قىش كۈنلىرى تېلېۋىزورنى قانداق ئاسراش كېرەك
خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل تىپتىكى تېلىۋىزورلار ئائىلىلەرگە ئومۇملاشماقتا قىش كۈنلرى تېلىۋىزورلاردىن كۆپرەك كاشىلىلار كۆرۈلدىغان بولغاچقا تۆۋەندە مەن تېلىۋىزورلارنى ئاسراش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن. 1.قايسى تىپتىكى تېلىۋىزور بولۇشىدىن قەتئيىنەزەر تىلىۋىزورنى دەرىزىگە قويماسلىق كىرەك بۇنداق قىلغاندا دەرىزىدىن ئۇرۇلغان سوغاق ھاۋا بىلەن ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋا ئۇچرىشىپ تېلىۋىزۇرنىڭ ھورلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ بۇنىڭ بىلەن تىلىۋىزور ئاسانلا كۆيۈپ كىتىدۇ 2.تېلىۋىزورنى ساغاق ئۆيدىن ئىسسىق ئۆيگە يۆتكەپ دەرھال توككا چاتماسلىق كىرەك. ئۇنداق بولغاندا توڭلاپ كەتكەن تېلىۋىزور ئىسسىق ئۆيدە ئاسانلا نەملىشىپ، تىلىۋىزورنىڭ كۆيۈك كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. قىش كۈنلىرى تىلىۋىزوردىن بەزىدە چاراسلىغان ئاۋاز پەيدا بولۇپ قالىدۇ بۇ تېلىۋىزورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇقرى بېسىملىق قالپاقتىن توك قېچىۋاتقان ھادىسە بولۇپ،بۇ خىل ھادىسە تېلىۋىزورنىڭ نەملىشىپ كەتكىنىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تېلىۋىزورنى داۋاملىق ئىشلەتمەي رىمىنۇتخانىلارغا كۆرسىتىپ، نەملىكتىن ساقلىنىش مېيى سۈركەپ، ئاندىن ئىشلىتىش كىرەك. |