تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2205|ئىنكاس: 13

بۇ نىمىلەر قاچان تەرتىپكە سېلىنىدۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

314

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
79
مۇنبەر پۇلى
232
ئىشەنىچ
79
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 03:16:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             بۇ نىمىلەر قاچان تەرتىپكە سېلىنىدۇ؟


      مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:20 ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە يىتىپ بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتىدۇ . چۈنكى ئىش ئورنۇم بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى 60 كىلومىتىرغا يېقىن كېلىدۇ . ماڭا بۇ ئارىلىق بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ . چۈنكى مىنىڭ قارشى تەرىپىمدە « ئالەمدە كەم تېپىلىدىغان »  ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگۈچىلەرنىڭ  %99 ى ماشىنىنىڭ چوڭ - كىچىك چىرىقىنى توغرا ئىشلەتمەي ، چوڭ چىراقنى بىر ياندۇرغانچە مەن ھەر قانچە پاس بەرسەممۇ ئۇ نىمىلەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقماي ئۆتۈپ كىتىشىدۇ .
    ماشىنا ھەيدىگەنلەر بىلىدۇ . يۇقۇرىقىدەك ئەھۋالدا يول ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىقىپ مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ . مەن بىر خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە كېچىسى يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنىڭ % 80 ى شوپۇرلارنىڭ چىراقنى توغرا ئىشلەتمەسلىكىدىن كىلىپ چىقىدىكەن . شۇڭا ئويلاپ قالدىم ، شۇ ساپاسىز مۇناپىقلارنىڭ خەلقنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىدىغانغا نىمە ھەددى ؟ ئەمدى بۇ يوللاردا باشقا پىيادە ياكى ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يۈرۈش ھوقوقى يوقمۇ ؟ ياكى بۇ يول شۇ ساپاسىز سولتەكلەرنىڭ دادىسى ياساپ بەرگەن يولمۇ ؟ ۋە ياكى شۇ چىراقنى توغرا ئىشلىتىش شۇنچە تەس ئىشمۇ ؟...
    بىزدە « يۇمشاقنى يېيىشنى خالىمىغان قاتتىقنى غاجايدۇ » دىگەن گەپ بار . ئەجىبا بۇ نىمىلەر قاتناش ساقچىلىرى كۆرگەنلا يەردە تۇتۇپ ، جەرىمانىنى ئايىماي ئېلىپ ، نۇمۇرىنى ئىچ ئاغرىتماي تارتقاندا ئاندىن ئۆزگەرمەكچىمۇ ؟
ئەمەلىيەتتىمۇ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بەزى مۇناپىق شوپۇرلارنى ئەدەپلەپ تۇرغىنى كۆپ ياخشى . ئەگەر ئۇلار بولمىغاندا ئۇ نىمىلەر 6 نومۇرنىڭ تارتىلىشىدىنمۇ قورقماي قىزىل چىراقلارنىمۇ بۆسۈپ ئۆتىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ ؟... ئەمەلىيەتتە بۇنداق مىساللار ساماندەك .
   شۇڭا دەيمەن ، مۇشۇنداق چىراقنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دۆيۈزلەر قاچان باشقۇرۇلىدۇ ؟ بۇنداق مەسىلىلەرگە قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۇۋاپىق ، ئۈنۈملۈك بىر چارىسى يوقمۇ ؟ ئەجىبا بۇ قىلمىش مەخسۇس ئادەم ۋە ۋاقىت ئاجىرىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىشمۇ ؟!!
     ئاخرىدا دەيدىغىنىم ، ئەي ئاپتومۇبىل ھەيدىگۈچى قېرىنداشلار ! ئاڭلىق ، ساپالىق ، سوغۇققانلىق بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەڭلار ، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق بوي سۇنۇڭلار ! چۈنكى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكى ئاتا - ئاناڭلار ، خوتۇن- بالىلىرىڭلار ، ياكى ئەرلىرىڭلار ، ۋە ياكى قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرنىڭ تېنچ - ئامان ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭلارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ئەمەسمۇ !...

10

تېما

15

ئەگەشكۈچى

4476

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1332
مۇنبەر پۇلى
2956
ئىشەنىچ
1332
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 16:39:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنىنىڭ چىرىغىدا بەلگە بەرگەچ ئۇدۇل ئاپارسىڭىز بەلگە بىرىدىغان بولىدۇ. مەن سىناپ باققان.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1373

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
304
مۇنبەر پۇلى
1059
ئىشەنىچ
304
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 17:39:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىتان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 16:39
ماشىنىنىڭ چىرىغىدا بەلگە بەرگەچ ئۇدۇل ئاپارسىڭىز بەلگ ...

بۇ تورداش ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.قاتناش ساقچىلىرى تۆت كوچا ئېغىزى  ۋە ئاۋات يول بۆلىكىدىلا تۇرىۋالماي،مەۋقە ۋە دېھققەت كۈچىنى چوڭ يوللاردىكى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماي ،ئاسانلا قاتناش ھادىسى توغدۇرىدىغان ئەبلەخلەرگىمۇ  قارىتىشى ۋە بۇ مەسىلىنى ئۆز خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىشى كېرەك.

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1919

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
278
مۇنبەر پۇلى
1639
ئىشەنىچ
278
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 00:04:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىىلە ناھايىتى ياخشى قۇيۇلۇپتۇ، بىزنىڭ تەرەپلەردىمۇ مۇشۇ مەسىلە ناھايىتى ئىغىر، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بۇ ئىشنى  ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلسا!

13

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1429

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
193
مۇنبەر پۇلى
1213
ئىشەنىچ
193
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 10:23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.  مۇشۇ چوڭ چىراغنى قالايمىقان ياندۇرۋېلىش سەۋەبىدىن، پەقەتلا كەچتە ماشىنا ھەيدىگۈسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ.  كۆزنى چارچىتىپ بىئارام قىلىدۇ. ھېلىمۇ قانۇن دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگىنى، بولمىسا نېمە كۈنلەرنى كۆرەر بولغۇيتتۇق دەيمەن.

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

2179

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1095
مۇنبەر پۇلى
1071
ئىشەنىچ
1095
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 13:58:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنىغا يوغۇن قول چىراقتىن بىرنى سىلىۋىلىپ بەلگە بەرسە پاس ياندۇرمىغان شوپۇرلارنىڭ كوزىگە قارىتىپ چىراق ياقسا ئاندىن چىرىقىنى ئۆچۇرىدىكەن مەن سىناپ باققان ھا ھا ھا ھا

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

93

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
73
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 16:33:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىكى ئادىمىلىك ئەخلاق ساپاسى يېتىلگەندە ، ئۇ شوپۇرلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ! چىرايلىق رەۋىشتە يۇمشاق گەپ بىلەن سۆز قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ بۇرادەر ، مۇناپىق دەپ تىل سىلىشقا ھېچقانداق ھەققىڭىز يوق ...........

119

تېما

20

ئەگەشكۈچى

5042

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1628
مۇنبەر پۇلى
2472
ئىشەنىچ
1628
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 10:24:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھازىرقى يېڭى پوچى شوپۇرلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1340

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
517
مۇنبەر پۇلى
826
ئىشەنىچ
517
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 09:47:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق شوپۇرلاردىن چىقىۋاتقان چاتاقلار ئاز ئەمەس

6

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2201

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
974
مۇنبەر پۇلى
1209
ئىشەنىچ
974
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتناش قاىدىسىگە ھەممىز ئاڭلىق رايە قىلايلى  بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 00:24, Processed in 0.113194 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش