تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 731|ئىنكاس: 9

يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ژانىر _ تاقا-تۇقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 13:35:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر فولىكلورىدا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ژانىر _ تاقا-تۇقا
قاسىم سىدىق

“ئەبەي تاقا-تۇقا”لىرى نامى بىلەن جامائەتچىلىك بىلەن يۆز كۆرۈشكەن بۇ خىل بەدىئى ئەدىبى ئېيتىلمىلارنى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان بىر ئەدەبى ژانىر دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇنداق قاراشنىڭ ئاساسلىرى:

1.بۇنداق ئېيتىلمىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى ۋە ئومۇمىلىشىشقا باشلىدى.
2.يازما ئەدەبىياتتىمۇ بۇنداق تاقا-تۇقالار مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بەزى ھېكايىلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
3.بۇنداق ئېيتىلمىلار ۋە يازمىلار خاسلىققا ئىگە بولۇپ،مۇستەقىل ژانىر بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان.

مەيلى فولىكلۇر ياكى يازما تۈسى بولسۇن، جەمىيەتتە ئوخشاش ژانىردىكى ئىجادى قىزغىنلىقنى مەيدانغا كەلتۆردى.
بۇنداق تاقا-تۇقىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ جەمىيەتنىڭ ئىستېتېك تەلپۈنۈش ۋە ئىستېتېك مايىللىغىنى ئەكىس ئەتتۆرگەنلىگىنى. ئىستېتېك ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.

تاقا- تۇقالاردىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭ پېسخىك مەناۋى ئارقا كۆرۈنىشى ۋە مەنبەسى، رىياللىققا بولغان نارازىلىق ۋە تەنقىتتىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلماق قىيىن ئەمەس. يەنى، تاقا-تۇقا ھاياتىمىزدىكى سەلبى ھادىسلەرگە بولغان بىر ئۆزگىچە تەنقىدى پوزىتسىيە.

مەن ئەدەبىيات نەزەريىسى ساھاسىدىكى زىيالىلىرىمىزغا بۇنداق ئەسەرلەرگە  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىرمۇستەقىل ژانىر سۈپىتىدە قاراش  تەكلىۋىنى بېرىمەن. بۇنداق ئەسەرلەرنى تارىخى، نەزەريىۋى جەھەتتىن سېستىمىلىق شەرھلەش، خاس نەزەريىۋى ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇش ئەلۋەتتە يەنىلا مەخسۇس تېمىلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

2015.2.16

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:55:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك باشقۇرغۇچى، مەن ھازىرلا مۇنبەرگە كىرسەم  ‹يىڭى ئەزا، جۇغلانمىڭىز 3› دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. مەن تىخى تۈنۈگۈنلا ئالتۇن ئەزا، جۇغلانما نۇمۇرۇم 1660، تېما 7ئىدى. نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم .مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز. بولمىغاندا ئىنكاسلار يۇقۇلۇپ كەتتى دىگەندىمۇ تېمىلىرىم قانداق بۇلىدۇ؟بولسا ئىككى ئىغىز چۈشەنچە بىرىشىڭىزنى ئۈتۈنىمەن.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 21:37:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                       

تورداشلارنىڭ بۇ تېما ئاستىغا تىپىك تاقا-تۇقىلارنى يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۇلاردىن نەزەريىۋى ئابىستىراكىت يەكۈنلەرنى چىقىرىشتا پايدىلانساق بولىدۇ.

ئەبەي تاقا-تۇقىلىرىدىنمۇ يوللايلى.


32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 21:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تەرمە:

مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىكى ئاجايىپ قۇرلار



مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز ؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق. ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن _ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى. ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى ، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ . ؟..
«بۇرۇت ماجراسى» دىن

ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن . قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گىلاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ. ..
«ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھېكايىسىدىن

كۆزىم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەر بۇلۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بۇلۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي، كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرىپ تازا كۈلگەندىم.بۇگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزى ?بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ، چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىر چاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ . بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەنكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟ يۇقۇرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز ? يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرىپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭا!
«چارخوراز» ناملىق ھېكايىسىدىن

مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىللىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ .ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز.
«ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر» ناملىق ھېكايىسىدىن

ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركايە چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇدەك.بىزنىڭ كۇچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى. ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتە كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدەك. بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا چاقىللىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزىم بىلەم كۆردۈم
«داپ» ناملىق ھېكايىسىدىن

مەنبە:http://www.uzzar.cn/asar/view.php?mid=732


14

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1475

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
750
مۇنبەر پۇلى
697
ئىشەنىچ
750
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 22:44:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشپىزى تەتىل بولغاچقا ئىچى پۇشۇپ قالغان چېغى،ئايالىغا؛-مەن تاماققا ياردەملىشەي،-دەپتۇ،
ئايالى؛-ئۇنداق بولسا سەينى سىللى قورىسلا،مەن خەمى يۇغۇراي،-دەپتۇ.
ئاشپەز ئۇستام گۆشنى توغراپ قازانغا سالماي يانچۇقىغا سېلىۋاتقىدەك،
ئايالى؛-ھەي ،بۇ نىمە قىلغىنىڭىز،دەپتىكەن،
مەن بۇ يەرنى مەكتەپ ئاشخانىسىمىكىن دەپتىمەن ،دىگىدەك.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 23:54:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاقا-تۇقىلاردىكى ئورتاق ئالاھېدىلىكلەرنىڭ بىرى،قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ۋە تېماتىك ئۇچۇر مىقدارى بەك كۈپ،ئۇز ئارا مەنتىقى باغلىنىش قارىماققا بەك سۇس ئىكەن.
بۇلار زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ بەكمۇ كەڭ،ھايات بېسىملىرىنىڭ بەكمۇ نۇرغۇن ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىشىمۇ مۆمكىن.سېستىمىلىق،چوڭقۇر تەپەككۈر بىلەن بۇنداق ئۇچۇرلار پۇرسەت ۋە سەھنە تالىشىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنداق ژانىرنى مۇئەييەن مەنىدە ئەنئەنىۋى، ئېغىر - بېسىق ،نىسبى مۇقىم تۇرمۇش رېتىمى پۇرسىتىنى يوقۇتۇپ،ئۆزگىرىشچان تېز رېتىم ھۆكۆمرانلىققا ئىرىشكەندە پەيدا بولىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ژانىر دەپ قاراشقىمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ....

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
16
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 00:59:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاقا تۇقا يازغاللار ۋە ياقتۇرغاللار ئاخىرى ئۇزى تاقا تۇقا بۇلۇپ كەتمىگىيدى ئىلاھىم

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 15:03:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 15:20  

تەرمە:

  بۇ ‹‹ تاقا - تۇقۇ›› لارنىڭ ئىجادچىسى رېشىت مۇھەممەت بولۇپ ، ئۇ 1957 - يىلى ئوغۇلاق ئىيىدا  قورغاس ناھىيە سۈيدۈڭ بازىرى چىنىباغ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان . ئۆسمۇرلۇك ۋە ياشلىق چاغلىرى قورغاس ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا ئۆتكەن . ئۇ ھازىر سۈيدۇڭ بازىرىدا . ئۇنىڭ تولۇق تەرجىمالى ئابدۇرۇسۇل سېيىت يازغان ‹‹ چاقچاقچىلار چايخانىسى››  دېگەن كىتابقا كىرگۇزۇلگەن ... ئۇنىڭ مۇنۇ پارىڭىغا دىققەت قىلايلى .
- رېشىتكا ، سائىتىڭگە قارىسىڭا ، نەچچە بولدىكىن ؟
- بىردىن ئاتمىش مىنۇت ئۆتۇپتۇ .
- رېىشىتكا كۆرۇنمەيسەنغۇ ؟
- شەنبە - يەكشەنبە دەم ئالدۇق ، باشقا كۈنلىرى بىكار .
- رېشىتكا ، قورساق خويمۇ ئاچتى ، ھەدىمىز نېمە ئېتىۋاتىدۇ .
- بىر بولسا ئۈزۈپ تاشلاپ مانتا ، بىر بولسا گاڭپەنگە خېمىر يۇغۇرۋاىتىدۇ . دېگەندەك قىزىق گەپلەرنى قىلىپ يۇرىدۇ .
ئۇنىڭ سورۇنلاردىكى ، مەشرەپلەردىكى تاقۇ - تۇقالىرىنى ئەبەي رەتلەپ سەھنىگە  ئېلىپ چىقىپ كۆرۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . ئەبەي بولسا رېشىت مۇھەممەتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى . قاسىمكام بۇنى بىر يېڭى فولىكلور  ژانىرى دەپتۇ . بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ باقساڭ بولىدۇ .


مەنبە:
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=26271&page=1#pid202275

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
897
مۇنبەر پۇلى
1106
ئىشەنىچ
897
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 18:38:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تاقا-تۇقىلار مۇنبەرنى قىززىتىدىغان بولدىدە

25

تېما

0

ئەگەشكۈچى

275

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
تەڭرىتاغ ئوغلانى
تۆھپە
40
مۇنبەر پۇلى
161
ئىشەنىچ
40
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 21:53:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baxkiram يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 22:44
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاشپىزى تەتىل بولغاچقا ئىچى پۇشۇپ قا ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:12, Processed in 0.109147 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش