ساۋاقداشلىرىم ئازادجان ئىبراھىم (1984-يىلى ئىلى 2-دارىل مۇئەللىمىنلەر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىمغا بېغىشلايمەن) 1-قىسىم
كەلگەن ئىدۇق ئوقۇشقا ئوزاقى يىل، ئۆتكەن ئىدۇق ئاجايىپ ئېناق ئېجىل. سانى ئىككى مىللەتنىڭ، نىشانى بىر ، قىز، ئوغۇل ساۋاقداشلار بەكمۇ سەرخىل.
بىزنىڭ كەلگەن يېرىمىز شەرقى ناھىيە، ئەڭ بېشىدا نىلقا ھەم كۈنەس ناھىيە. مېڭىپ كەلسەك كۈنەستىن توققۇزتارا، باردۇر يەنە غەرىپتە تېكەس ناھىيە.
بالىلارنىڭ سانى كۆپ غۇلجا ناھىيە، ھەممىدىن ئۇ شەھەرگە يېقىن ناھىيە. بالىسى ئاز بولغىنى توققۇزتارا، غەرىپتىكى تېكەسكە قوشنا ناھىيە.
ئا.ھىزوللا ئاقساقال يىتىمچىدۇر، سىنىپتىكى ئىشلاردا ئەقىلچىدۇر. قانات ماتاي ئۇ يالغۇز بىرلا قازاق، ھەممىمىزگە شۇڭا ئۇ يېقىنچىدۇر.
مۈتەللىپ ،مۇساجاننىڭ مىجەزى بىر، بولىدۇ ھەممە ئىشتا ئىككىسى بىر. جۇغى كىچىك تالىپجان بەك تىرىشچان، شۇلار بىلەن ئۇنىڭمۇ ئارزۇسى بىر.
ئابدىرىشىت ،رەخىمجانلار بەكمۇ يۇۋاش، ئابدۇۋەلى ،ئابدۇ غېنى بەكمۇ سولاش، ئابلىكىم سى كېچىدە جۆلىيدىكەن، پەرىز تۇتۇپ يۇردى ئۇ ئىچمەي ئوماچ.
تىلىۋالدى شاۋكەتلەر ئايرىلمايدۇ، بىر ئىشلارغا ئالدىراپ قايغۇرمايدۇ. مەمەتجان ئە سورۇندا ئۇخلاپ قېلىپ، بېشىدا داپ چالسىمۇ ئويغانمايدۇ.
ئۆزى چاققان سۇلتان ئۇ شوخ كۈنەسلىك، قاخار بىلەن يارمەمەت جۈپ تېكەسلىك . ئېغىر بېسىق تۇرغۇنتاش سالاپەتلىك، كۆپلەپ كەلدى قېيىمغا كىلىشمەسلىك.
چاقچاق خۇمۇر ۋارىسجان بەكمۇ قارام، چاقچاق قىلىپ دەيدۇ ئۇ تالىپ بالام. مۇھەممەتجان ساۋۇت ئۇ ئىچىۋېلىپ، ياتىقىدا ئۇخلايدۇ ئېلىپ ئارام.
بىر ئاق كۆڭۈل مىھرايمۇتۈزلا كەتكەن ، بۇ دۇنيادا مىرادىغا كىملەر يەتكەن. سادەتبۇ پەرىدەملەر غەم يىمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاۋام بىلەن ئېناق ئۆتكەن.
كۆرىنىشتە ئارزىگۈل بەكمۇ ساددا، چۈشۈنىشلىك بۇ ئىشلار كۆپكە ياددا. ئاسىيەمۇ بەك نازۇك گېپى جانلىق، دەرىسلەرنى سۆزلەيدۇ ئېلىپ ياددا .
كۆپ ئىشلارغا مىھرى قىز ئارلاشمايدۇ، كۆپ دەرىسكە سەمەت ئۇ قاتناشمايدۇ. رامىلەم،خالىدەملەر بەكمۇ ئېناق، بىر-بىرىنى زادىلا تاشلاشمايدۇ.
رىزىۋانگۈل،ئىمھانەم جېلىل يۈزلۈك، يۈرىشلىرى ئۇلارنىڭ بەك كۆڭۈللۈك. بەكرەمجان ،تۇرسۇنلارنىڭ سۆيگىنىدۇر، جور بولۇشتى ئايرىلماس بىر ئۆمۈرلۈك.
قوش گېىزەكتەك زۆھرىنسا ۋە گۈلنىسا، ئۆتەر ھايات مەنىسىز جۆر بولمىسا. مۇزلايدۇ مۇھاببەتسىز تەنھا بەدەن، مۇزلىغاندەك سىنىپلارمۇ پار بولمىسا.
كۈلۈپ تۇرغان گۆھەربۈ خۇددى باھار، مۇھەممەتجان ھەركۈنى ساڭا باقار. بىر-بىرىگە شۇ قەدەر ساداقەتمەن، ھامان بىر كۈن ئىككىسى بەخىت تاپار.
ساۋاقدىشىم ئۇزۇن چاچ ئۇ سۈرىيە، ئالتۇندەك ساۋاقدىشىم ئۇ رازىيە. ياشاش ئۈچۈن كېرەكتۇر سالامەتلىك، ئاغرىساڭلا داۋالان كۆپ دورا يە.
قېيىم بىلەن گۈل ئاغچا توي قىلىپتۇ، ئىككى يەردىن تۇرالغۇ ئۆي قىلىپتۇ. بۇرۇندىنلا بۇئىككىسى ئاشىق ئىدى، ئۆزلىرىنى ئاخىرى خوش قىلىپتۇ.
پۇتۇپ قالدى ئوقۇشمۇ ساۋاقداشلار ، بىر مەقسەتتە جەم بولغان تەلەپداشلار. يىللار بىلەن ھەممىمىز قېرىپ كېتىمىز، كېتەر ھامان ئاقىرىپ قارا چاچلار.
مۇشۇ يەردە شېئىرنى قىلاي تامام ، ساۋاقداشلارھەرجايدا بولسۇن ئامان. بولۇپ كەتتۇق بىر تۇققان قېرىنداشتەك ، ساۋاقداشنى ئۇنتىغان بەكمۇ يامان. 1984-يىلى 6-ئاي غۇلجا -2015-يىلى 11-فېۋرال كۈنەس |