تاماكىنى تاشلايلى،تۈتۈن تۈندە تۈگەشسۇن، 
 تاماكىنى تاشلىغان تىزدىن تاڭغا تۇتاشسۇن. 
 
 تاماكىدا تۇرمۇشۇڭ تۇزۇپ،تۈگەر توختىماي، 
 تىزدىن تاشلا تۇتمىغىن،تىنىقلىرىڭ تىزلەشسۇن. 
 
 تاماكىنىڭ تالاسى توستى ، تىرەن تۇمۇرنى، 
 تال-تۇمۇرۇڭ تۈتۈنگە،تىزلانمىسۇن-تىركەشسۇن. 
 
 تاياق تەڭلەپ تۇرسىمۇ، تاشلىمايدۇ تۈزۈمدە، 
 تاشلىمىساڭ تۈزۈمدە،تۇتۇپ تۇرۇپ تاشلاتسۇن. 
 
 تاشلاپ تۇتما تۈندىمۇ ، تۇمانلىرى تۇزاقلىق، 
 توزاقلارغا تىزلانساڭ ،تەمسىز تۇرمۇش تۈگەشسۇن. 
 
 تۈتۈن  تولا  تۇرمۇشتا ، تاماكىسىز  تۇرۇپمۇ، 
 تاماكىدا تۈگەشسەڭ،توسماس تۈزۈم تۆلەشسۇن. 
 
 مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش 
  |