تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 4611|ئىنكاس: 7

تۇرمۇش ئىنساننىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىگە مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
31
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:29:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋاگۈل روزى

ئافغانىستانلىق پۇشتۇ مىللىتىدىن بولغان تەنقىدى رىئالىرىم يازغۇچىسى گۈل پاچا ئورفننىڭ « تۇرمۇش » دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق قۇرلار ئۇچىرايدۇ : « ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان سايماندا » تۇرمۇش ئەنە شۇ سۇغا ئوخشايدۇ. بەزىدە ئېقىن كەبى ئېقىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ، بەزىدە توختام سۇدەك غايىب بولۇپ كىتىدۇ. تۇرمۇش ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش، پەقەت ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيە، يەنى سايمان ( قورال ) ئوخشىمىغاچقا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش شەكلى ۋە مەزمۇنى شەكىللەنگەن. تۇرمۇش راھەت بولۇپ كەتسە، ئادەمنى ئاسانلا چىرىتىۋېتىدۇ؛ بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە ئادەمنى بەزدۈرۋېتىدۇ. تۇرمۇش ئەنە شۇ ھوزۇرلىنىش بىلەن مەسئولىيەتنىڭ مۇۋازىنىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئەھمىيىتىنى تاپىدۇ.
تۇرمۇش پوزىتسىيىڭىزگە بىقىپ ئۆزگىرىدۇ. سىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ۋايسىمىسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە ۋايسىمايدۇ، قاپىقىڭىزنى قانچە تۈرگەنسىرى ئۇمۇ سىزگە شۇنچە سۆرۈن تەلەتلىشىپ كېتىدۇ. تۇرمۇشتىكى، جۈملىدىن ھاياتتىكى ھەربىر نەرسىگە چىن مۇھەببەت بىلەن قاراش كېرەك. گەرچە پۇل باي – كەمبەغەللىكنىڭ ماددى پەرقى ( ئۆلچىمى ) بولغىنى بىلەن، بەخت بىلەن بەىـسىزلىكنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بولالمايدۇ. بىر پۇلدار بىر ئۆمۈر تەشۋېش، ئەنسىزچىلىكتە ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن؛ بىر نامرات ئەكسىچە روزىغارىغا شۈكرى قىلىپ، شۇنىڭدىن خۇشاللىق قانائەت تىپىپ، شات – خۇرام ياشاپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە، ئارتۇقچە ئوي – پىكىر، غەملەرنى ئاللىقاياقلارغا چۆرۈۋېتىپ، تېگىشلىك تەئەللۇقاتلىرىدىن يەتكۈچە ھوزۇرلىنىشنى بىلىشتۇر. بەزى ئادەملەر ئەتراپىدىكى كىچىككىنە نەرسىلەردىنمۇ زۇقلىنىشنى، لەززەتلىنىشنى بىلىدۇ، خۇشاللىق تاپىدۇ؛ يەنە بەزىلەر ھەر قانچە چوڭ نەرسىلەردىنمۇ زوق، ھوزۇر ئالالمايدۇ، خۇشاللىق تاپالمايدۇ. بىراۋنىڭ توققۇزى تەل بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمىسە، ئۇ يەنىلا بىچارىدۇر. بەزىلەر بىر ئۆمۈر يوقىرىغا يامىشىشنىڭ، پۇل تىپىشنىڭ ۋەسۋەسىدە ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي، ئارمان بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئازغىنە نەرسىلەردىنمۇ ئالەمچە خۇشاللىق تېپىپ، خاتىرىجەم ياشاپ كېتەلەيدۇ. قانائەتسىزلىكنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بار : بىرى، ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە، ئىزدىنىش ۋە ئىنتىلىشلىرىگە سەۋەبكار؛ يەنە بىر، ئۇ غەم – غۇسسە، ناتوغرا رىقابەت، ھەتتا كېسەللىكنىڭ مەنبەسىدۇر.
تۇرمۇش بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن باقسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە پۇراقلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى پەرۋىش قىلىشقا، سۇغىرىپ، ئوغۇتلاشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا ئۇ قۇرۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ياشنىتىدىغىنى، گۈللەندۈرىدىغىنى، كۈلۈمسىرەتكۈزىدىغىنى ت\يەنىلا سىزنىڭ سەمىمىي، مۇھەببەتلىك قەلب ئېتىزىڭىز. تۇرمۇش بەئەينى بىر ساز، ئۇنى سىز قانچىلىك تەڭشەپ چالالىسىڭىز، ئۇ سىزگە شۇنچىلىك مۇڭ ئاتا قىلالايدۇ. تۇرمۇش ھوزۇرلىنىشنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بەئەينى بىر جەننەت، بىلمىگەنلەر ئۈچۈن بەئەينى دوزاخ، ئۇ بىر چەكسىز ھوزۇرلىنىش جەريانىدۇر. شۇڭا، ھوزۇرلىنىش تامامەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش.
ئادەم رىئاللىقتىكى تەييار نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ھوزۇرلىنىدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتالايدىغان بولۇشى كېرەك. تۇرمۇش ئەنە شۇ يارىتىش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەييەن بەدەل تۆلەشكە، توختىماي ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. جاپا چىكىشمۇ بىر تۈرلۈك راھەت بولۇپ، ئۇ ئادەمنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن تاۋلاپ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار قارايدىغان قىلىدۇ. ئادەم بۇ جەرياندا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇنى بەھرە ئېلىشنىڭ، ھوزۇرلىنىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. « جاپانىڭ تىگى راھەت » دېگەن ئەنە شۇ. تەييار راھەتكە قارىغاندا، ئۆزى تەر تۆكۈپ، ئەجىر قىلىپ ياراتقان راھەت تېخىمۇ تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدىكى قەدىرلەش سېزىك بولغان بولىدۇ. دۇنيادا مەسئولىيەتسىز كۆيۈم، مەسھئولىيەتسىز مۇھەببەت، قىسقىسى، مەسئولىيەتسىز ئىش – ھەرىكەت تامامەن مەغلوبىيەتلىك ئۇرۇنۇشتۇر، خالاس. يارالمىشنىڭ ئۆزى بىر مەسئولىيەتلىك جەريان بولۇپ، تۇرمۇشمۇ مەسئولىيەتلىك ھوزۇرلىنىشتۇر. تۇرمۇشتىكى پاجىئە، ئەپسۇسلىنىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنە شۇ مەسئولىيەتنى تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان.
شۇنداق، تۇرمۇش مەسئولىيەت بىلەن ھوزۇرلىنىشنىڭ بىرلىكى. ئۇ ئالدى بىلەن مەسئولىيەت، ئاندىن ھوزۇرلىنىش، ئاندىن كېيىن يەنە مەسئولىيەت. مەسئولىيەتسىز ھوزۇرلىنىش بىردەملىك ياكى چاكىنىلىق، ئەكسىچە مەسئولىيەتلىك ھوزۇرلىنىش مەڭگۈلۈك ياكى ئالىيجانابلىق. توغرا، «پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ». مەسئولىيەت بىلەن ھوزۇرلىنىش تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەنىڭ ئىككى قانىتى. مەسئولىيەتسىز ئادەم ئۆز نۆۋېتىدە ھوزۇرلىنىشنىمۇ بىلمەيدۇ، ھوزۇرلىنىشنى بىلمىگەن ئادەم مەسئولىيەت تۈگۈل، بەختنىڭ نېمىلىكىنىمۇ ھېس قىلالماي، تىت – تىتلىقتا ئۆتۈك كېتىدۇ. شۇڭا تۇرمۇش ئۆزىنى چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن مېھرى ئىللىق ماكان، ئۆزىنى چۈشەنمىگۈچىلەر ئۈچۈن تەلەتى سۆرۈن مۇز چىراي. دېمەككى، تۇرمۇش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىگە مۇھتاج. چۈشىنىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەھنىسىدىكى تەقسىر – قىسمەتلىرىمۇ ھەر خىل بولغان.
مەنبە : تۇرمۇش مۇنبىرى
[url=http://turmux.net/forum.php?mod=viewthread&tid=243][color=blue]
[size=5]«

