ئەدەپلىك بولۇش-ئىلغارمەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى ئادەمنىڭ ھايۋاندىن ئەتىۋارلىق بولۇشى،ئۇنىڭدا ئەدەپ-قائىدە بولغانلىقىدىندۇر-«يەنزى»
يېقىندا مەلۇم بىر يېزىغا تۇققان يوقلاشقا مېڭىپ،كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ ئاپتوبوس ئەمدىلا قوزغالغان ئىدى،تەخمىنەن 30ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئېككى ياش بىر-بىرىگە تاماكا سۇنۇشۇپ،چېكىشىشكە باشلىدى.قاڭسىق تاماكا ئىسىدىن يان تەرپىمدە ئولتۇرغان،قولىدا بىرنەچچە ئايلىق بولغان بالىسىنى قۇچاقلىغان ئايلا ئولتۇرالمايلا قالدى،ھەمدە قاتتىق يۆتۈلۈپ،ھېلىقى ياشلارنى تاماكا چەكمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.ئۇ ئېككى ياشنىڭ خېيالىغىمۇ كەلمىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاياللا ئەمەس ئاپتوبوستىكى ھەممە كىشى ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەدەپسىز قىلمىشىدىن قاتتىق بىزار بولغان ئىدى.ئۇلارغا ئاتا يوللۇق بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەسلىگىنى،بۇنىڭ ئاممىۋى سورۇندا بىر خىل ئەدەپسىز قىلمىش ئېكەنلىگىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ بىر خىل چوڭچىلىق روھى قولىدىكى تاماكىنى تاشلاشقا يول قويمايتتى.ئاخىرى ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم-دە،ئۇلارغا دەۋەيلىدىم.ئاخىرى ئۇ ئېككىسى قولىدىكى تاماكىنى ئاپتوبوس دېرىزىسىدىن ئاچچىقلانغىنىچە يىراققا ئاتتى. تۇرمۇشتا كىشىلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلەشكە مۇھتاج.ئەدەپلىك بولۇش ھۆرمەتنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىسى.ئەدەپلىك بولۇش يەنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەقەللىي بىر قائىدە.ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا،ئالاقە ئىشلىرىدا،سۆز-ھەرىكىتىدە ئورتاق رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق مىزانى.ئەدەپلىك بولۇش بىزنىڭ مەدەنىي،باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش،كەڭ قورساق بولۇش،ئەپۇچان،كىشىلەرگە ئا كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.باشقىلارغا ئەدەپلىك بولمىغاندا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلاردا كۆڭلىمىز ئازار يەپ قېلىش بىلەن بىرگە،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىر-بىر خىل مەدەنىيەت دەۋرى.بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان، ئۆز-ئارا ئېتتىپاقلىشىپ،ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان،ئەتىكى تېخىمۇ گۈزەل بولغان دۇنيانى يارىتىش ئۈچۈن مۆرىنى مۆرىگە تېرەپ كۆرەش قىلىۋاتقان دەۋىر.ئەدەپلىك بولۇش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز-ئارا ئالاقىدىكى ئەخلاق كۆۋرىكىدۇر.بىر ئادەمنىڭ ئەدەپلىك بولۇش-بولماسلىقى ئۇنىڭ ئېسىل ساپاسىنى سىنايدىغان ئۆلچەم بولۇپ،بىز چوقۇمكى باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا،ئىش بېجىرگەندە ئەدەپلىك بولىشىمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلىشىمىز كېرەك.تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئۇششاق ئىشلارغىچە دىققەت قىلىشىمىز،سەمىمىي،كەمتەر،مۇلايىم بولىشىمىز كېرەك.ئەدەپلىك بولۇش يەنە بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك تەربىيە كۆرگەن-كۆرمىگەنلىگى،بىلىم ساپايىنىڭ قانچىلىك ئېكەنىگىنىمۇ كۆرسىتىپ بىرىدۇ،ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.شۇڭا بىز ھەر جايدا ئەدەپلىك بولايلى،پەقەت ئەدەپلىك بولغاندىلا ،كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىناقلىققا ئېرىشكىلى،خوشال بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتقىلى،غەلىبە تەنتەنىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. « قەشقەر پەيزاۋات ناھىيە يېزائىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدىن-ئالىم ياسىن» |