قالدى ناخشام ئاخىر كوچاڭدا قەدىردىن باۋۇدۇن
قالدى ناخشام ئاخىر كوچاڭدا،
كىملەر سالار ئۇنى ئاھاڭغا.
سەن قاتناشقان بىرەر سورۇندا،
كىم جاكارلار ئۇنى جاھانغا.
نىگاھلىرىڭ قۈش بوپ ئۇچارمۇ،
ئىزدەپ مىنى سورۇن ئىچىدىن.
ئەڭ ئاخىرقى ئومۇتمۇ ئۇچەر،
سەنمۈ كەتكەن بولساڭ كوچاڭدىن.
قالدى ناخشام ئاخىر كوچاڭدا،
ئۇ تەئەللۇق بولسۇن جاھانغا.
دەرتمەنلەرنىڭ بۇلۇپ سىردىشى،
ئاي يۇلتۇز بوپ ئۇتەي ئاخشامغا....
2014-يىلى 12-ئاي
سۆيەلمەيمەن ئەمدى سىنى يار قەدىردىن باۋۇدۇن
(ناخشا تىكىستى)
ئاڭلىغوڭ يوق تاپا-تەنەمنى،
يۇتۇپ ئاران تۇرساڭ ئەلەمنى،
كىم خارلىدى سەندەك سەنەمنى،
پانا تارتىپ كەپسەن ئېرەمنى...
ئەمدى سىنى سويەلمەيمەن يار،
ياش توكسەڭمۇ بەرىبىر بىكار،
غەيرەتلىك بول بولسۇن سەندە ئار،
يول ماڭساڭلا يولنىڭ مېھرى بار..
يۇزى باردۇر ياخشى كۇنلەرنىڭ،
يۇلتۇزى بار كېچە تۇنلەرنىڭ،
يۇلتۇزوڭ بوپ ئوتىمەن سىنىڭ،
چۇشۇنۇشتە نۇرلانسۇن قەلبىڭ...
سىنى ئەمدى سويەلمەيمەن يار،
يول ماڭساڭلا يولنىڭ مېھرى بار....
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۇنى |