ئىجراغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان قىلمىشلار قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار ياكى باشقا كىشىلەردىن كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججەتنى ئادا قىلمايدىغان ياكى ئىجىراغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىرقىلغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى « ھەق تەلەپ ھەۋا قانۇنى»نىڭ 102-ماددىسىدىكى بەلگىلمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ: (1) خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجىرا كىپىللىكىبىرىدىغان مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سىتىۋەتكەن ۋە زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتقان بولسا؛ (2) دىلو سىرتىدىكى كىشى بىلەن ئىجىرا قىلدۇرۇلغۇچى يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋەتكەن بولسا؛ (3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجىرا ئىلانى، پىچىتىنى قەستەن يىرتىۋەتكەن بولسا؛ (4) ئىجىرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ئائىت موھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ياسىۋىلىپ، يوشۇرۇپ، يوقۇتىۋىتىپ،خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجىرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئىنىقلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛ (5) باشقىلارنى ئىجىرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بىرىشكە يول كۆرسەتكەن، پارە بىرىپ سىتىۋالغان،زورلىغان بولسا؛ (6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئاختۇرشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛ (7) ئىجىراغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سىلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق ياكى قارشىلىق قىلغان بولسا؛ (8) ئىجىرا مەيدانىدا غەۋغا كۆتەرگەن ۋە ئىجىرا مەيدانىغا بىسىپ كىرگەن بولسا؛ (9) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجىرا خادىملىرى ياكى ئىجىراغا ھەمكارلاشقۇچى خادىملارغا ھاقارەت قىلغان،تۆھمەت قىلغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان، قورشاپ ھوجۇم قىلغان، تەھدىت سالغان،ئۇلارنى ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن زەربە بىرىپ ئۆچ ئالغان بولسا؛ (10) ئىجىرا دىلوسى ماتىريالى،ۋەزىپە ئىجىرا قىلىش ئاپتۇمبىلى،باشقا ئىجىرا سايمانلىرى،ئىجىراخادىملىرىنىڭ فۇرمىسى ۋە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى بۇزۇۋەتكەن،تارتىۋالغان بولسا؛ تەييارلىغۇچى: گۇلباھار تۇرسۇن( يېڭىشەھەرناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن) |