ئالتۇن باھاسىنىڭ كەلگۈسى 10 كۈندىكى ھالىتى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1205 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى ، بۈگۈن ئامېرىكا مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ ئالتۇن ۋە دوللار يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . پېڭبو تەھلىلچىسى Andrew Robinson چارشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، ئالتۇن باھاسى كەلگۈسى 10 كۈندە 1.8% ئۆسۈپ 50 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىق 1230 دوللارغىچە بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى تېخنىكا يۈزىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى ئۆسۈش ھالىتىگە ئۆزگەرگەن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن .
ئەسكەرتىش : نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 240.60 يۈەن ؛ 1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.32 يۈەن ؛ 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار دوللار ھالىتى : دوللار كۈچلۈك بولسا ئالتۇن ئاجىز بولىدۇ ، ئالتۇن كۈچلۈك بولسا دوللار ئاجىزلايدۇ. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تەۋرەنگەن مەزگىل : ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بەرسە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ . مەركىزى بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى : ئامېرىكا ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە ئالتۇنغا پايدىسىز ، يەنى ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. SPDR خەلقئارا ئالتۇن فوند زاپىسى : ئالتۇن فوند زاپىسى كۆپەيسە ئالتۇنغا پايدىلىق ، ئالتۇن فوند زاپىسى كېمەيسە ئالتۇنغا پايدىسىز . نېفىت باھاسى : خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن مۇ يۇقىرى بولىدۇ . ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلارنىڭ ئالتۇن زاپىسى : ئالتۇن زاپىسى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى بەلگىلەيدۇ . ئالتۇن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى : ئالتۇن ئېھتىياجى ئاشسا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ پۇل پاخاللىشىش . يەرلىك سىياسەت
2- پەسىلدە پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن نۆۋەتتە پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن ئازراق تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، Metals Focus ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ئېھتىمال ئەڭ تېز بولغاندا 2- پەسىلدە ئالتۇن باھاسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەمدە بۇ يىللىق ئوتتۇرچە باھاسى ئالتۇن باھاسىغا قارىغاندا 100 دوللار يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. Metals Focus نىڭ قارىشىچە،ئامېرىكا فېدراتسىيسى رەسمىي ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى ئالتۇن بولۇپ،پلاتىنا ئالتۇنغا بولغان تەسىرى بىر ئاز كىچىك.ئۇنىڭدىن باشقا،Metals Focus نىڭ قارىشىچە پلاتىنا ئالتۇن بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولىشى يەنە داۋاملىشىدىكەن، Metals Focus ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ يىل 2- پەسىلدىن 3- پەسىلدە ،ئامېرىكا فېدراتسىيسى ئۆسۈم ئۆستۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا 1100 دوللارغا چۈشۈپ، پلاتىنا ئالتۇن باھاسى ماشىنا سېتىلىش مىقدارىنىڭ ياخشىلىنىشى سەۋەبلىك ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ ئېيتقان.
دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشى ئېچىلدىمۇ ئېچىلمىدىمۇ ؟
چەت ئەل تاشقى پېرېۋوت ئۇچۇر توربېكىتى fxstreet.com نىڭ 2 - ئاينىڭ 26 - كۈندىكى دوكلاتىدا، دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان. ئاساسلىقى تۈنۈگۈن دوللاردىن باشقا پۇللارنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئاۋسترالىيە دوللىرى/ دوللار ۋە فوندستېرلىڭ / دوللار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇھىم نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. 0.7850 نۇقتا بولسا ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بۆسۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى 4 ھەپتە ئىچىدە، ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ لېكىن بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلالمىغان. لېكىن ھازىر، بۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. لېكىن، ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە 0.79 بۆسۈش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان. بۇ نۇقتا ئاۋسترالىيە دوللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ كۈچلۈك بۆسۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بازاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەمەلىي ئىشلىتىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىش ئاۋسترالىيە دوللىرىغا تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار كەلگۈسىدە يەنىلا ئۆرلىشى مۇمكىن. چۈنكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ كەلگۈسىدە يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋسترالىيە ئىقتىسادى پائالىيەت ئەھۋالىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلەپ 0.80 نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى پېرېۋوت باھاسى يەنە 0.7850 ئەتىراپىدا ئايلاندى. لېكىن دوللارنىڭ تۆۋەنلەش يۆنىلىشى تېخى ئېچىلمىدى. بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 11:04 دە، ئاۋسترالىيە دوللىرى/ دوللار باھاسى 0.7850/54 ئەتىراپىدا بولدى.
خەلق پۇلى دۇنيا بويىچە 5 - چوڭ چىقىم پۇلى ئورنىنى ساقلاپ قالغان دۇنيادىكى كەسىپداش بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تېلېگرامما خەۋىرى بىرلەشمىسى (SWIFT) نىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە، خەلق پۇلى دۇنياۋى چىقىم پۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1 - ئايدا بازاردا ئېگىلگەن نىسبىتى 2.06% بولۇپ، ئىسىمنى تىزىش 12 - ئايدىكى بىلەن بىردەك بولغان. 2014 - يىلى 12 - ئايدا، خەلق پۇلى كانادا دوللىرىدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە 5 - چوڭ چىقىم پۇلغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايلىق تالونلۇق كرېدىت گۇۋاھنامىسى خەلق پۇلى راسچوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 9.43% ئۆرلىگەن بولۇپ، 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈندىكى 7.32% ھالىتىدىن يۇقىرى بولغان؛ ئىسىمنى تىزىش دوللاردىن قالسىلا، 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. دوللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۇقىرىسى 80% كە يېقىنلاشقان. سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلدىغان تالونلۇق كرېدىت گۇۋاھنامىسى سودا جەريانىدا، خەلق پۇلى راسچوتىنىڭ 95% كە يېقىن سودىسى جۇڭگودىكى ئىچكى رايونلار، شياڭگاڭ ۋە سىنگاپوردىن كەلگەن. SWIFT كارخانا ۋە پۈتۈن دۇنيانى تەمىنلەپ بېرىدىغان زەنجىرسىمان بازار باشقۇرغۇچىسى Andre Casterman نىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە، " جۇڭگو ئاساسلىق ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپتى بىلەن، خەلق پۇلنى ئىشلىتىش نىسبىتىگە قارتا يۇقىرى قوللاشتىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا، گەرچە دۇنياۋى ئەنئەنە سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا باھاسى بويىچە قىممىتىنى ھېسابلىغاندا 10% كە يېقىن ئىشلەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى جۇڭگودىكى ئىچكى رايونلار ۋە شياڭگاڭدىن كەلگەن. "
تېما يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل
|