تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 5

چېكىنىشمۇ بەزىدە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

1

ئەگەشكۈچى

644

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
168
مۇنبەر پۇلى
356
ئىشەنىچ
168
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېكىنىشمۇ بەزىدە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ

ھېكايەت:

    بىر كۈنى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، خوتۇنى ئېرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. ئاخىرى خوتۇنى ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولۇپ زادىلا ئۇنىماپتۇ.ئۇلار سوت مەھكىمىسىگە بېرىش ئۈچۈن،چوقۇم ئانچە چوڭ بولمىغان بىر دەريادىن ئۆتۈشى كېرەك ئېكەن.دەريا بويىغا كەلگەندە،ئەر ھەش-پەش دېگۈچىلا ئاياغلىرىنى سېلىپ سۇغا كىرىپتۇ.ئايال بولسا مۇزدەك سوغۇق سۇدىن قانداق ئۆتۈشنى بىلەلمەي،قىرغاقتا تۇرۇپ قاپتۇ.ئەر قايتىپ كېلىپ مۇلايىملىق بىلەن:
-مەن سىزنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قوياي،-دەپتۇ.ئەر ئايالىنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.ئۇلار ھېچقانچە ماڭا-مايلا ئايالى سەل ئويلىنىپ قاپتۇ،ئەسلىدە ئۇ چېكىنىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق قىلغىنىغا سەل پۇشايمان قىپتۇ. قەتئىي نىيەتكە كىلىپ،ئېرىگە چېكىنىش مۇددىئاسىنى ئېيىتماقچى بوپتۇ.
-بولدى، بىز قايتىپ كېتەيلى،-دەپتۇ.
-نېمىشقا ئەمدى؟-سوراپتۇ ئېرى ھەيران بولۇپ.
ئايال يەنە بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،
-ئاجرىشىپ كەتسەك كىم مېنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ؟-دەپتۇ،دە ئۆيىگە قايتىپتۇ.

ئىبرەت:

   كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار:ياخشىلىققا ئېرىشكەن ئادەم ھەممە يەردە ياخشىلىق قىلىدۇ.قارشى تەرەپكە يول بېرىڭ،ئۇنىڭ يۈزىنى ئاياڭ ھەم پۇت تىرەپ تۇرالىغۇدەك ئېمكانىيەت بېرىڭ.كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق.ئوخشىمىغان ئەھۋاللاردا ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر ۋە پاجىئەلەر يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.كۆپىنچە ئەر-ئاياللار ئارىسىدىمۇ بەزىدە كىچىككىنە سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر يۈز بىرىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ تۇرىۋالغاندا،بىر-بىرىگە يول بەرمىگەندە ياكى كىچىككىنە چىقىش يولى قالدۇرمىغاندا،چوڭ ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكېن.
كونىلاردا يەنە«كۆزى كىچىك ئادەم دوستىدىن ياكى باشقىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ،كەڭ قورساق ۋە سەمىمىي ئادەم باشقىلار بىلەن ئاسانلا دوسىت بولالايدۇ»،«ساپ ئالتۇن بولمايدۇ،مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ»دېگەن سۆز بار.شۇڭا بىز تۇرمۇشتا بەزى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قاتتىق تۇتىۋالماسلىقىمىز،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى،كەچۈرۈۋېتىشنىمۇ بىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيمىز.باشقىلارغا كەچكىچە ئۆچ بولۇپ يۈرۈشنىڭ،سوغاق چىراي بولۇپ يۇرىۋىرىشنىڭ پايدىسى يوق.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن،ئېرىشەلمەيدىغىنى كۆپرەك بولۇپ،نۇرغۇن ئېشلاردا زىيان تارتىدۇ.بىرەر ئېغىز گەپتىن قېلىش،ئېللىق چىراي بولۇش،كەڭ قورساقلىق،باشقىلارغا يول قويۇش ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇشتا چېكىنىشنىمۇ ئۇگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1004

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
446
مۇنبەر پۇلى
528
ئىشەنىچ
446
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:10:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ  تەربىيىۋى  ئەھىمىيەتكە  ئىگە  ئە سەرلىرڭىزنى  ئوقۇپ  بەكمۇ  تەسىرلەندىم  .ئۆزڭىزنىڭمۇ  ياكى
  يوللغانمۇ ئېنىق  ئەسكەرتىش  بەرمىگەشكە  بىلەلمىسەممۇ  ئەمما  مەزمۇنى  بەكمۇ  چۇڭقۇر  ئىكەن .
     54-  ئوقۇرمىنىڭىز بولساممۇ  تىۋىشسىز  چىقىپ  كېتىشكە  كۆڭلۈم  ئۇنىمىدى . ئەجىرڭىزگە  رەخمەت .
   داۋاملىق مۇشۇنداق  تەربىيىۋى  ئەھىمىيەتكە  ئىگە  ئەسەرلىرڭىزنى  يوللاپ  تۇرارسىز .
   تېنىڭىزگە  سالامەتلىك  ،ئائىلىڭىزگە  ئاسايىشلىق  يار بولسۇن .

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
897
مۇنبەر پۇلى
1106
ئىشەنىچ
897
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى  ئەھىمىيەتكە  ئىگە ياخشى تىما بوپتۇ

10

تېما

15

ئەگەشكۈچى

4385

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1318
مۇنبەر پۇلى
2877
ئىشەنىچ
1318
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 10:16:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىكى بەزى مۇرەككەپ ئىشلارنى بەزىدە ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلغىلى بۇ
ولىدۇ.

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
893
مۇنبەر پۇلى
873
ئىشەنىچ
893
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 00:18:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەميىتىمىز تەربىيەگە مۇھتاج . سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزمۇ جەميەتكە قوشقان توھپىڭىز بولۇپ قالغۇسى .

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1244

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
479
مۇنبەر پۇلى
768
ئىشەنىچ
479
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 09:28:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ياخشىلىق قىلساڭ ئون ھۆرمەت تاپىسەن دەيدۇ
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:00, Processed in 0.132531 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش