مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، چ چ، ۋېيشىندا قورۇقمايمەن پا (怕) ئۇچۇر يوللايمەن قىز-چوكانلارغا، تەمتىرەش يوقتۇر جۈرئىتىم بەك دا(大)
مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، قىلغان سۆزلىرىم بىر-بىرىدىن جا. تېلىفۇن كەلگەندە ئەركىلەپ دەيمەن، سالام ئورنىغا مېنىڭ ‹‹جېنىمما››.
مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، كاندا ئىشلەيمەن دائىم توشۇپ زا. ئىشتىن چۈشكەندە رەتلىك كىيىنىپ، ۋاڭبا، دىبادىن تارتىنمىدىم يا.
مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، تۇتىۋاتقىنىڭ گوڭشاڭ يىڭخاڭ كا. پۇل سېلىۋەتكىن جېنىم دەپسەنغۇ، كېچىكتۈرمەستىن مۇشۇ كارتاڭغا.
مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، خەت يېزىپ تۇردۇم تېلىفۇن ئالماستا. پۇلۇم تۈگكەندە ئايرىلدۇق دېدىڭ، ئۆلتۈرۋەتتىڭغۇ يۈرىكىمنى شا(杀)
مېنىڭ نومۇرۇم ياۋ ياۋ جۇ جۇ با، خەنزۇچىدىن بىلىدىغىنىم ‹‹سا›› بۇززۇۋان بولۇپ سۆزلەپ قويۇپلا، ئارقىدىن كۈلدۈم ھا ھا ھا ھا ھا....
مەنبە: ئۇزدىل |