار ماڭا ئاۋۋال سالام قىلدى. -ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!- مەن ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم . ئۇلار ئارىسىدىكى موتوسېكلىت مىنگەن مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك كىشى مەندىن: -سىلى مۇخبىرمۇ؟ بۇ يەرگە قاچان چىقتىلا ؟- دەپ سورىدى. - ھەئە، مەن مۇخبىر، تۈنۈگۈن ناھىيىدىن تاغنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن موتوسېكلىت بىلەن چىققان ئىدىم، چىقىشىم بىلەن تەڭلا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ كېچىدىن ئاۋۇ ياغاچ ئۆيدە ياتتىم. ئۇ ئۆي كىمنىڭ ؟ ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتاي دەپ تۇرىمەن،ـــ دېدىم. ــ ئۇ ياغاچ ئۆي قوي فېرمىسىنىڭ، يېنىدىكى چېدىي ئاتچان يېزىسىنىڭ، بۇ ياغاچ ئۆينى يازدا قوي نەسىللەندۈرگىلى چىقىتقان تېخنىكلارغا سېپ قويدى، تولاراق بىكار تۇرۇتۇ، بۇ ئۆينى بۇلتۇ سالدى، بۇلتۇ ئاۋۇ لاتا چېدىدا سىلىدەي مۇخبىردىن بەش-ئالتەيلەن كىلىپ ئۈچ-تۆت كۈن يېتىپ كەتكەن، تۇنۇگۈن تازا يامغۇ ياققان چاغدا مەن سىلىنى كۆگەن، ياغاچ ئۆيدىن چىقىپ قىلۋا تەرەپكە قالىسىلا بىر ئېغىل با، شۇ ئېغىل بىزنىڭ، ياغاچ ئۆيدىكى بىرەمىلە مېنىڭ. ئۈلۈشكۈن كېچە مەن شۇ ئۆيدە قونغان، قويلىغا يېقىن يېتىپ قويلىنى يىغىتقان ئىشتى، ئەتتىگەن قالىسام بەكمۇ بالدۇر چىقىپ كېتىپ قاپتىلا، سىلىنىڭ سومكا تۇرۇتۇ، سىلىنى كەتمەپتۇ تېخى با چېغىۋا دىدىم، ئاندىن بۇ باللا بىلەن قويلىنى سۇلاققا بېسۋېتىپ كىللى دەپ ماڭدۇق. ھەنىمبوسا چاپاننى كىيىۋاپلا، يامغۇ ياغسا يامان سۇغاق بۇ يە ــ دىدى موتو مىنگەن كىشى تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ . مەن ئۇلادىن: ــ مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئالدىمدىن نۇرغۇن قويلار ئۆتۈپ بەرگەن بولسا، ئاۋۇ تاغ ۋە يايلاق بىلەن قوشۇپ سۈرەتكە تارتسام دەپ ئويلاپ تۇرغان، بۇ يەردىن قوي ئۆتمەسمۇ؟ - دەپ سورىدىم. ــ تېخى سەل بالدۇ، بىرەر ئاشپىشىمدىن كىن قويلىنى مىششەدىن ھەيدەپ سۇلاققا ئەچۈشۈتمىز. ئۈچىمىز قويلىرىمىزنى ھەيدەپ كەگىلى ماڭدۇق. بىدەم تۇسىلا قوي ئۈتىتۇ بۇ يەدىن. سىلى ماۋۇ دۆڭدىن ئۆتەپ مۇشۇ تەرەپكە ئۇدۇل ماڭسىلا چوڭ چارۋا با يايلاققا بارىتلا. ئات ،كالا دىگەن جىق، ئاشۇنى تاتقاش تۇسىلا، ھە راس ئاندىن كەچكە قاسىلا كەتمەي ياغاچ ئۆينىڭ كەينىدىكى بىزنىڭ ئېغىلغا چۈشسىلە، بىللە قونۇپ ئەتە ماڭسىلا، ئېتىم غۇجاشىماخۇن، بىز ئالدىرايلى، قويلا تاقاپ كەتكۈچە بېرىۋالىلى، قويلا ئىشۇ دۆڭدە، ھېلى كۈرۈشۈتمىز، ــ ئۇلار شۇنداق دەپلا موتوسېكلىت ئاستىراق، ئېشەك تېز مېڭىپ ياندىشىپلا مېڭىپ كېتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي، ساددا، دوستانە مۇئامىلىسىدن سۆيۈنۈپ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم.
تاغلىقلارنىڭ‹‹ ئىشۇ دۆڭنىڭ كەينىدە ›› دېگىنى كەم ھىساپلىغاندىمۇ ئۈچ –توت كىلومېتىر كېلىدۇ ،ئەگەر زاڭىقىنى سەل كۆتۈرۈپ‹‹ ئاۋۇ››دېگەن سۆزنى سوزۇپراق ‹‹ئاۋۇ دۆڭدىن ئۆتسەك بارىتمىز›› دېسە 10 كىلومېتىردەك ئارلىقنى كۆرسىتىدۇ ، موتوسېكلىت ئاستىراق ،ئېشەك تېز مېڭىپ ياندىشىپلا مېڭىپ كېتىشتى،مەن ئۇلارنىڭ پېشىندىن بۇرۇن قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىغا جەزم قىلدىم چۈنكى 3-4 كىلومېتىر ئارلىقتا قويلارنى ئاستا ئوتلاتقاچ ھەيدەپ دەرياغا ئەچۈشۈپ سۇغۇرۇپ بولۇپ يەنە ئاستا ھەيدەپ ئەچىقىپ بولۇشىقا 4-5 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ . مېنىڭمۇ ئەمدى ئۇرۇن ئالماشتۇرۇپ باشقا نۇقتىلاردىن سۈرەت تارتىدىغان ۋاقتىم بولغان ئىدى، قويچى يىگىتلەر كۆرسەتكەن تەرەپكە ماڭدىم، دۆڭنىڭ ئېگىز يېرىدىن قارىسام راس 20-30دەك ئات ۋە كالا كۆرۈندى، ئاپراتلىرىمنى كۆتۈرگىنىمچە يۈگۈردۈم، ھاسىراپ –ھۆمۈدەپ يۈرۈپ ئاتلارنى يان تەرەپتىن ئۈركۈتۈپ مەن پىلانلىغان تەرەپكە ھەيدىدىم، ئاتلار سەزگۈر بولغاچقا تېز ماڭدى، كالىلار چېچىلىپلا قارىشىپ تۇردى، بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتقاچ ھەيدەپ ماڭدىم. ئاتلار ئاخىرى مەن پىلانلىغان جايغا كېلىپ ئوتلاشقا باشلىدى، ئەمدى ئاتقا بەك يېقىن بېرىۋېلىشقا بولمايتتى، ئۇلار ئەمدى ئۈركۈپ كەتسە ئەڭ ياخشى نۇقتىدىن يىراقلاپ كېتەتتى، مەن ئالدىرىماي ئۇزۇن فوكۇسلۇق كۆز بىلەن يېشىل ئوتلاقتىكى ئاتلارنى ئالدى كۆرۈنۈش،قارلىق چوققىقا يېنىككىنە قونۇپ ئولتۇرغان بىر توپ ئاپپاق بۇلۇت، يىراق يايلاق ۋە پەستىكى كەنت مەنزىرىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئاجايىپ ئېسىل مەنزىرە سۈرەتلەرنى تارتىۋالدىم . سۈرەتلىرىم دەل چېڭ ياچىياڭ ئېيتقاندەك ئاجايىپ گۈزەل نۇر مۇھىتىدا تارتىلىۋاتاتتى. ئۆزەمچە بۇ قېتىم تەلىيىم كەلگەنلىگىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. تارتقان سۈرەتلەرنى ئاپارات ئېكرانىدىن كۆرۈپ بېقىپ يەنە باشقا بىر خىل تارتىشنى ئويلىدىم. ئاتلارنىڭ ھالىتى تولىمۇ جىمغۇر چىقىپ قالغاندەك كۆرۈندى، ھەيۋەتلىك تاغلار جىم تۇرسىمۇ ئاتلار چوقۇم ھەركەتتە بولسا، بۇنداق ئېسىل پايانسىز ياپ –يېشىل تاغ يايلىقىدا ئاتلار توپى گاھىدا ئويناقشىپ، گاھىدا قۇيۇندەك چېپىشىپ،ھەقىقى يايلاق ئەركىلىرى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ تۇرسا، ئاندىن ھەقىقى بىر جانلىق قاراقۇرۇم يايلاق مەنزىرىسى بولالايدۇ ئەمەسمۇ. بىر قانچە يىل ئىلگىرى بىرسىدىن ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر داڭلىق فوتوگراپنىڭ موڭغۇلكۈرە يايلىقىدا ھەپتە تەييارلىق قىلىپ ئون مىڭ تۇياق ئاتنى بىراقلا چاپتۇرۇپ سۈرەتكە ۋە سىنغا تارتقانلىقىنى، چارۋىچىلارغا ئون مىڭ ئاتنى چاپتۇرۇپ بېرىش ھەققى ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭ يۈەن پۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مېنىڭچە ئاشۇ فوتوگراپمۇ دۇنياغا داڭلىق ئىلى ئاتلىرىنىڭ ئوبرازىنى گۈزەل تەڭرىتاغلىرى مەنزىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ نادىر بىر مەنزىرە فوتو سۈرەت ئەسىرىنى يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولغىيتتى. بايىقى قويچى يىگىتلەر ئاتلارنى تازا يۈگۈرتۈپ قوغلاپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى-دە. لېكىن ئاسماندا بۇلۇتلار ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلار كەلگىچە يەنە بىرەر سائەت ئۆتۈپ كەتسە قۇياشنى بۇلۇت توسىۋالىدۇ، ھەتتا يەنە يامغۇر يېغىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ كەينىمگە يېنىپ ئىككى كىلومېتىردەك يولنى يۈگۈرگەندەك بېسىپ ياغاچ ئۆي ئالدىغا كېلىپ موتوسېكلىتنى ئوت ئالدۇردۇم، ئۈچ پۇتنى ۋە بىر ئاپراتنى ئۆيدە قالدۇرۇپ ،بىر ئاپراتنى ئەڭ تېز سۈرەت تارتىش ھالىتىدە تەڭشىۋېلىپ بوينۇمغا ئاستىم-دە موتوسېكلىتنى مىنىپ ئاتلار بار تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم.ئاتلار ئەسلىدىكى پەسرەك جايغا قايتىپ كېلىۋالغان بولۇپ بايىقىدىن ئاۋۇپ قاپتۇ، تەخمىنەن قىرىقتىن ئاشىدىكەن، موتوسېكلىت بىلەن ئارقىسىدىن قوغلىدىم ، قوغلىغاچ بىر توختاپ سۇرەت تارتىپ يەنە قوغلاپ ئارقا مەنزىرە كۆرۈنۈشى ئەڭ ياخشى نۇقتىغا ئەكەلدىم، موتوسېكلىتتىن چۈشمەيلا بىر قۇلۇمدىلا ئاپارات كۇنۇپكىسىنى توختاۋسىز بېسىۋەردىم، ئاتلار بارغانسېرى بەك ئۈركۈپ تېز چېپىشىپ مېنى خېلىلا ئارقىدا قويدى، مەن ئۆزۈمنى گويا كىنولاردىكى ئات چاپتۇرۇپ يۈرىۋاتقان قەدىمىي يىلقىچىدەك، باتۇر چەۋەندازدەك سېزەتتىم. ئەمدى ئاتلارمۇ بارغانسېرى يىراقلاپ كۆرۈنمەي قالدى. مېنىڭ ئەمدى ئازراق دەم ئالىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالدى، بۈگۈنكى بىرقانچە سائەتلىك پۇرسەتتە ئېرىشكەن ھوسۇل ياخشى ئىدى، ھەقىقەتەن رازى بولدۇم.
موتوسېكلىتنى چاپتۇرغانچە ياغاچ ئۆيگە قايتتىم، ئاخىرقى ئازراق سوغۇق چېيىم بىلەن يېرىم گىردە نېنىمنى يەۋالدىم. قىزىل كالا ئىچىملىگىمنى ئىچىۋەتتىم. بۇ چاغدا سائەتكە قارىسام 12 بولۇپ قاپتۇ، ئاسماندا بۇلۇتلار ناھايىتى تېز ھەركەتلىنىۋاتاتتى. قىسمەن بۇلۇتلار كۇلرەڭ كۆرۈنەتتى، دېمەك بۇ يەردە چۈشتىن كېيىن يەنە يامغۇر يېغىشى مۈمكىن ئىدى. مەن ئاپرات سومكىلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ بايىقى قويچى غۇجاشىم ئاخۇننىڭ ئېغىلى تەرەپكە باردىم، ئېغىل دىگىنى خىش بېتون قۇرۇلمىلىق 200كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان چوڭ قوي ئېغىلى، ئېغىلغا يانداش سېلىنغان 16كۇۋادرات ئەتراپىدىكى ئولتۇراق ئۆي ئىكەن، قۇلۇپلانمىغان ئۆيدە تۇرمۇش لازىمەتلىكلرى تولۇق بولۇپ، تېخى قۇياش ئېنېرگىيىلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىمۇ بار ئىكەن. غۇجاشىم ئاخۇن قايتىپ كەلمەپتۇ. توۋا! تاغنىڭ ھاۋاسى ئەجەپ بولىدىكەن ھە؟! يامغۇر مەن مۆلچەرلىگەندىنمۇ تېز يېتىپ كەلگەن ئىدى. سىمىلداپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، مەن غۇجاشىم ئاخۇنغا دىلىمدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە رەھمەتلەر ئېيتىپ كېيىن بۇ يايلاققا قايتا چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ بىرەر كېچە قونۇپ كېتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئۇنىڭ ماشرەڭ ھەربىچە چاپىنىنى ئۆيىگە قويۇپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندىم. قايتىش سەپىرىم
يولغا چىقىشىم بىلەنلا يامغۇر قاتتىق يېغىپ كەتتى. بىردەمدىلا يەنە چۆپ-چۆپ ھۆل بولۇپ كەتتىم. يايلاقتىن چۈشۈش يولىدا موتوسېكلىتنى بىرىنچى خوتتا قويۇپ ماتور تورمۇز، پۇت ۋە قول ھەممىنى ئىشلىتىپ بەكمۇ ئېھتىيات بىلەن چۈشۈشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇنداق دىققەت قىلىپ تورمۇز قىلىپ ماڭساممۇ موتوسېكلىت تېيىلىپ چۈشۈۋاتاتتى. كونا موتوسېكلىت ئىزلىرىغا سېلىپ ماڭسام سېغىز لايدا ئوڭايلا تېيىلىپ كەتتىم. بىر نەچچە قېتىم يانغا يىقىلىپ چۈشتۈم. موتوسېكلىت ماڭمىغان ئوتلاقتىن ماڭسام ياخشى بولىدىكەن. چىققاندا بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن ئون كىلومېتىر داۋاندىن يېرىم سائەتتىلا چۈشۈپ كېرىيە-پۇلۇ چوڭ يولىغا چىقتىم. 600مېتىر ئەتراپىدىكى ئېگىزدىن چۈشكىنىم ئۈچۈن ھاۋانىڭ سوغۇقىمۇ سەل بوشىغاندەك تۇيۇلدى. ئەمدى ياسىلىۋاتقان تاش يولدا تېز ئىلگىرىلەۋاتىمەن، يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتىدۇ، ئانچە كۆپ ماڭمايلا تەتۈر داۋانغا كېلىپ توختاپ قالدىم، ئېگىزدىن چۈشۈۋاتقان سەل سۈيى يولغىلا چۈشۈپ يولغا لاي تاشلاپ تۇرۇپتۇ. موتودىن چۈشۈپ بېرىپ ئايىغىم بىلەنلا يولدىكى دوغاپ سۇغا كىرىپ باقتىم. خۇددى تامچىلار تەييارلىغان سېغىز لاينىڭ ئۆزى ئىدى. موتو ھەرگىز ئۆتەلمەيتتى. ئارقامدىن كېلىۋاتقان ئىككى موتوسېكلىت بىر يۈك ماشىنىسمۇ توختاپ قالدى. قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقانلارمۇ توختاپ قېلىشتى. يۈز مېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكى لايداڭلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. سەل سۈيى چۈشۈپ لاينى يولدا قالدۇرۇپ يولدىن يەنە پەسكە چۈشۈپ تۆۋەندىكى يەنە ئىككى يۆگەم يولنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى. مۇشۇنداق ساقلاپ بىر سائەتنى ئۆتكۈزدۇۇق. يولۇچىلارمۇ كوپىيىپ كەتتى. قوسىقىم ئېچىپ كەتتى. يامغۇردىن پانالانغۇدەك يەر يوق. يەنە يېرىم سائەت ئۆتۇپ كەتتى. بىر چاغدا بىر توپا تۈرتۈش ماشىنىسى پەيدا بولۇپ لايلارنى تۇرتۇپ يولنى راۋان قىلدى. ئالدىراپ يولغا چىقتىم. لېكىن تەتۈر داۋاندا بولغان سەل چۈشۈش باشقا جايلاردىمۇ بار ئىكەن. قويۇق دوغاپتەك لاينى كېچىپ موتوسېكلىتنى بەزىدە مىنىپ بەزىدە يېتىلەپ دىۋىتىپ لايدىن ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ 6 جايدىكى پاتقاق، سەل سۈيىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە ئۈستىبېشىمغا لاي چاپلىشىپ بەئەينى لاي قونچاققىلا ئوخشاپ قالدىم. ئوغۇت خالتىسىغا سېلىپ ئارقىغا تېڭىۋالغان ئاپارات سومكىمۇ لاي كاللىكىگە ئوخشاپ بوپتۇ. سومكىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئاپراتنى ئېلىپ ئاخىرقى سەل چۈشكەن جايدا بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ يەنە سومكىغا سېلىپ ، لاي بولۇپ كەتكەن خالتىغا ئوراپ يەنە موتوسېكلىتنىڭ كەينىگە تېڭىۋەتتىم . ئەمدى تېز مېڭىشقا بولاتتى. يېرىم سائەت ماڭمايلا لەنگەر يېزا لايقىدىكى ئېلىش بېشىغا كېلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۆيگە كېلىۋالغاندەك ھېس قىلدىم. يامغۇر بۇ يەردە بوشراق يېغىپتۇ. ئۆستەڭدىكى سۇغا كىيىم بىلەن كىرىپلا ئۈستىۋېشىمدىكى سېغىز لايلارنى ئېقىتىۋەتتىم. يامغۇرمۇ توختاپ قالدى، ئاپرات سومكام سېلىنغان خالتىنىمۇ تاشلىۋەتتىم. قوساقىنىڭ ئاچلىقى ئارام بەمەيۋاتاتتى، ئەتتىگەن يىگەن يېرىم گىردە نان بىلەن كۈن كەچ بوپتۇ. موتوسېكلىتنى تېز سۈرئەتتە قوغلاپ ئارىش يېزىسىغا كېلىپ، ئاشخانىغا كىرىپ، بىر تەخسە لەڭمەن يىدىم.بىر قاچا ئاش سۈيى ئىچتىم، لەڭمەن مېنى يەۋەتكەندەك پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ بوشىشىپلا كەتتىم. بىر دەم ئولتۇرۇپ قېنىق دەملەنگەن چايدىن ئىچىپ ماغدۇرۇمغا كېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. مەن ئۆيگە كەلگەندە گۇگۇم چۈشكەن ئىدى .
كېيىن مۇشۇ قېتىملىق يالغۇز سەپەردە 3-نۇقتىدا تارتقان سۈرەتلىرىمدىن بىر قانچىنى مۇسابىقىلەرگە ئەۋەتتىم، 2014-يىلى 11-ئايدا بۇ سۈرىتىمدىن بىر پارچىسى شىنجاڭ لۇ فېڭ ئاپتومۇبىل شېركىتى ئۆتكۈزگەن فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىرە فوتوگراپىيىسى تۈرىدە مىڭلىعان سۈرەتلەر ئىچىدىن تاللىنىپ مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.. بۇنى مەن ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كىچىك نەتىجە دىگىلى بولمايتتى. ئالدىمدا مېنى ئۆزۈم ئىشتىياق باغلىغان فوتوگراپلىقنىڭ پارلاق يولى كۈتۈپ تۇراتتى.
|