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 12:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھممىيەتلىك تېمىكەن ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ ھەقىقەتنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئېسىل دۇردانىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

22

تېما

5

دوست

3269

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
1258
مۇنبەر پۇلى
1947
ئىشەنىچ
1258
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 19:10:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك مەزمۇنلۇق تىما ئىكەن  مۇبارەك بولسۇن

2

تېما

6

دوست

422

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
87
مۇنبەر پۇلى
298
ئىشەنىچ
87
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 21:52:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلاركەن ، تۇرمۇش توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىكەن . ھارمىغايسىز .

0

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
223
مۇنبەر پۇلى
230
ئىشەنىچ
223
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى مەزمۇنلاركەن كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم، ھارمىغايسىز تېمىڭىزغا رەھمەت.

0

تېما

1

دوست

182

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
79
مۇنبەر پۇلى
106
ئىشەنىچ
79
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 16:08:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bak yahxi temikan

21

تېما

5

دوست

1640

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
386
مۇنبەر پۇلى
982
ئىشەنىچ
386
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 17:37:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم سەمەت دۇگايلى ئەپەندىنىڭ مىيىت نامىزىغا تەكلىپ!

مەرھۇم سەمەت دۇگايلي ئەپەندىنىڭ مىيىت نامىزى ئەتە يەنى 3-ئاينىڭ 16-كۇنى قەشقەر يىڭىشەھەر ناھيە بازىرىدىكى دەرۋازا ئالدى چوڭ مەسچىدىدە پىشىن نامىزىدا چۈشۈرلمەكچى، ۋاقىپ بولۇش بىلەن تۇنۇش - بىلىشلەرگە خەۋەر قىلىپ قۇيشىڭلارنى سۇرايمىز .سەمەت دۇگايلىنىڭ قورۇ جايى ناھيە بازىرى كونا بازار دوقمىشىدا، يەنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانا يولى ئۇستىدە.

ھورمەت بىلەن:

سابىرجان سىيىت ،تۇرسۇن ياسىن

3

تېما

10

دوست

1190

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
822
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-17 00:37:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xundak..yahxika
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:22, Processed in 0.140770 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش