جەمىئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر پىيادە مېڭىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئورنىغا ماشىنىغا ئولتۇرىدىغان بولدى. دېمەك، قاتناش قوراللىرىنىڭ ھەسىىىلەپ كۆپيىشىى كىشلەرنى ھۇرۇنلۇق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئادەم ھەرىكەتكە موھتاج، ھەرىكەت بولىمىسا، ھاياتلىقىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق ھەرىكەتكە باغلىق دېگەن سۆزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەققەت ئىكەنلىكىنى كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشىنىپ يەتكەن بولسمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئورۇندايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ھەرىكەت قېرىشنى ئاستىلىتىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئادەتتە ھەرىكىتى ئازراق كىشىلەر كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشىى كېرەك. ھەرىكەت ئاز بولسا ئۆمۈرمۈ قىسقا بولىدۇ. پىيادە يول مېڭىشىمۇ ئەڭ ئوڭاي، ئەڭ ئاددىي بولغان بىر خىل چېنقىش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل ئەر_ئايال، ياش _قېرىلارغا ئوخشاشلا باب كېلىدۇ. سىز پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا ماشىنىغا ئاز ئولتۇرۇپ، كۆپرەك پىيادە مېڭىشىقا ئادەتلەنسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زور دەرىجىدە پايدا يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئىش ئورنىڭىز يېقىن بولسا، ئىككى _ئۈچ بېكەت ئارىلىقىتا پىيادە بېرىپ، لېفىتىكە چۈشمەي بىناغا مېڭىپ چىقىش كېرەك. بۇمۇ ئوبدان ھەرىكەت ۋە يول مېڭىش ھېسابىلىنىدۇ. ھەركۈنى سەككىز مىڭ قەدەمدىن ئون مىڭ قەدەمچە پىيادە مېڭىشىنى داۋاملاشتۇرالسىىڭىز، سىز ئەڭ ياخشى بەدەن چېنقىتۇرغان بولسىز. كىشلەر بۇنڭىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. پۇت ئىككىنىچى يۈرەك دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتنى ئاسراش ئۈچۈن ھەمشە ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇ يەردە مېڭىپ چېنىقىشىنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
1 .كەچلىك تاماقتىن كېىيىن ئاز دېگەندە 100 قەدەم مېڭىڭ. مېڭىش سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسۇن. بۇ خىل مېڭىش سىزنىڭ يېگەن تاماقلىرىڭىزنىڭ ھەزىم بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزمىڭىز چېنقىشىقا ئېرىشەلەيدۇ. سىز مېڭىش جەريانىدا تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىسىز، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىڭىز ئازادە، كەيپىياتىڭىز خۇش بولىدۇ. بۇ ھال قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. 2 .ئالدى بىلەن پىيادە مېڭىپ، ئاندىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇڭ. ئەڭ ياخشىسىىى ئەتىگەندە ئىشىقا ماڭغاندا بىر_ئىككى بېكەت تېزرەك پىيادە يول ماڭغاندىن كېىيىن ئاندىن ماشىنىغا ئولتۇرۇڭ ياكى ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ 20_30 مىنۇت پىيادە مېڭىپ چېنىقىپ ئاندىن خىزمەتكە بېرىڭ. بۇ ھال مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايىلىنىشىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزمنى تېخىمۇ ياخشى ماددا ئالمىشىش ئىمكانيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
3.ھېيت _بايرام كۈنلىرى پۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ياكى دوست_ئاغىنىلىرىڭىىز بىلەن پىيادە مېڭىپ ھېيتىلاڭ ياكى سەيلە قىلىڭ. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ھېيت_بايرام كۈنلىرىڭىزىدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەزمۇننى بېيتىپىلا قالماستىن بەلكى قەلىبىڭىزنى شاد_خۇراملىققا چۆمدۈرىدۇ. بۇ ھال ئالاقزادىلىك، يۈرەك سېلىشىلارنى ئازايتىپ، ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆڭۈل خۇشاللىقىنى ئىلىگىرى سۈرىدۇ. 4 .تاغقا چىقىڭ. تاغقا چىقىشىمۇ بەدەننى چېنقىتۇرۇپ، سالامەتلىكىنى ئاسراشىنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇ ھال يۈرەك ئىقىتىدارىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىدۇ.
5 .بازارغا بىرنەرسە ئېلىشىقا چىقىماقچى بولسىڭىز، ماڭىدىغان يولىڭىز ئىككى_ئۈچ بېكەتتىن ئاشىمىسا، ئامال قىلىپ پىيادە مېڭىڭ، بۇنداق قىلىسىىڭىز نىتروگلسېترىن ۋە خولسېتېرىننىڭ مۇۋاپىق توپلىنىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئازايتىدۇ. قان شېكىرىنى ۋە قان شېكرىنىڭ نىتروگلىستېرىنىگە ئايلىنىش پۇرستىنى ئازايتىدۇ ھەم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلىمىسىىى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ. 6 .پىيادە يول ماڭغاندا بەدەندىكى ماينى ئازايتىدۇ. قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 7 .پىيادە يول مېڭىپ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراشىنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆپ خىىللاشتۇرۇڭ. ھەركىم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە چېنىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن پىيادە يول مېڭىشىنى ئاساس قىلىپ چېنىقىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى كۆپەيتىش كېرەك.
|