ئىلاۋە: كىيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيلەش ۋە ئەقىللىق چوڭ قىلىش ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى، بىراق قانداق قىلغاندا كىينكى ئەۋلادلارنى ياخشى ئەقىللىق تەربىيلەپ چوڭ قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يېقىندا ئامېرىكا «ساغلام تۇرمۇش تورى» بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ھەمدە نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلانغان 10 تۈرلۈك ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويغان.
شاھمات، خەت تولدۇرۇش ، رەسىم قۇراشتۇرۇش، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق ئويۇنلار بالىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە مەسىللىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كانادا تورۇنتو ئۇنۋىرستىتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، مۇزىكا ئوڭ مىڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنى چېنىقتۇرۇپ، بالىنىڭ ئەقلى قۇۋىتى ۋە ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئانا سۈتى « چوڭ مىڭىنىڭ ئوزۇقى» دەپ قارلىدۇ، شۇڭلاشقا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ساغلام ھەم تىز بۇلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىنىڭ ئەقلى قۇۋىتى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بالىدىن %5 يۇقىرى بۇلىدىكەن. 4. ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش؛ ئامېرىكا ئىرىنويى ئۇنۋىرستىتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسى تەتتەربىيە نەتىجىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بۇلۇپ ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈردىكەن. مۇۋاپىق مىقداردا بالىلارغا ۋىدىئو ئويۇنلىرىنى ئوينىتىش بالىلارنىڭ ھەمكارلىشىش قابىلىيتى ۋە يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بۇلىدىكەن. 6. ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش؛ ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەرنىڭ كۆپ ئىستىمال قىلىش بالىلارنىڭ زىھىن قۇۋىتىنى چەكلەپ قۇيىدىكەن. 7. قىزىقىش شەكىللەندۈرۈش؛ قىزىقىش بالىلارنىڭ بىلىشكە بولغان تەلپۈنىشىنى ئويغىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بالىلارنىڭ قىزىقىشنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۇلارنىڭ كۆپ سۇئال سۇراش، سىرتلارغا ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىگە ئېلىپ چىقىش ۋە بىرگە ھەرخىل قىزىقارلىق تەجىربىلەرنى قول سېلىپ ئىشلەش ھەمدە ھىكايە سۆزلەپ بىرىش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئىكەن. كۆپ كتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ياخىشى ئۆسۈپ يىتىلىش جەرياندىكى ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەر خىل ھىكايىلەرنىڭ ئوقۇپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرشىگە ياردەم بىرىش كىرەك. بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشنىشى كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ ماختىشىدىن كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى كۆپرەك ماختاپ ئىلھاملاندۇرشى ئىنتايىن مۇھىم. سەلبى مەنىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم 10. ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىش؛ سەھەردىكى ناشتىلىق بالىنىڭ مەكتەپتىكى چۈشتىن بۇرۇنقى پائالىيەتلىرىگە ۋە دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىسىغا ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. مەنبە:ئەلقۇت ساغلاملىق تاراتقۇسى |