تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1390|ئىنكاس: 8

لوپنۇرلۇقلار 3500 يىل بۇرۇنلا مېڭە ئوپېراتسىيەسى ئىشلىگەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
1
مۇنبەر پۇلى
5
ئىشەنىچ
1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 13:49:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇرلۇقلار 3500 يىل بۇرۇنلا مېڭە ئوپېراتسىيەسى ئىشلىگەن

بۇندىن 3500 يىللار ئىلگىرى، لوپنۇر ۋادىسىدا ياشايدىغان كرورانلىقلار ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ سۈتنى ئېچىتىپ ئېرىمچىك ياسىغان، كالىنىڭ سۆڭىكىنى قاينىتىپ يىلىم ياسىغان، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مېڭە ئوپېراتسىيەسى ئىشلىگەن.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى، 30-يانۋار شىنجاڭنىڭ 2014 - يىللىق ئارخىلوگىيەلىك بايقاش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى قاتارلىق بىر قانچە تەتىقات ئورنىدىن كەلگەن ئارخىلوگلار كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ئادەم سۆڭەكلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە بايقىغان بىر قىسىم تېپىلمىلارنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، كرورانلىقلارنىڭ 3500 يىل بۇرۇنقى ھايات كارتىنىسىنى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر قىلدى.
بۇندىن 4000-3500 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى لوپنور رايونىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى لوپنور قۇملۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە كىروران خارابىلىكىگە 175 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇب تەرەپتە ئارغان بازىرىغا 36 كىلومېتىر كېلىدۇ.

كرورانلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 33.29 ياش
جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىلوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور جۇخوڭنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، ئۇلار 130 دانە جەسەتنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىىش ئارقىلىق، كرورانلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 33.29 ياش، ئەرلەرنىڭ 33.80 ياش، ئاياللارنىڭ 32.88 ياش دەپ قارىغان. غەربىي شىمالدىن تېپىلغان باشقا قەدىمقى ئىنسانلار تۈركۈمى ئىچىدە بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئىكەن. بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئاران %5.17 بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان.

3500 يىل بۇرۇنقى مېڭە ئوپېراتسىيەسى
تەتقىقاتچىلار باش سۆڭكىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى ئىشلەنگەن بىر نەپەر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، بۇ ئايالنىڭ يېشى 45-40 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، باش قىسمىدا دىئامېتىرى 6 سانتىمېتىر كېلىدىغان تۆشۈك بار ئىكەن، تۆشۈكنىڭ كەسمە يۈزى ناھايىتى سىلىق بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ساقايغانلىقنىڭ ئىزناسى ناھايىتى روشەن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ئايال ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ھايات قالغان، ھەتتا كەم دېگەندىمۇ 1 ئايدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن، دەپ ھۆكۈم قىلىشقان.
بۇندىن بۇرۇنمۇ، شىنجاڭدىن ئاز بولمىغان باش سۆڭىكىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى ئىشلەنگەن قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ئەھۋال ئۈستىدە ئىككى خىل قاراشتا بولغان. بىرى، قەدىمقى ئىنسانلار كېسەل داۋالاش ئۈچۈن بۇ ئوپېراتسىيەنى ئىشلىگەن؛ يەنە بىرى، بۇ ئوپېراتسىيە بەلكىم شۇ دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ دىنى ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرخونلۇق ئوپېراتسىيەسى بولۇشى مۇمكىن. پروفېسسور جۇخوڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايالنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېنىقلا كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن مېڭە ئوپېراتسىيەسى ئىشلەنگەن.


دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئېرىمچىك
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخىلوگى ياڭ يىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن 3600 يىل بۇرۇن ياسالغان ئېرىمچىك بايقالغان بولۇپ، كرورانلىقلار دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن سۈتنى ئېچىتىپ ئېرىمچىك ياساپ ئىچكەن.
ئەلداۋادىن قىستۇرما: بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىلگىرى دۇنيا ئىلىم -پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا «Ancient cheese found with mummies» ماۋزۇلۇق ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.


جۇڭگو بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى يىلىم
ئارخىلوگ ياڭ يىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ھاسىدىن كالا يىلىمى بايقالغان بولۇپ، كالا يىلىمى يار يىلىمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، 3500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە بولغان بۇ يىلىم ھازىرغىچە جۇڭگودا تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى يىلىم ھېسابلىنىدىكەن.

    مەنبە : ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
نۇرئېلى ھېدايەت
تۆھپە
445
مۇنبەر پۇلى
716
ئىشەنىچ
445
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 16:43:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىروران- لوپنۇر قەدىمى مەدەنىيتىگە بەك قىزىقىمەن، مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال بولسىلا تەپسىلى ئوقۇيمەن، زېرىكمەي مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت........

4

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5490

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1549
مۇنبەر پۇلى
3474
ئىشەنىچ
1549
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 21:21:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلەدە بىزنىڭ جەسىدىمىزنىمۇ  تەتقىق  قىلامۇ  دەپ قالدىم،

0

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3660

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
956
مۇنبەر پۇلى
2622
ئىشەنىچ
956
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 13:46:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستچى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 21:21
بىر كۈنلەدە بىزنىڭ جەسىدىمىزنىمۇ  تەتقىق  قىلامۇ  دەپ ق ...

مۇھىت بۇلغۇنۇۋەرسە،تەتقىق قىلغۇدەك سۈڭەك قالمايدۇ.چىرىندە قالىدۇ.تورداش!

5

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3669

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
1168
مۇنبەر پۇلى
2331
ئىشەنىچ
1168
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 19:52:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 19:53  

ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ بۇرۇن مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلغان كىشىنىڭ «شىرخان» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىبەت تارىخ ماتېرىياللىرىدا ساقلىنىپ قالغانلىقى، ئۇ ھەقتە تارىخىي ھۆججەت بارلىقى، بۇنىڭ ھازىر تىبەتتە ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى تەتقىقاتچى چېن شۆشۈننىڭ بىر ماقالىسىدىن بىلگەنىدۈك! خەنزۇچە  西剌汗 دېيىلىدىكەن!

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

804

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
395
مۇنبەر پۇلى
408
ئىشەنىچ
395
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 14:49:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kadimki asar atika kadimki asarlar digandak muxundak timilarni yahturman rahmat

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
897
مۇنبەر پۇلى
1106
ئىشەنىچ
897
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 19:00:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xundakmu  kaltisku ular

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

302

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
78
مۇنبەر پۇلى
224
ئىشەنىچ
78
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-26 10:23:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۇ خىل ھاسلات كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن ئىلگىرى مېڭە ئوپېاتسىيەسى قىلغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن. ئەمدى رەسمىي يوسۇندا ئىسپاتلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ ياخشى بايقاش....

4

تېما

21

ئەگەشكۈچى

3100

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
889
مۇنبەر پۇلى
1814
ئىشەنىچ
889
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 22:20:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار بۇندىن 3500 يىل بۇرۇن مىڭە ئوپراتسىيەسى قىلغان ئىكەن ئۇنداقتا ھازىر مىڭە ئوپراتسىيەسى قىلالايدىغان ئۇيغۇر دوختۇر بارمۇ ؟    بولسا قانچىسى بار؟        كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى بولسا كېيىنكىسى !  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:03, Processed in 0.120342 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش