شائىر يىغلايدۇ
ئۈن-تىنسىزئەتراپقاسالغاندانەزەر،
باغلاردابۇلبۇل ۋە كاككۇك سايرايدۇ.
پارتىلار يۈرەكلەر ئىچىدن ۋولقان،
ئەلەملەر ئېلكىدە شائىر يىغلايدۇ .
بەزىلەر كىچىسى بەزمە ئوينايدۇ ،
كۈندۈزى ۋەتەن دەپ شۇئارتوۋلايدۇ.
ساختىپەز،نومۇسسىزئاشۇكىشىلەرگە،
شائىرلار ھەسرەتتە، قەلەم يىغلايدۇ.
رېستۇران ئۆيلەردە ، ئاشقان تائاملار ،
دىھقان دەپ، تەلمۈرۈپ زار-زارقاقشايدۇ.
دىھقان ئۇ ،زىمننىڭ ئەڭ چوڭ سەردارى،
دىھقاننىڭ ئەجرى دەپ ، شائېريىغلايدۇ .
دوستىغا دۈشمەندەك، ئوق ئاتقانلارغا،
بىز ئەمەس ھەتتاكى ئالەم سۆزلەيدۇ .
تۈلكىدەك ھېجىيىپ، قاش ئاتقانلارغا ،
ئىنساپ دەپ، ۋىژدان دەپ، شائېريىغلايدۇ.
بەختىيارغېنى(ۋولقان)