بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yalkaw تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 15:10
شىئېرلار
تۇردى ئىسرائىل
ھەشەمەتتە ھەسىرەت جىق ئىكەن (ساتىرا)
تونۇشقانتىم بىر پەرى بىلەن، تاشقىنىدا يىگىتلىك تاقەت. ئامەت قاچسا ئوغۇل بالىدىن، ئۇچىرايدىكەن تۈز يولدا ئاپەت. كالتە چاپان بولساممۇ ئەسلى، تىتىرەپ يۈرگەن تۆشۈم ئېچىلىپ. پۇلسىز مۈشۈك ئامىراقتەك بەزگە ، يۈرۈپتىمەن ئايغا ئېسىلىپ. راست گەپ ئىكەن :"قۇل ئاتقا مىنسە، چىقمايدىغان دۆڭى يوق''دېگەن. ھەشەمەدكە ھېرىس بوپ ئاخىر، مەن بوپتىمەن دۆڭدە ئوق يېگەن. "باي''نىڭ قىزى لېۋەن مەلىكە، قۇل-مەھلىيا قىلدى مېنىمۇ. باشتا ماختاپ "تۇلپارىم!''دېدى، ئاخىرىدا مېندى مېنىمۇ. تەۋەككۈلگە ئات سالدىم "چۇھ !''دەپ، باشلىۋەتتىم تويغا تەرەددۇت. قۇرقماي ئالدىم قەرزنى ئەلدىن ، قەرز پۇل دېگەن بولسىمۇ بىر ئوت. تەبىرىكلىشىپ كەلدى دۇستلىرىم، تويدىن ئاۋۋال چېلىندى دۇمباق. چىللاپ تۇرغان بىر خوراز بولدۇم، چىققان جايىم ئېگىز بىر قونداق. يەرنى ئالدىم ،ئۆينىمۇ سالدىم، تويدىن ئاۋۋال تەل بولدى ماكان. ئۈستىۋاشقا كۆمۈلدى "پەرى''، ئۆز ئۇچامدا ئەمما يوق چاپان. ئۆتكۈزۈلدى كاتتا مەرىكە ، ھاڭ-تاڭ قالدى پۈتۈن بىر شەھەر. گۇگۇمغىچە ئىچىلدى ھاراق، ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ سەھەر. ئىككىمىزگە راسلىنىپ تازا، ئەڭ ئالدىنقى پىكاپتىن ئورۇن. ئوتتۇز پىكاپ ئايلاندى كوچا، كۆرمىگەندەك شەھەرنى بۇرۇن. بېشى تاتلىق ،ئاخىرى ئاچچىق ، بولدى ئەپسۇس بۇ شېرىن توينىڭ . ئىشەنمىدىم ،ئۇقۇپ سانىنى ، ئىچكەن ھاراق،سويۇلغان قوينىڭ. "تەزىم''لارغا كېتىپتۇ تۈمەن، ئاز بولماپتۇ نىكاھ ھەققىمۇ. بىلىپ قالدىم دەردىم ئىچىمدە، ئېغىز ئېچىپ بولماس خەققىمۇ. "شېرىن ئاي''لار ئۆتتى قايغۇدا، قەرز ئويلاپ قالدىم گاڭگىراپ. بولۇپ قالدىم ئاختا ئاتلاردەك، يولدا ماڭسام بېشىم ساڭگىلاپ. ئىلغىماي يەپ ،تويۇپ كېكىرىپ، ھەشەم يۈرەر دۇنيادىن غەمسىز. ئۇ ئېگىز شاخ كويىدا يۈرسە، دەردلىرىمدىن غەم يەيدۇ دەمسىز؟! غەيرەت قىلاي دېسەم غەملەرگە، غەم ئۇلغۇيۇپ جېدەلنى تۇغدى. سۈپۈرگىچى ئىكەن ئەۋلادى، پۇلى بارلار گېلىمنى بوغدى. بىرى كەلدى توۋلاپ سەھەردە، كەچتە بىرى سۆرەر تالاغا. ھەشەملەرنىڭ پەرۋايى پەلەك، تىقىپ قويۇپ مېنى بالاغا. بانكا كەلدى ،ئۆلچىدى ئۆينى، سود تۇتۇۋالماق بولدى قەرزگە. ئۆزۈم تۇرسام تەرگەن بالانى، قولۇم بارسۇن قانداق ئەرزگە ؟ ۋېچىركىدا نەچچە يۈز قۇشقاچ، ۋېچىرلىسا:دۇستلىرىڭ بىز !دەپ. تۆكگەنلىرىم ئازمۇ ئۇلارغا، كەلگىنى يوق بىرىمۇ ئىزلەپ. ھەشەمەدكە "ھە-ھۇ!''دېگەنلەر، بەدەر قاچتى جىندىن قاچقاندەك. سورۇندىكى ساقىيلار قېنى ؟ قىچىپ يۈرەر خۇددى چاشقاندەك. بىلىپ يەتتىم ئەللەر ئېيتقاندەك، ھەشەمەدتە ھەسىرەت جىق ئىكەن. قەرزنىڭمۇ ئۆسۈمى بىللە، بىرى بېگىز ،بىرى مىق ئىكەن. ئۆلۈۋالماق بولدۇم بىر كۈنى، جاندىن كېچىپ،ئۆزۈمنى ئېسىپ. قوتۇلدۇرۇپ ئالدى نەئېتەي، ئۆسۈمخورلار ئارقاننى كېسىپ. يائۆلمۈدۈم ۋە ياكى تېرىك، ئەجەل كەلمەس دېرىزەم قېقىپ. ئەي خالايىق بىلىپ بىلىپ قېلىڭلار، پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ!! رېستوران (ساتىرا) ھەمياندىكى ئاقچىنى بولاپ كەتتىڭ رېستوران، بىزلەر ئۇرۇق،سەن سېمىز ،يايراپ كەتتىڭ رېستوران. ھەشەملەرنىڭ جىلۋىسى جۇلالايدۇ چېھرىڭدە، ئابىرۇي ،ئادەت بىزگە جان ،قايناپ كەتتىڭ رېستوران. قان يۇتساقمۇ دىللاردا ،قىزىل گۈلدەك كۈلىمىز، غېرىپلىقنى كۈلكىدە بۇياپ كەتتىڭ رېستوران. ئەسلى تەبىئىي ياشىغان ،ساپ دىل ئاۋام ئىدۇق بىز، بۇياپ چىنلىقنى ھەشەمدە ،يالماپ كەتتىڭ رېستوران. سەن گۇياكى چىرايلىق كۆرۈنگۈچى بىر تېمساخ ، قېنىمىزنى شەپىسىز شۇراپ كەتتىڭ رېستوران. ئادەتلەرنىڭ كۈچىدىن تېرىك موردا ھالىمىز، قايتا-قايتا بىزلەرنى چىللاپ كەتتىڭ رېستوران. ياساۋۇلدەك تۇرۇشۇپ ئۆشىرە ئالغان جانابلار ، بارچە سورۇن ئەھلىگە قاراپ كەتتىڭ رېستوران. ئەڭ يېقىملىق مۇزىكا –تەڭگىلەرنىڭ تىۋېشى ، تەڭكەش بولۇپ سەن ئاڭا ،سايراپ كەتتىڭ رېستوران. ھۇجۇم قىلدۇق سەپ تارتىپ ،ھەشەملەرنىڭ شەھرىگە، يېيىش-ئويناش ئەۋجىدە ،ياشناپ كەتتىڭ رېستوران. سېنى دائىم قارغاپمۇ، يەنە خۇشال كېلىمىز، ئەڭ جەلىبكار سەتەڭدەك ،چاقناپ كەتتىڭ رېستوران. ئەرلەر تۈگۈل ئاياللار قىلدى سېنى ئۇۋىسى، ھەتتا ئۆسمۈر –بۇغۇنغا شاخلاپ كەتتىڭ رېستوران. سەن بولمايمۇ تارىختا ،توي ،مەشىرەپلەر قىزىغان، نورمال ئۈدۈم -ئادەتتىن ئاتلاپ كەتتىڭ رېستوران. بىر كېچىدە تۈگەيدۇ بىر ئۆمۈرلۈك قان –بەدەل، روھىمىزغا كېسەلدەك ئورناپ كەتتىڭ رېستوران. نادانلىقنىڭ دېپىغا ئويناپ كەلگەچ بىز ئۇسۇل، ئەقلىمىزنى تۇيدۇرماي جايلاپ كەتتىڭ رېستوران. قاچان بىزلەر قايتارمىز تەبىئىي، نورمال ياششقا ، روھىمىزنى چىرىشكە باغلاپ كەتتىڭ رېستوران. بىزلەر تېخى غورىگۈل ،ھەشەم قىلىش بىر ئاپەت، ھالىمىزدىن قەۋەتلا ئۇزاپ كەتتىڭ رېستوران. ئىناقلىق كۈيلىرى ئىناقلىقتۇر ئەنگۈشتەر ،مۇقىملىقتۇر چىن قاياش. ئىتتىپاقلىق ئاۋامغا چاچقۇ چاچقان زەر قۇياش . ئىناقىلىقتا ساپ ھاۋا،موقىملىقتىن قىپ ناۋا ، قولنى تۇتۇشۇپ قولغا ، ھەر مىللەت بولۇپ سەبداش. ئۈم-ئىناقلىق،مۇقىملىق غالىبلىقنىڭ سەركىسى. تەلپۈنەيلى ۋېسالغا بىر ياقىدىن چىقىرىپ باش. تىل ئوخشىماس ،دىللار بىر ،(ئانىمىز بىر سۈت بەرگەن ) داۋانلاردا بىز يەڭلىغ،ئۈم-ئىناقلىق سۇنغاچ ئاش. سەپەر مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن ،خىلۋەتلەردە بار قۇزغۇن، ئىناق بولۇپ جۇدلارغا ئوت ئاچايلى ئېتىپ تاش. ئىناقلىقتۇر زەر قۇياش ،سەپەرلەردە ئۇ ماياك ، ئۈملۈك مەڭگۇ بىزگە يار،ھەممە بولغاچ قەلبداش. 2 ھاياد گۇيا بىر جەڭگاھ ،تۈز يولى ،داۋانى بار ، بېلى بوش ماڭغۇرتلارغا قار-يامغۇر ،خازانى بار. ھاياد دېگەن بىر غەلۋىر،شاللايدۇ سامان- داننى، تەر تۈككەن مەرد ئوغلانغا چىن مېھرى ،باھارى بار. رىقاباتلىك بۇ ھاياد ،خىرىسلارغا قوش گىزەك، گۈل سۇنسا ئىشچانلارغا،خورەككە ئايازى بار. ئەجىر قىلغان ئوغلاننىڭ ناخشىسىمۇ يېقىملىق ، جەراستاندا گۈل تاقاپ،پەرھادتەك قاتارى بار. ئەجىر قىلىپ ئاچقاچ يول، ھاللىنىشقا سالدۇق ئۇل، بۇ جەننەت ھوزۇرىنى كۈيلەشكە ساتارى بار.
|