تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 5

مەخەت ئابدۇرېھىم:ئۆلۈم ۋە ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1475

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
750
مۇنبەر پۇلى
697
ئىشەنىچ
750
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 00:17:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۆلۈم ۋە ھايات         

  مەخەت ئابدۇرېھىم

ئۆلۈرمىز ئاقىبەت بىر كۈن بۇنىڭدىن بىز قاچالمايمىز،
ئېشىپ كەتسەكمۇ لوقماندىن ئاڭا چارە تاپالمايمىز.


ئۆلۈم ۋەھىمە، ئۆلۈم جاللات،ئۇنىڭدىن قايغۇرار ھەممە،
خېرىدار ئىزدىسەڭ بەلكىم ئۇنى نېسى ساتالمايمىز.


ھايات قىممەت ،ھايات تاتلىق بىراق ئۇنىڭ چىكى باردۇر،
كېتىپ قالسا ئەگەر قولدىن، بىرىپ ئالتۇن ئالالمايمىز.


ئەگەر مەرگەن دېسەك تەننى، ئۆمۈر مىلتىق، ۋاقىت ئوقتۇر.
ئۇلارسىز يوق جاھاندا بىز ، ئۇلارسىز     ئوۋ      قىلالمايمىز .


جاھانغا شۇ سىياق كەلدۇق بۇنىڭغا ھەممىمىز قايىل،
ھايات قەدىرىنى بىلسەكلا تېخى مەڭگۈ ياشالايمىز.


قېنى كىم ياشىدى مەڭگۈ ؟ دىگەن سۇئال سورالسا گەر،
ئېچىپ تارىخنى ۋاراقلاپ دەلىل-ئىسپات تاپالايمىز.


بوۋام مەھمۇد، فارابىدەك ئىجادكارلار مىسال بىزگە،
بۈيۈك ئىلھام بولۇر بەرھەق ، شۇڭا مەغرۇر ياشالايمىز.


ياشايلى ئەي ئېزىز دوستلار، ئىجاد-ئەمگەكنى يار ئەيلەپ،
ئۇنىڭ بىلەن گۆھەر قازساق شۇچاغ ئۆلمەس بولالايمىز.         


ئاپتۇرى: مەخەت ئابدۇرېھىم

باھا سۆز

kurbanjan0991 بەك ياخشى يېزىلىپتۇ! مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭلار  يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 12:12

13

تېما

0

ئەگەشكۈچى

861

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
191
مۇنبەر پۇلى
579
ئىشەنىچ
191
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 15:41:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەرگەن دېسەك تەننى، ئۆمۈر مىلتىق، ۋاقىت ئوقتۇر.
ئۇلارسىز يوق جاھاندا بىز ، ئۇلارسىز     ئوۋ      قىلالمايمىز .


بەك ياخشى چىقىپتۇ، ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم...

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
893
مۇنبەر پۇلى
873
ئىشەنىچ
893
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 21:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولىنىپ تۇرسىمۇ بايلىق ئەجەلنى ھىچ توسالمىدى ،
كىيسىمۇ  شاھانە  تون  كىپەنگە  تەڭ  بولالمىدى .
ھوزورى سۇرگىنى قايدا يامانلىق بەرمىدى پايدا ،
سىلىپ خان سارايلانى ئىلىپ گورگە كىتەلمىدى  .

                                                  ياخشى يىزىپلا مەخەت مۇئەللىم ئولۇمنى ياد ئىتىپ تۇرغۇلۇق               

8

تېما

8

ئەگەشكۈچى

3814

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئايشەم سادىر
تۆھپە
2489
مۇنبەر پۇلى
1564
ئىشەنىچ
2489
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 16:58:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھايات قىممەت ،ھايات تاتلىق بىراق ئۇنىڭ چىكى باردۇر،
كېتىپ قالسا ئەگەر قولدىن، بىرىپ ئالتۇن ئالالمايمىز.
........

قېنى كىم ياشىدى مەڭگۈ ؟ دىگەن سۇئال سورالسا گەر،
ئېچىپ تارىخنى ۋاراقلاپ دەلىل-ئىسپات تاپالايمىز.
راست بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇڭ

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

27

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
5
مۇنبەر پۇلى
19
ئىشەنىچ
5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 17:06:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتكا ، سىزنى بۇ مۇنبەردە ئۇچراتقىنىمدىن خۇشال بولدۇم ،  تۇمارىس بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولغانتى ، سىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم .

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1250

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
نۇرئېلى ھېدايەت
تۆھپە
445
مۇنبەر پۇلى
716
ئىشەنىچ
445
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 12:25:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ بەك يارىدى، مەخەت مۇئەللىم... مۇنبەرگە يوللىغان ئېسىل تىمىللىرىڭىزغا رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 01:41, Processed in 0.106135 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش