بىر توپ قىزلار ياشار كۆيۈمدە قەدىردىن باۋۇدۇن
بىر توپ قىزلار كەلدى پۇررىدە، سۆيدى شامال مېنى غۇررىدە، مەن كۆيگەندەك بولدۇم گۇررىدە، مىنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
زەپ يېقىملىق ۋىچىرلاشلىرى، ھىلال ئاينىڭ ئۇزى قاشلىرى، ئالار جاننى شوخ قاراشلارى، مىنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
باردەك ماڭا تاتلىق گەپلىرى، گۈل بەرگىدەك يۇمران لەۋلىرى، ئەتلەس ئىچرە تىترەر تەنلىرى، مىنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
كىمگە ئاتاي ئوقيا ساداقنى، تېرىپ قويماي دەيمەن چاتاقنى، تېپىۋالماي دەردۇ پىراقنى، مىنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
كەلمىسە گەر ئۇلار كۆڭۈلگە، مەن ئوزۇمنى قويسام مەيلگە، بىرسى بىلەن كەتسەم سەيلىگە، مىنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
بىر توپ قىزلار كەتتى پۇررىدە، ھويلام بۇلۇپ قالدى جىممىدە، بىر توپ قىزلار ياشار كۆيۈمدە، مېنىڭ يايرىم بەلكىم ئىچىدە.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۇنى |